باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

قەشقەر شەھىرىدە پارتىيە ئەزالىرى «مىكرو دەرىسخانا» ئارقىلىق تەربىيەلەنمەكتە

2014.09.03 13:03         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-سېنتەبر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئابلىمىت سوپىھاجى خەۋىرى: بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، قەشقەر شەھىرى تور، ئۈندىدار، يىراق مۇساپىلىق ئوقۇتۇش، قىسقا ئۇچۇر قاتارلىق «مىكرو دەرىسخانا» ئارقىلىق ئاساسىي قاتلامدىكى پارتىيە ئەزالىرىنى تەربىيەلەپ، ئۆگىنىشكە تەشكىللەش تەس بولۇشتەك قىيىن مەسىلىنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلدى.

  قەشقەر شەھىرى نۆۋەتتە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان «ئەل رايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» پائالىيىتىنى ياخشى ۋاستە قىلىپ، «ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر ــــ قەشقەر»، «قەدىمىي قەشقەر»، «يىپەك يولىدىكى مەرۋايت ــــ قەشقەر» قاتارلىق ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە ئۈندىدار توپى ئېچىپ، شەھەردىكى 16 مىڭ 242 نەپەر پارتىيە ئەزاسىنى توپقا ئەزا بولۇشقا يېتەكلەپ، ئۈندىدار ئارقىلىق ئۆزئارا تەجرىبە ئالماشتۇرۇش، بايراملىق ئاق تىلەك، مەدەنىيەت ئۇچۇرلىرىنى تارقىتىش قاتارلىقلار ئارقىلىق پارتىيەلىك كادىرلار ۋە ئاساسى قاتلامدىكى پارتىيە ئەزالىرىنى خالىغان ۋاقت، خالىغان جايدا ئۆگىنىشكە تەشكىللەپ، ئۇلارنى شەھەرنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلىرىدىن خەۋەردار بولۇش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشتۈردى. «قەشقەر پارتىيە ئەزالىرى يانفون گېزىتى» تەسىس قىلىپ، ھۆججەت-يىغىن روھى، تۈرلۈك قانۇن-نىزاملار، يېڭى تېخنىكا ئارقىلىق بېيىش تەجىربىلىرى، ساقلىقنى ساقلاش بىلىملىرى، پارتىيە بىلىملىرى، پەننى ئومۇملاشتۇرۇش بىلىملىرى، مەدەنىيەت-سەھىيە ئۇچۇرلىرى قاتارلىق مەزمۇنلارنى تارقىتىپ، كۆچمە پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئۆگىنىش ۋاقتى ۋە يەر-جاي چەكلىمىسىگە ئۇچراش مەسىلىسنى ھەل قىلدى. قىسقا ئۇچۇر، ئۈندىدار ئارقىلىق تارقىتىلغان «ئەتراپىمىزدىكى ئىشلار»، «يېزىدا كۆرگەن-ئاڭلىغانلىرىمىز» قاتارلىق سەھىپىلەرگە پارتىيە ئەزالىرى ۋە ئاممىنىڭ تەكلىپ-پىكىرىنى ئېلىپ، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئاكتىپلىقىنى ئۆستۈردى. پارتىيە ئەزالىرىنى «مىكرو دەرسخانا» دا ئۆگەنگەن مەزمۇنلارنى پارتىيە كۇنىدە مۇزاكىرە قىلىشقا تەشكىللەپ، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ «تۆتتە كۈچلۇك بولۇش» ئېڭىنى يۇقىرى كۆتۈردى.

  تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر