باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

«ئۈزۈمچىلىك كەنتى»دىكى ئىشلار

2014.08.26 16:44         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مېھرىنىسا ئابدۇرېھىم

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئاۋات ناھىيەسىنىڭ ئايباغ يېزىسىدا «ئۈزۈمچىلىك كەنتى» دەپ ئاتىلىدىغان بىركەنت بار. بۇ كەنتتىكى دېھقانلار ئۈزۈمچىلىككە تايىنىپ بېيىش يولىغا ماڭغاچقا،

  نامى يىراق-يېقىنغا پۇر كەتكەن، مۇشۇ كۈنلەردە ھەممە ئائىلىلەر ئۈزۈمنىڭ كۈن نۇرىنى توسۇۋالىدىغان شاخ-يوپۇرماقلىرىنى چاتاپ، ئۈزۈمدە تېخىمۇ كۆپ قەنت تەركىبى ھاسىل قىلىش ئۈچۈن ئالدىراش مەزگىلى ئىدى.

  يۈسۈپ داۋۇت ئائىلىسىدە 5 جان بولۇپ، 14 مو يېرىنىڭ 7 موسى ئۈزۈملىك ئىدى، ئۈزۈمدىنلا يىلىغا 20-30مىڭ يۇەن كىرىم قىلاتتى. ئۇ بۇ يىلمۇ ئۈزۈملىرىنى كەنتنىڭ ھەمكارلىشىشى بىلەن سىرتتىن كەلگەن سودىگەرلەرگە ئالدىن سېتىپ بولدى.

  يۈسۈپ داۋۇت: مەن 7 مويەردە ئۈزۈملىك بىنا قىلغان ئىدىم، بۇلتۇر 20 نەچچە مىڭ يۈەنگە ساتتىم، بۇيىل ئۈزۈملەرنىڭ باشقۇرۇلۇشى ياخشى بولغاچقا، 30 نەچچەمىڭ يۈەنگە ساتتىم، ھال-كۈنىمىز كۈنسېرى ياخشىلىنىۋاتىدۇ، ئۈزۈم سېتىش يوللىرىدىنمۇ غەم قىلمايدىغان بولدۇق.

  بۇ كەنتتىكى دېھقانلار يەنە ئۆز ئىشلىرىنى تۈگەتكەندىن كېيىن، ۋاقتىنى بىكار ئۆتكۈزمەي، ئۈزۈملىرى كۆپ دېھقانلارغا ياردەملىشىپ كىرىمىنى

  ئاشۇردى.

  ئابلاجان ئىگەمبەردى: ئۆزىمىزنىڭ ئۈزۈملىرىنى چاتاپ بولدۇق، ھازىر قوشنىمىزنىڭكىنى چاتىشىپ بېرىۋاتىمىز، كۈنىگە 100 يۈەن تاپالايمەن ، بۇنداق بولغاندا قوشنىمىزمۇ خۇشال بولىدىكەن، مەنمۇ كىرىمىمنى ئاشۇرالايدىكەنمەن.

  «ئۈزۈمچىلىك كەنتى»نىڭ ئەسلى نامى تۆۋەنكى قاغىمۇش كەنتى بولۇپ، كەنتتە 1300 نوپۇس، 3200 مو تېرىلغۇ بار ئىدى، كىشى بېشىغا توغرا كىلىدىغان تېرىلغۇ كۆلىمى 3 موغىمۇ يەتمەيتتى.بۇ كەنتتە نوپۇس كۆپ، يەر ئاز بولغاچقا، ئىلگىرى ناھىيە بويىچە ئەڭ نامرات كەنت ھىسابلىناتتى، 1995-يىلى ھۆكۈمەت دېھقانلارنى ھويلائارام ئىقتىسادىنى راۋاجلاندۇرۇشقا يېتەكلەپ، بىر قىسىم دېھقانلار ھويلىسىدا ئۈزۈم ئۆستۇرۇپ ناھايىتى ياخشى كىرىم قىلدى. بۇنىڭ بىلەن كەنت كادىرلىرى دېھقانلارنى زور كۆلەمدە ئۈزۈملىك بىنا قىلىشقا سەپەرۋەر قىلدى، ئەمما بۇ ئىش ئەينى چاغدا كۆپچىلىكنىڭ ئىدىيىسىدىن تازا ئۆتمىگەنىدى.

  ئايباغ يېزا تۇۋەنكى قاغىمۇش كەنتىنىڭ پارتىيە ياچېيكا شۇجىسى ئابلەت خالىق مۇنداق دېدى: كەنتىمىز 1995-يىلى پىلان ئىچىدىكى كەنت قاتارىغا كىرىش ئۈچۈن ھەممە ئائىلە ئۈزۈم ئۆستۈرگەن ئىدى، كېيىن بىز دېھقانلارنىڭ ئۈزۈمدىن ياخشى كىرىم قىلغانلىقىنى بايقىدۇق، شۇنىڭ بىلەن دېھقانلارنىڭ ئۈزۈم كۆلىمىنى كېڭەيتىشنى قارارقىلغىنىمىزدا دېھقانلار ئانچە قوللىمىدى، كەنت كادىرلىرى دېھقانلار بىلەن سۆھبەتلىشىپ پىكر ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق ئۇلارنى قايىل قىلدۇق.

  ئابلەت خالىقنىڭ مۇخبىرغا تونۇشتۇرۇشىچە، كەنتتە ئۈزۈم تۈرلىرىدىن مۇناقى ئۈزۈم، داڭلىق قىشلىق ئۈزۈم ۋە چۆل ئۈزۈمى ئۆستۈرۈلگەن بولۇپ، بۇ ئۈزۈملەرنىڭ دانىسى چوڭ، پوستى نېپىز، رەڭگى چىرايلىق، تەمى تاتلىق، ئېتى قېلىن ۋە چۈرۈك بولغاچقا، شىنجاڭچە ئالاھىدىلىككە ئىگە ئەڭ تاتلىق يېمەكلىك ھىسابلىنىپ، كىشىلەرنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشكەن. دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، كەنت كادىرلىرى ئۆز ئائىلىسدە ئۈلگە كۆرسىتىش ۋە ئىدىيىسى ئىلغار بىرقىسم دېھقانلارنى باشلامچى بولۇپ ئۆستۈرۈشكە سەپەرۋەر قىلىش ئارقىلىق، سودىغا ئېپى بار دېھقانلارنىڭ سىرتقا چىقىپ سېتىش يوللىرىنى تېپىپ، مەخسۇس كەسپى ھەمكارلىق كوپېراتىپى قۇرۇشىغا ئىلھام بېرىپ، دېھقانلارنى زور كۆلەمدە ئۈزۈملىك بىنا قىلىشقا يېتەكلىگەن. بۈگۈنكى كۇندە ئۈزۈمچلىك كەنتىدە 2600 مو ئۈزۈمزارلىق شەكىللىنىپ، ئۈزۈمزارلىق كۆلىمى كەنت تېرىلغۇسىنىڭ %81 ىنى ئىگىلەپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمى يىلدىن يىلغا ئېشىپ، ناھىيە بويىچە داڭلىق باي كەنت بولۇپ قالغان. بۇنىڭ بىلەن بۇ كەنت ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ، ئاپتونوم رايون بويىچە پەننى ئومۇملاشتۇرۇشتىكى ئۈلگىلىك كەنت، دېگەن نامغا ئېرىشكەن ، كەنتتە قۇرۇلغان ھەمكارلىق كوپېراتىپىغا ئاپتونوم رايون بويىچە «يۈز كۈچلۈك» دېھقانلار كەسپى تېخنىكا ھەمكارلىق كوپېراتىپى، دەپ نام بېرىلگەن.

  ئايباغ يېزا تۆۋەنكى قاغىمۇش كەنتىنىڭ پارتىيە ياچېيكا شۇجىسى ئابلەت خالىق مۇنداق دېدى: كەنتتىكى دېھقانلار ئۈزۈمچىلىك كەسپىگە تايىنىپ كىرىمىنى يىلدىن يىلغا ئاشۇردى. بىز دېھقانلارنىڭ ئۈزۈملىرىنى سېتىش قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۇچۇن، كەنتىمىزە مەخسۇس ھەمكارلىق كوپېراتىپى قۇردۇق. ھازىر دېھقانلار ئۈزۈمنى سېتىشتىن غەم قىلمايدۇ.

  مۇھەررىر: ت. ئا.ئەركمان

  مەنبە: خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر