باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈش-مەمۇرىي تەپتىش كادىرلىرىنىڭ 10 پارچە قانۇن-ئىنتىزامغا خىلاب قىلمىشىنى ئومومىي ئۇقتۇرۇش قىلدى

2014.08.26 16:31         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى مەمۇرىي تەپتىش بۆلۈمىنىڭ تور بېتىدىكى خەۋرەدە، 2013-يىلدىن بويان، ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى «تۆمۈرنى سوققاندا ئۆزى قاتتىق بولۇش كېرەك» دېگەن تەلەپ بويىچە، «چىراق تۇۋى قاراڭغۇ بولۇش» مەسىلىلىرىنى ھەقىقىي ھەل قىلىپ، ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش-مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرى بىر تۈركۈم ئىنتىزام تەكشۈرۈش-مەمۇرىي تەپتىش كادىرلىرىنىڭ قانۇن-ئىنتىزامغا خىلابلىق قىلىش دېلولىرىنى تەكشۈرۈپ چىقتى. 22-ئاۋغۇست ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئىنتىزام تەكشۈرۈش-مەمۇرىي تەپتىش كادىرلىرىنىڭ 10 پارچە قانۇن-ئىنتىزامغا خىلابلىق قىلىش دېلوسىنى ئاشكارە ئېلان قىلدى، بۇلار تۆۋەندىكىچە:

  ئاپتونوم رايونلۇق ئەدلىيە نازارىتى پارتكومىنىڭ سابىق ئەزاسى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش شۇجىسى ۋاڭ شىنجۇڭنىڭ قانۇن-ئىنتىزامغا ئېغىر دەرىجىدە خىلابلىق قىلىش دېلوسى

  ئالتاي ۋىىلايەتلىك 2-ئالىي دەرىجىلىك ئوتتۇرا مەكتەبنىڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈش شۇجىسى، مەكتەبنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ۋاڭ جۇڭ (مۇئاۋىن ھاكىم دەرىجىلىك) نىڭ قانۇن-ئىنتىزامغا ئېغىر دەرىجىدە خىلابلىق قىلىش دېلوسى

  شىنجاڭ نېفىتلىك شىركىتى نۇرباغ ئىشچى-خىزمەتچىلەر دوختۇرخانىسى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش شۇجىسى جياڭ جاۋجۈن (مۇئاۋىن ھاكىم دەرىجىلىك) نىڭ مەركىزىي كومىتېتنىڭ 8 تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلابلىق قىلىش دېلوسى

  خېجىڭ ناھىيەلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن شۇجىسى، مەمۇرىي تەپتىش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ما لۇڭ (مۇئاۋىن ھاكىم دەرىجىلىك تەمىناتتا) نىڭ جەمئىيەت باشقۇرۇش تەرتىپىگە توسقۇنلۇق قىلىشقا چېتىلىپ قېلىش دېلوسى

  چىرا ناھىيەلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى قانۇن ئىجرا ئىشخانىسىنىڭ سابىق مۇدىرى ئىمىنجان تۇرسۇننىيازنىڭ سىياسىي ئىنتىزامغا خىلابلىق قىلىش دېلوسى

  قاراقاش ناھىيە تۈۋەت يېزىلىق پارتكومنىڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈش كادىرى ئەسقەر جۈمەنىڭ سىياسىي ئىنتىزامغا خىلابلىق قىلىش دېلوسىئاقتۇ ناھىيەسى چارلوڭ يېزىلىق پارتكومنىڭ سابىق مۇئاۋىن ئىنتىزام تەكشۈرۈش شۇجىسى قەيسەرنىڭ پاك-دىيانەتلىك بولۇشقا خىلابلىق قىلىش دېلوسى

  ئاقسۇ شەھەرلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ سابىق ئەزاسى، شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ سابىق ئەزاسى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى ۋۇ جۈننىڭ خىزمەتتە مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىش دېلوسى

  پەيزاۋات ناھىيە غولتوغراق يېزىلىق پارتكومنىڭ ئەزاسى، مەخسۇس مۇئاۋىن ئىنتىزام تەكشۈرۈش شۇجىسى تۇرسۇن سوپىنىڭ ۋەزىپىسىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالماسلىق دېلوسىغۇلجا شەھىرى سايبويى كوچا باشقارمىسى سابىق ئىنتىزام تەكشۈرۈش شۇجىسى جاڭ شۆفېڭنىڭ ھاراق ئىچىپ باشقىلارنى قاتتىق ئۇرۇش دېلوسى

  تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر