باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئۇيغۇر خەلق ناخشىلىرىنىڭ چەرچەن تاغ ناخشىلىرى قىسمى سۈرەتكە ئېلىندى

2014.08.26 13:21   مەنبە: خەلق تورى

ئۇيغۇر خەلق ناخشىلىرىنىڭ چەرچەن تاغ ناخشىلىرى قىسمى  سۈرەتكە ئېلىندى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، مىللەتلەر نەشرىياتىنىڭ مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى ئەركىن قادىر، مىللەتلەر ئۈن-سىن نەشرىيات بۈلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى دولقۇن قادىر قاتارلىقلار چەرچەن ناھىيەسىگە كېلىپ، ئالدىنقى يىلى ئۈرۈمچىدىكى «مىڭيول» ئۈن-سىن مەدەنىيەت-سەنئەت شىركىتىدە رەتلەپ ئۈنگە ئېلىنغان چەرچەن تاغ ناخشىلىرىنىڭ تۇرمۇش-مەدەنىيەت مەزمۇنىغا ئاساسەن، چەرچەن ناھىيەسىنىڭ ئاچچان تاغلىرىغا چىقىپ، چارۋىچىلىق-دېھقانچىلىق رايونلىرىدىكى خەلقلەرنىڭ تۇرمۇشىنى ۋە تەكلىماكان قۇملۇقىدىكى ئوتقاشتەك قىزىل يۇلغۇنلار، ئوتتەك قىزىق قۇم باغرىنى قۇچاقلاپ ئۆسۈۋاتقان توغراقلار، چەرچەن دەرياسى بويلىرىدىكى قەدىمىي مەھەللىلەر، چەرچەندىكى قەدىمىي قارى مەستۇرخېنىم مازىرى، تاتراڭ يېزىسىدىكى 103 يىللىق تارىخقا ئىگە ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان قەدەمىي ئىمارەت قاتارلىق جايلارنى ۋە تاغ ناخشىلىرى ۋارسلىرىنى ھەمدە ئۇلارنىڭ تۈرلۈك مەشرەپلىرىنى سۈرەتكە ئالدى. ئەركىن قادىرنىڭ دېيىشىچە، ئۇيغۇر خەلق ناخشىلىرىنى چۈشىنىپ، ئۆگىنىپ، توپلاپ، رەتلەش ۋە ئۇنىڭ تارىخى، مەدەنىيەت ئورنىنى نامايەن قىلىش ئۈچۈن سۈرەتكە ئېلىش دۆلەتنىڭ مۇھىم بىر تۈر قۇرلۇشى بولۇپ، يېقىنقى ئۈچ يىلدىن بېرى قەشقەر، خوتەن، ئاتۇش، تۇرپان، كۇچا، لوپنۇر، قۇمۇل، غولجا، چەرچەن قاتارلىق رايونلاردىكى خەلق ناخشىلىرىنى ئاپتونوم رايوندىكى مەدەنىيەت-سەنئەت تەتقىقاتچىلىرىنىڭ ياردىمىدە ۋە يەرلىكتىكى مەدەنىيەت-سەنئەت تەتقىقاتچىلىرىنىڭ ماسىلىشپ ھەمكارلىشىشىدا، شۇ جايلارغا بېرىپ 2 مىڭغا يېقىن خەلق ناخشىسىدىن 200 گە يېقىن خەلق ناخشىسىنى تاللاپ ھەر قايسى يۇرتلاردىكى خەلق سەنئەتكارلارنىڭ ئەسلى ۋارىيانتى بويىچە ئورۇنلىشىدا ئۈنگە ئالغان.

  بۇيىل ئۇلار كورلا باش ئەگىم، باغراش كۆلى ۋادىسى، لوپنۇر ئوتەڭ قەدىقمىي تاش شەھرى ، چاقىلىقنىڭ كىچىك مىرەن قەدىمىي شەھرى قاتارلىق جايلارنى سۈرەتكە ئالغان ۋە ئىككىنچى بېكەت چەرچەنگە مۇناسىۋەتلىك كۆرۈنەشلەرنى سۈرەتكە ئالغىلى كەلگەن.

  سۈرەتتە: گۇرۇپپا ئەزالىرى چەرچەن ناھىيە تاتراڭ يېزىسىدا چەرچەننىڭ قەدىمىي تائاملىرىدىن سۇلتان كۈمەچنى سۈرەتكە ئالماقتا.

  تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپى ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئوقۇش تەۋەلىكىنى بېكىتىشتە يېڭى ئۇسۇل قوللىنىلىدۇ
      ·پەرۋەردىگار بالامنى ئۆز پاناھىدا ساقلىغاي
      ·ئۆزبېكىستاننىڭ %50 ئائىلىسىدە مىنبۇس ماشىنا بار
      ·بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇتۇش ئىستىلىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىگە ئوقۇغۇچىلارنى قاتناشتۇرۇش…
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى باشلانغۇچ ئوقۇغۇچىلىرىغا ئائىلە ئەمگەك تاپشۇرۇقىنى كۆپەيتىشنى بەلگىلىدى
      ·يىراق مۇساپىلىق ئوقۇتۇش كۇچا ناھىيەسىنىڭ كەنىتلىرىنى قاپلىدى
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئوقۇغۇچىلار رويخېتى سىستېمىسى ئارقىلىق پەرزەنتلەرنىڭ كۆچۈش ئەھۋالىنى تەكشۈرىدۇ
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى مەكتەپلەر ھەرقانداق شەكىلدە ئوقۇشقا كىرىش-ئۆر…
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: ھەربىر ئوقۇغۇچىغا مەملىكەت بويىچە بىردىنبىر ئوقۇش تەۋەلىك نومۇرى تارقىلىتىدۇ
      ·كۈندە بىر سائەت ئويۇن ئويناش بالىلار ئۈچۈن پايدىلىق