باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ساخاۋەتچى ئالىم خالىق ئاپەت بولغان جايلاردىكى خەلققە پولو ئېتىپ بەردى

2014.08.11 10:00         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  چاڭشا كەچلىك گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىن ئۇزۇن يول بېسىپ، يۈننەن ئۆلكىسى لۇديەن ناھىيەسىگە ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشقا ياردەم بېرىش ئۈچۈن يېتىپ كەلگەن مەملىكەتلىك ئەمگەك نەمۇنىچىسى، كاۋاپچى ساخاۋەتچى ئالىمجان خالىق 9-ئاۋغۇست چۈشتىن كېيىن سائەت بىردىن ئۆتكەندە، لۇديەندىكى بىر يۇرتداشنىڭ كىچىك يۈك ماشىنىسى بىلەن لۇديەن ناھىيە بازىرىدىن لوڭتۇشەن بازىرىدىكى ئاپەت بولغان جايغا يېتىپ بارغان. ئالىمجان خالىق بۇ يەرگە كېلىشى بىلەنلا «قەيەردە بوش ئورۇن بار؟ جاي تېپىپ قازاننى دەرھال ئاسايلى» دەپ ئىشقا كىرىشىپ كەتكەن.


  لۇديەندە يەر تەۋرىگەندىن كېيىن، يىراقتىكى شىنجاڭدا تۇرۇۋاتقان ئالىمجان خالىقنىڭ ئىچى تىتىلداپ كەتتى، ئۇ ئالدىراشلا مىڭدىن ئارتۇق نان تەييارلاپ، ئۈرۈمچىدىن لۇديەندىكى ئاپەت بولغان جايلارغا مېھرى-شەپقەت يەتكۈزۈشكە ئاتلاندى. ئۇ 6-ئاۋغۇست كەچتە ئۈرۈمچىدىن ئايروپىلان بىلەن كۇنمىڭغا باردى، شۇ كۈنى كەچتە يەنە ماشىنا بىلەن لۇديەن ناھىيەسىگە كەلدى. ئۇ مەن بۇ ئىككى كۈندە ناھىيە بازىرىغا يېقىن ئەتراپتىكى ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىغا تاماق ئېتىپ بېرىمەن» دېدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر