باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

قەشقەر شەھىرىنىڭ كونا شەھەر رايونى يىپيېڭى تۈسكە كىرىدۇ

2014.07.30 09:14         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  قەشقەر شەھىرىنىڭ باشلىقى ئەنۋەر تۇرسۇن يېقىندا مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: قەشقەر شەھىرىنىڭ كونا شەھەر رايونىدىكى خەتەرلىك ئۆيلەرنى ئۆزگەرتىش، ھەر تەرەپلىمە تەرتىپكە سېلىش تۈرىدە بۈگۈنگىچە 29 مىڭ 247 ئائىلىنىڭ خەتەرلىك ئۆيلىرىدە ئىش باشلىنىپ، ئومۇمىي ۋەزىپىنىڭ %59.6 ى ئورۇنلاندى، مەركىزىي رايوندا 10 مىڭ 818 ئائىلىنىڭ ئۆيلىرىدە ئىش باشلىنىپ، ئومۇمىي ساننىڭ %88 نى ئىگىلىدى. بىز ۋەزىپە ئورۇنلانغان چاغدا، قەشقەر شەھىرى كونا شەھەر رايونىنىڭ مىللىي ئۆرپ-ئادەت، ساياھەت، ئارامگاھ قاتارلىقلار بىر گەۋدىلەشكەن بەش ئا دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرىگاھىغا ئايلىنىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز.

  2010-يىلى 24-ئاۋغۇست قەشقەر شەھىرىنىڭ كونا شەھەر رايونىدىكى خەتەرلىك ئۆيلەرنى ئۆزگەرتىش، ھەر تەرەپلىمە تەرتىپكە سېلىش تۈرى رەسمىي باشلانغاندىن بۇيان، قەشقەر شەھىرى مەركىزىي رايون ئاھالىلىرى تەبىئىي شەكىللەندۈرگەن كوچا قىياپىتى، ئىمارەت شەكلى، بوشلۇق ئارىلىقى، يەرلىك مەنزىرىسى قاتارلىق ئۇيغۇر بىناكارلىق سەنئىتى ۋە مەدەنىيىتىنى ئاساس قىلىپ، كونا شەھەر رايونىدىكى بەش ئا دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرىگاھىنى قۇرۇش پۇرسىتىگە تولۇق بىرلەشتۈرۈپ، قەشقەر شەھىرى كونا شەھەر رايونىنىڭ مەركىزىنى ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىي مەدەنىيىتى، قەدىمى شەھەر قىياپىتى، كوچىلارنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى، بىناكارلىق ئۇسلۇبى، ئەنئەنىۋى تۇرمۇش شەكلى، ئۆرپ-ئادىتى ۋە خەلق خاتىرجەم ياشايدىغان دۆلەت ئىچىدىكى ئالاھىدە بەش ئا دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرىگاھى قىلىپ قۇرۇش چىقىرىشقا كۈچ چىقىرىپ، ئاھالىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، كىرىمىنى كۆپەيتىش ئارقىلىق بېيىتىدىغان مەنبەسىگە ئايلاندۇردى.

  ئەنۋەر تۇرسۇننىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، قەشقەر شەھىرى كونا شەھەر رايونىدىكى بەش ئا دەرىجىلىك مەنزىرىگاھنى قۇرۇشقا 848 مىليون 578 مىڭ 700 يۈەن مەبلەغ سېلىنىدىكەن، ئاخىرىدا، بىر رايون، بىر بۇلاق، بىر مەسچىت، بىر بەلباغ، بىر مۇنار، ئىككى كۆل، ئىككى شەھەر، ئىككى باغچە، ئۈچ ساراي، ئۈچ مەيدان قۇرۇپ چىقىلىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر