باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

قەشقەر ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى ھەمكارلىقىنى كېڭەيتمەكتە

2014.07.30 09:12         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئەڭ چوڭ خەلقئارا ئىقتىساد-سودا كاتتا مەرىكىسى بولغان 10-نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ قەشقەر-ئوتتۇرا ئاسىيا، جەنۇبىي ئاسىيا تاۋار يەرمەنكىسى 27-ئىيۇلدىن 29-ئىيۇلغىچە قەشقەر ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونىدىكى خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ. سەككىز دۆلەت، جۇڭگو ۋە چەتئەللەرنىڭ 446 ئەلچىسى، چەتئەل ھۆكۈمەتلىرى، كارخانا ۋەكىللىرى بولۇپ 1500 دىن ئارتۇق ئەزىز مېھمان يەرمەنكىگە قاتناشتى، بۇ يەرمەنكە يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى سودا ئوبوروت ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىدۇ. قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى زېڭ سۈن مۇنداق دېدى: مەركەز جەنۇبىي شىنجاڭدا يولغا قويغان مەملىكەت بويىچە بىردىنبىر ئالاھىدە مالىيە، مەبلەغ سېلىش، پۇل مۇئامىلە، كەسىپ، كادىر ئىختىساسلىقلار سىياسىتى قەشقەرگە تېپىلغۇسىز تارىخىي پۇرسەت يارىتىپ بەردى. قەشقەر ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايونى داڭلىق ماركىسىنى يارىتىش-قەشقەر بىلەن ئىچكى جايلار، ئەتراپتىكى دۆلەتلەر، ھەتتا دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىش، دوستلۇقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىنى بىرلىكتە قۇرۇشقا مۇھىم سەھنە ھازىرلاپ بېرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر