باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭدا بالىلار باغچىلىرىنىڭ ھەق ئېلىش ئۆلچىمى ئوتتۇرىغا چىقىرىلدى

2014.07.30 08:30         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىندا ، ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات –ئىسلاھات كومىتېتى ، مائارىپ نازارىتى ۋە مالىيە نازارىتى بىرلىكتە «ئاپتونوم رايون تەۋەلىكىدىكى بالىلار باغچىلىرىنىڭ ھەق ئېلىش ئۆلچىمىگە ئالاقىدار ئۇقتۇرۇش » نى بېسىپ تارقاتتى . «ئۇقتۇرۇش» تا پۈتۈن ئاپتونوم رايون تەۋەلىكىدىكى بالىلار باغچىلىرىنىڭ بېقىش ھەققى ، ياتاق ھەققى ۋە مۇلازىمەت خاراكتېرلىك ھەقلىرى ئۆلچەملەشتۈرۈلگەن .

  ھەق ئېلىش ئۆلچىمى بالىلار باغچىلىرىنىڭ دەرىجىسىگە قاراپ بېكىتىلىدىغان بولۇپ ، دۆلەت باشقۇرۇشىدىكى بالىلار باغچىلىرىنىڭ يېتەكچى خاراكتېرلىق ھەق ئېلىش ئۆلچىمى 300 يۈەندىن 540 يۈەنگىچە بولىدىكەن . شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ھەرقايسى ۋىلايەت-ئوبلاست ۋە شەھەرلەر يېتەكچى خاراكتېرلىك ھەق ئېلىش ئۆلچىمى ئاساسىدا ، شۇ جاينىڭ ھەق ئېلىش ئۆلچىمىنى بېكىتىشى كېرەككەن .

  يېڭى ھەق ئېلىش ئۆلچىمى 2014-يىلى 9-ئايدىن باشلاپ ئىجرا قىلىنىدىغان بولۇپ ، ئاپتونوم رايون جايلاردىكى بالىلار باغچىلىرىنىڭ ھەق ئېلىشنى باشقۇرۇش ۋە نازارەتنى كۈچەيتىپ ، دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايون بېكىتكەن بالىلار باغچىسى مائارىپى ھەق ئېلىش سىياسىتىنى ئۆزلىكىدىن ئىجرا قىلىشنى تەلەپ قىلغان .

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر