باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

پارتىيەنى قاتتىق باشقۇرۇشتا قەتئىي تەۋرەنمەسلىك كېرەك

2014.07.30 08:24         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇ يۇڭكاڭنىڭ ئىنتىزامغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلىش مەسىلىسىگە ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى « جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ نىزامنامىسى» ۋە «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئىنتىزام تەكشۈرۈش ئورگانلىرىنىڭ دېلو تەكشۈرۈش خىزمىتى نىزامى »دىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن ، ج ك پ مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈشىنى قارار قىلدى . مەركەزنىڭ بۇ قارارى پارتىيەمىزنىڭ ئۆزىنى پاكلاشتۇرۇش ، ئۆزىنى يېڭىلاشتىكى سىياسىي جاسارىتىنى ، پارتىيەمىزنىڭ «دۆلەتنى باشقۇرۇشتا ئالدى بىلەن چوقۇم پارتىيەنى باشقۇرۇش ، پارتىيە ئىشلىرىنى باشقۇرۇشتا چوقۇم قاتتىق بولۇش » تىن ئىبارەت قەتئىي ئىرادىسىنى گەۋدىلەندۈردى .

  پارتىيە ئىنتىزامى ئالدىدا ھەممە ئادەم باراۋەر، پارتىيە ئىچىدە ئالاھىدە پارتىيە ئەزاسى يوق . جۇ يۇڭكاڭ مەسىلىسىنى دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈش بۇ نۇقتىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلىدى . سوتسىيالىستىك جۇڭگودا تۈزۈم دائىرىسىدىن چەتنىگەن ھوقۇق مەۋجۇت ئەمەس ، شۇنداقلا پارتىيە ئىنتىزامى ، دۆلەت قانۇنىدىن چەتنىگەن پارتىيە ئەزاسىنىڭ بولۇشىغا يول قويۇلمايدۇ . قانداق كىشى قانۇن-ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىدىكەن ، ھەممىسى قانۇن-نىزامغا ئاساسەن بىرتەرەپ قىلىنىدۇ . پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلار ۋەزىپىسىنىڭ يۇقىرى-تۆۋەن بولۇشىدىن ، پارتىيەلىك ئىستاژىنىڭ ئۇزاق-قىسقا بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر ھەممىسى پارتىيە ئىنتىزامى ، دۆلەت قانۇنىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرايدۇ ، ئۇلار پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ تەربىيەسى ۋە نازارىتىنى قوبۇل قىلىشى شەرت . ئەگەر شەخسىي ئارزۇسى چېكىدىن ئېشىپ ، ھوقۇقىدىن قالايمىقان پايدىلىنىپ ، شەخسىي مەنپەئىتىنى كۆزلىسە ھامان بىر كۈنى موللاق ئاتىدۇ ، ھەتتا قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ جىنايەت ئۆتكۈزۈش يولىغا ماڭىدۇ. ھەرقانداق كىشى بۇ نۇقتىدا تەلەي سىناش ئويىدا ، « ئىش چىقمايدۇ » دېگەن قىياستا بولماسلىقى ؛ ھەر قانداق كىشى قانۇننى كۆزگە ئىلماي ، «بىخەتەرلىك ساندۇقى » ئىچىدە تۇرۇۋاتقاندەك خىيالىي تۇيغۇدا بولماسلىقى كېرەك . جۇڭگونىڭ ئىشلىرىنى ياخشى قىلىشتا ئاچقۇچ پارتىيەدە ؛ قۇدرەتلىك پارتىيە قۇرۇپ چىقىشتا جەزمەن پارتىيەنى قاتتىق باشقۇرۇش كېرەك . بىزگە ئوخشاش 86 مىليوندىن ئارتۇق پارتىيە ئەزاسى ، 1 مىليارد 300 مىليون نوپۇسى بار چوڭ دۆلەتتە ئۇزاق مۇددەت ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان پارتىيە ئۈچۈن ئېيتقاندا ، پارتىيەنى باشقۇرۇش ، پارتىيەنى ئىدارە قىلىشنى بىر سىكۇنتمۇ بوشاشتۇرۇپ قويۇشقا بولمايدۇ. يېڭى ۋەزىيەتتە، پارتىيەمىز تۇرۇۋاتقان تارىخىي يۆنىلىش ۋە پارتىيەمىزنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش شارائىتى، پارتىيە ئەزالىرى قوشۇنى قۇرۇلمىسىدا زور ئۆزگىرىش بولدى. پارتىيەلىك كادىرلار قوشۇنىنىڭ ئاساسىي ئېقىمى ئىزچىل ياخشى بولسىمۇ، ئەمما پاسسىپلىق، چېرىكلىك ھادىسلىرى، قانۇن-ئىنتىزامغا خىلاپ دېلولار يەنىلا پات-پات يۈز بېرىپ، سىناق ۋە خەۋپ-خەتەر ئالدىمىزدا كەسكىن تۇرماقتا. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «پارتىيەمىز دۇچ كەلگەن ۋەزىيەت قانچىكى مۇرەككەپ، زىممىسىدىكى ۋەزىپە قانچە مۈشكۈل بولسا، پارتىيە ئىنتىزامى قۇرۇلۇشىنى شۇنچە كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ ئىتتىپاقلىقى، بىرلىكىنى شۇنچە قوغداپ، پۈتۈن پارتىيەدىكىلەرنىڭ بىرلىككە كەلگەن ئىرادە، بىر تۇتاش ھەرىكەت بويىچە بىردەك قەدەمدە ئىلگىرىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك». پارتىيە پارتىيەنى باشقۇرۇشتا ئالدى بىلەن كادىرلارنى ياخشى باشقۇرۇش كېرەك؛ پارتىيەنى قاتتىق باشقۇرۇشنىڭ ئاچقۇچى ئەمەلدارلارنى قاتتىق باشقۇرۇشتا. «تۆت چوڭ سىنا‎ق»قا بەرداشلىق بېرىش، «تۆت چوڭ خەۋپ-خەتەر»نىڭ ئالدىنى ئېلىشتا پۈتۈن پارتىيەدىكى يولداشلار چوقۇم سەگەك بولۇپ، خاتىرجەم شارائىتتىمۇ خەۋپ-خەتەر ئېڭىنى ئىزچىل ساقلاپ، پارتىيە ئىنتىزامى، دۆلەت قانۇنىدىن ئىبارەت بۇ تارىنى ئىزچىل چىڭىتىپ، پارتىيەنى قاتتىق باشقۇرۇشتىكى تەلەپلەرنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.

  «كۈچلۈك بولساڭ تۆمۈر سوقالايسەن » . ئېتىقادى مۇستەھكەم ، ئىنتىزامى قاتتىق ، ئىستىلى دۇرۇس ، پاك-دىيانەتلىك سىياسىي پارتىيە ھەر قانداق ۋاقىتتا يېڭىلمەس ئورۇندا تۇرىدۇ . بۇ پارتىيەمىزنىڭ 90 نەچچە يىللىق كۈرەش مۇساپىسىنىڭ چوڭقۇر خۇلاسىسى، شۇنداقلا پارتىيەمىزنىڭ پاكلىق، ئىلغارلىقىنى باشتىن-ئاخىر ساقلىشىنىڭ تۈپ تەلىپى. ۋەزىيەت تەرەققىياتى، ئىشلاردا يول ئېچىپ ئىلگىرىلەش، خەلقنىڭ ئارزۇسى ئالدىدا، پۈتۈن پارتىيەدىكى يولداشلار ئىدىيەنى مەركەزنىڭ روھى ئاساسىدا ئاڭلىق بىرلىككە كەلتۈرۈپ، پارتىيەۋىلىك جەھەتتىكى تەربىيەلىنىشنى كۈچەيتىپ، غايە-ئېتىقادىنى چىڭىتىپ، قانۇن-ئىنتىزامغا قاتتىق رىئايە قىلىشى؛ ئىنتىزامنى كۈچەيتىپ، يامانغا نەپرەتلىنىپ، ناتوغرا ئىستىللارغا مەيدانى مۇستەھكەم ھالدا قارشى تۇرۇپ، پارتىيەمىزنى تېخىمۇ پېشقان، تېخىمۇ كۈچلۈك، تېخىمۇ جەڭگىۋارلىققا ئىگە قىلىشىمىز كېرەك .

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر