باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

كېچىسى توختىتىلغان ئاپتوموبىللاردىن زادى قانداق ھەق ئېلىنىدۇ ؟

2014.07.28 13:40         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىندا ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانلىرىنى زىيارەت قىلىۋېتىپ، ئاپتوموبىل توختىتىش ھەققى تەڭشەلگەندىن بۇيان، كۆپلىگەن ئاپتوموبىل ئىگىلىرىنىڭ كېچىسى توختىتىلغان ئاپتوموبىللاردىن زادى قانداق ھەق ئېلىنىدىغانلىقىنى بىلمەيدىغانلىقىنى، قالايمىقان ھەق ئېلىش ئەھۋاللىرىنىڭ يەنىلا مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم.

  قىسمەن ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانلىرىدىكى ھەق يىغقۇچىلار كېچىسى توختىتىلغان ئاپتوموبىللاردىن قانداق ھەق ئېلىشنى بىلسىمۇ، شوپۇرلارغا ھەقىقىي ئەھۋالنى ئېيتمايدىكەن. ئۇقۇشىمچە، ئۈرۈمچى شەھىرى 2013 – يىلى تارقاتقان 1093 – نومۇرلۇق ھۆججەتتە ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى 1 – تۈردىكى يول بۆلەكلىرىنىڭ ئەتىگەنلىك سائەتلىك ھەق ئېلىش ئۆلچىمى ئالدىنقى بىر سائەتتە ئالتە يۈەن بولىدىكەن، ئىككىنچى سائىتىدىن باشلاپ، يەتتە يۈەن بويىچە ھەق ئېلىنىدىكەن. بىر سائەتكە توشماي، يېرىم سائەت توختاتسا، 3.5 يۈەن ھەق ئېلىنىدىكەن. ئىككىنچى تۈردىكى يول بۆلەكلىرىدە ئەتىگەنلىك ئاپتوموبىل توختىتىش ھەققى سائىتىگە بەش يۈەن، يېرىم سائەت توختىتىلسا ئۈچ يۈەن بولىدىكەن. ئۈچىنچى تۈردىكى يول بۆلەكلىرىدە ئەتىگەنلىك ئاپتوموبىل ھەققى سائىتىگە ئىككى يۈەن، بىر سائەتتىن ئاشقاندىن كېيىن، يېرىم سائەت بويىچە ھېسابلىنىپ، بىر يۈەن ھەق ئېلىنىدىكەن.

  كېچىلىك ھەق سائىتىگە بىر يۈەندىن بولىدىكەن، بىرىنچى تۈردىكى يول بۆلەكلىرىدە ھەق ئېلىش ئۆلچىمى سەككىز يۈەندىن ئېشىپ كەتمەسلىكى، ئىككىنچى، ئۈچىنچى تۈردىكى يول بۆلەكلىرىدە ھەق ئېلىش ئۆلچىمى بەش يۈەندىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك ئىكەن. كېچىلىك ئاپتوموبىل توختىتىش ۋاقتى ئۈرۈمچى ۋاقتى كەچ سائەت سەككىزدىن ئەتىگەن سائەت يەتتىگىچە بولىدىكەن. سودا ساراي، مېھمانساراي قاتارلىق ئاممىۋى ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانلىرىنىڭ كېچىلىك ھەق ئېلىش ئۆلچىمى ھۆججەتتە بەلگىلەنگەن ئەڭ يۇقىرى ئۆلچەم بويىچە بولىدىكەن.

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانلىرىنى باشقۇرۇش 2 – گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى دۇ بىڭ مۇنداق دېدى: ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانلىرىدىكى ھەق ئېلىش خادىملىرى ئىمتىھان بېرىپ، لاياقەتلىك گۇۋاھنامىسىگە ئېرىشكەندىن كېيىن خىزمەتكە ئورۇنلىشىدۇ. ئەگەر ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانلىرىدا قالايمىقان ھەق ئېلىش ئەھۋاللىرى يۈز بەرسە، تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغاندىن كېيىن، كەسىپكارلىق سالاھىيەتنامىسنى ھازىرلىمىغان باشقۇرغۇچى خادىملارنى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىملەر بويىچە جازالايمىز، قالايمىقان ھەق يىغىۋاتقان ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانلىرىنى تىجارەتتىن دەرھال توختىتىمىز.

  ئىگىلىشىمچە، ئۈرۈمچى شەھىرىدە ۋاقىتلىق ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانىدىن 380ى، ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنىدىن 10 مىڭ 847 سى بار ئىكەن. بۇنىڭدىن كېيىن، ئۈرۈمچى شەھىرى بارلىق ئاممىۋى ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانى ۋە جەمئىيەتكە ئېچىۋەتكەن ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانلىرىدىكى باشقۇرغۇچى خادىملارغا بولغان تەربىيەلەشنى كۈچەيتىپ، باشقۇرغۇچى خادىملارنىڭ ساپاسىنى داۋاملىق ئۆستۈرىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر