باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

تۇرپان ۋىلايىتىنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارنى سىجىل تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش كېرەك

2014.07.24 12:17         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خۇنەن ئۆلكىلىك پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر تۇرپاندا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى ۋە سۆھبەت يىغىنى ئاچتى

  لى شىڭ خەۋەر قىلىدۇ: خۇنەن ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئۆلكە باشلىقى دۇ جياخاۋ باشچىلىقىدىكى خۇنەن ئۆلكىلىك پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى نۇر بەكرىنىڭ ھەمراھلىقىدا، 22 – ئىيۇلدىن 23 – ئىيۇلغىچە تۇرپاندا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.

  2010 – يىلىدىن بۇيان، خۇنەن ئۆلكىسى جەمئىي 1 مىليارد 17 مىليون يۈەن (خەلق تۇرمۇشى تۈرىدىكى ياردەم مەبلىغى %85نى ئىگىلەيدۇ) شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش مەبلىغى ئاجرىتىپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش تۈرىدىن 76نى يولغا قويۇپ، ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش، مائارىپ، سەھىيە، باغچىلاشقان كەسىپلەر رايونى، ئىختىساسلىقلار جەھەتتە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش تۈرلىرىنى ئوڭۇشلۇق يولغا قويۇپ، كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمگە ئېرىشتى.

  دۇ جياخاۋ ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى 22 – ئىيۇلدىن 23 – ئىيۇلغىچە تۇرپان ۋىلايىتىدىكى زاۋۇت، يېزا ۋە بىڭتۈەن 12 – شىسىگە باردى، پىچان ناھىيەسى تېخنىكىلىق چۈجە چىقىرىش مەركىزى (ئىستۇدېنتلار ئىگىلىك تىكلەش رايونى)، توقسۇن ناھىيەسىنىڭ ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش قۇرۇلۇشى قاتارلىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشتىكى تۈرلەرنىڭ قۇرۇلۇش ئەھۋالىنى تەكشۈردى، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشكە كەلگەن كادىرلارنى يوقلىدى، خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ تۇرپان ۋىلايىتىگە نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئاچتى.

  دۇ جياخاۋ سۆھبەت يىغىنىدا مۇنداق دېدى: خۇنەن ئۆلكىسى شىنجاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، ھۆكۈمەتنىڭ قوللىشى بىلەن، تۈر قۇرۇلۇشىنى مۇھىم نۇقتا قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، كەسىپلەر تەرەققىياتى ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى باشتىن – ئاخىر گەۋدىلەندۈرۈپ، تۇرالغۇ قۇرۇلۇشى، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە تەربىيەلەش، مائارىپ، سەھىيە قاتارلىق ساھەلەردە ھەقىقىي ئۈنۈملەرنى قولغا كەلتۈردۇق. بۇنىڭدىن كېيىن، مەركەزنىڭ 2 – قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمەتلىرىنى پۇختا ئىشلەيمىز.

  دۇ جياخاۋ مۇنداق دېدى: بىز تۇرپان ۋىلايىتىنىڭ تەرەققىياتىغا نىشانلىق ياردەم بېرىشنى خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ 13 – بەش يىللىق يىرىك پىلانىغا كىرگۈزۈپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ قاراتمىلىقى، ئۈنۈمچانلىقىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرىمىز؛ تۇرپان ۋىلايىتىنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشقا تېخىمۇ ئېتىبار بېرىمىز. يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى قۇرۇشتىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، كەسىپلەرنى جىپسىلاشتۇرۇش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، مەدەنىيەت ساياھىتى، بايلىق ئېچىش، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش، سودا ئوبوروتى قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، تۇرپان ۋىلايىتىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىغان كەسىپلەرنىڭ ئاساسىنى يەنىمۇ پۇختىلايمىز؛ خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشقا يەنىمۇ ئەھمىيەت بېرىمىز. يەرلىك ئەمگەكچىلەر، بولۇپمۇ ئاز سانلىق مىللەت ئەمگەكچىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، داۋالاش، سەھىيە، تۇرالغۇ قاتارلىق ساھەلەردىكى سېلىنمىنى ئاشۇرۇپ، تۇرپان ۋىلايىتىنىڭ خەلق تۇرمۇشى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك يۇقىرى كۆتۈرۈشكە تىرىشىمىز؛ شىنجاڭغا ئومۇميۈزلۈك نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە يەنىمۇ ئەھمىيەت بېرىمىز.

  نۇر بەكرى مۇنداق دېدى: بۇنىڭدىن كېيىن، بىز مەركەزنىڭ قارار، ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، خۇنەن ئۆلكىسى بىلەن زىچ ھەمكارلىشىپ، بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە پايدىلىق بولۇشنى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشنىڭ تۈپ نىشانى قىلىپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىدە يېڭى ئۈنۈملەرگە ئېرىشىشنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرىمىز.

  نۇر بەكرى مۇنداق دېدى: خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ كەسىپلەر، ئىختىساسلىقلار، مەبلەغ ۋە تېخنىكا جەھەتلەردىكى ئۈستۈنلۈكلىرىنى جارى قىلدۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ كارخانىلارنى شىنجاڭغا كېلىپ مەبلەغ سېلىپ راۋاجلىنىشقا رىغبەتلەندۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمىز. خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىكى تېخىمۇ كۆپ تەجرىبە ۋە ئەندىزىلىرىنى شىنجاڭغا ئېلىپ كېلىپ، ئۆز ئۈستۈنلۈكىنى جارى قىلدۇرۇپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى قۇرۇلۇشىنى ئورتاق تېزلىتىشنى ئۈمىد قىلىمىز؛ ئالاقىلىشىش، بېرىش – كېلىىش قىلىشتا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، خۇنەن بىلەن شىنجاڭدىكى تۈرلۈك تەشكىلاتلارنىڭ ئالاقىسى ۋە ھەمكارلىقىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك.

  تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش مەزگىلىدە، ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر يەنە يەسلى قۇرۇلۇشىغا ئىئانە قىلىش، مەكتەپ ئاپتوموبىلى تەقدىم قىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى، تۇرپان ۋىلايىتى بىلەن ئۈزۈم قاتارلىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى سودا توختامى ئىمزالىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر