باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىۋاتقان شەخسىي ئاپتوموبىللار

2014.07.24 11:57         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىختىيارى مۇخبىرلىرىمىز مۇنىردىن تۇنياز، تۇردى راخمان، ئامانگۇللەر خەۋىرى: يېقىندا ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسىدىن ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ بوزدۆڭ يېزىسى ئاقبۇلاق كەنتىگە چۈشكەن كادىرلار ئۆزلىرىنىڭ شەخسىي ئاپتوموبىلى بىلەن كەنت ئاھالىلىرىگە مۇلازىمەت قىلىش ئەترىتى قۇرۇپ، دېھقان–چارۋىچىلارنىڭ قاتناش مەسىلىسىنى ھەل قىلدى.

  بوزدۆڭ يېزىسىنىڭ ئاقبۇلاق كەنتى ئونسۇ ناھىيەسىگە 120 كلومېتىر كېلىدىغان تاغلىق كەنت بولۇپ، قاتنىشى قولايسىز، كەنت ئاھالىسىنىڭ ئاساسلىق قاتناش قورالى موتوسىكلىت بىلەن ئېشەك ھارۋىسى بولۇپ، ئىش بېجىرىش قولايسىز ئىدى، ۋىلايەتلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسىدىن بۇ كەنتكە چۈشكەن كادىرلار ئاممىنىڭ ناھىيە بازىرىغا، ئاقسۇ شەھىرىگە كىرىپ–چىقىشتا قىينىلىۋاتقانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئۆزلىرىنىڭ شەخسىي ئاپتوموبىلىدىن پايدىلىنىپ ئاممىغا ھەقسىز مۇلازىمەت قىلدى.

  خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى ئابلاجان ئادىل مۇنداق دېدى: بۇ بىز ئۈچۈن كىچىك ئىش، بىراق شۇ ئارقىلىق دېھقان–چارۋىچىلارغا نۇرغۇن قولايلىق ئېلىپ كېلىپ، كەنتتە ئۆز قىممىتىمىزنى ئاشۇردۇق، شۇنداقلا ئاممىنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتۇق. بۇنىڭدىن كېيىن بۇ ئىشنى توختىتىپ قويماي داۋاملىق داۋاملاشتۇرىمىز. مۇخبىرلار: ئونسۇ ناھيەلىك سۈپەت تېخنىكا نازارەتچىلىكى ئىدارىسىدە

  مۇھەررىر: ت. ئا.ئەركمان

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر