خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز مۇساجان ياسىن خەۋىرى، فوتوسى: قاغىلىق ناھىيەسىنىڭ چوپان يېزىسىنىڭ كەنىتلىرىگە چۈشكەن «ئەل رايىنى بىلىش،ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش،ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىدىكى كادىرلار بىر نەچچە ئايدىن بېرى زىيارەت قىلىش جەريانىدا كۆپ قىسىم ياشانغان دېھقانلارنىڭ سالامەتلىكنى پات-پات تەكشۈرتەلمەيدىغانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ، يېزىلىق شىپاخانا بىلەن ئالاقىلىشىپ، 7-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن 21-كۈنىگىچە 60 ياشتىن ئاشقان 1840 دېھقان-چارۋىچىنىڭ يۈرەك، قان بېسىمى قاتارلىق ئىچكى ئەزا قىسمىنى ئومۇمىيۈزلۈك ھەقسىز تەكشۈرتكۈزدى.
سۈرەتتە: دوختۇرلار ياشانغانلارنى تەكشۇرمەكتە.
مۇھەررىر: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى