خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز مۇھەممەتتۇرسۇن ئابلىز، مۇساجان ياسىنلار خەۋىرى، فوتوسى: قاغىلىق تاشيول باشقۇرۇش باش ئىدارىسى پارتكومى يېتىپ كېلىش ئالدىدىكى ئارمىيە بايرىمىنى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن، 7-ئاينىڭ 19-كۈنى ناھىيەدە تۇرۇشلۇق قىسىملار، قوراللىق ساقچى قىسىم، جامائەت خەۋەپسىزلىكى چېگرا مۇداپىئەسى، جامائەت خەۋەپسىزلىكى ئوفىتسېر-ئەسكەرلىرى،كادىر-ساقچىلىرىدىن 14مىڭ 600 يۈەن قىممىتىدە مىنرال سۇ،تەييار چۆپ قاتارلىق يىمەك-ئىچمەك بىلەن ھالسورىدى.
سۈرەتتە: ھال سوراشتىن كۆرۈنۈش
مۇھەررىر: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى