باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئىشلىگەننىڭ يۈزى يورۇق

2014.07.24 11:34   مەنبە: خەلق تورى

ئىشلىگەننىڭ يۈزى يورۇق

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز روزىھاجى نەزەر، تۇرغۇن ئابلىزلار خەۋىرى: بىڭتۈەن 3-دىۋىزىيە پەيزاۋات باش مەيدان 8-روتا ئىشچىسى ئەمەتجان ئوسمان دېھقانچىلىققا تايىنىپ ئىگىلىك تىكلىگەن بېيىش باشلامچىسى.

  ياشىنىپ قالسىمۇ ئەقىل ۋە جاسارىتىدىن قالمىغان ئەمەتجان ئوسمان جاپا چەكمىگىچە ھالاۋەتنىڭ يوقلىقىنى ئەمەلىي ھەرىكىتىدە ئىسپاتلاپ، يىللاردىن بېرى ھەر بىر مو يەردىكى كېۋەزنىڭ مو بېشى مەھسۇلاتىنى 500 كلوگىرامدىن، ھەر بىر مو يەرنىڭ ساپ پايدىسىنى 2000 يۈەندىن، يىللىق كىرىمىنى 100 مىڭ يۈەندىن، كىشى بېشى ساپ كىرىمىنى نەچچە 10 مىڭ يۈەندىن چۈشۈرمەي، مەيداننىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن بېيىش نەمۇنىچىسى، ئۈلگىلىك ئائىلە باشلىقىغا ئايلاندى.

  پەن-تېخنىكىنىڭ كۈچىدە 4 بالىسىنى ياراملىق ئادەم قىلىپ تەربىيەلىگەن، 1 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مۇقىم مۈلۈكنىڭ ئىگىسىگە ئايلانغان ئەمەتجان ئوسمان بۇ يىل مەيدان پارتكومى بىلەن 8-روتا پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ تېرىقچىلىق قۇرۇلمىسىنى تەڭشەپ باغۋەنچىلىك ئارقىلىق خەلقنى ھاللىق سەۋىيەگە يەتكۈزۈش چاقىرىقىغا ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇپ، ئۆزىگە تەۋە 100 مو يەرگە يۇقىرى ھوسۇللۇق سورتلۇق ئۈزۈم كۆچىتى، 25 مو يەرگە شاپتۇل، 2 مو يەرگە ئاتۇش ئەنجۈرى سېلىپ ئەل قەلبىنى مۇجەسسەملەش ئۈچۈن باش مەيدانغا كەلگەن خىزمەت ئەترىتى بىلەن دوستلۇق ئورنىتىپ، تەجرىبە ئالماشتۇرۇشنى نۇقتىلىق چىڭ تۇتقاچقا ئۈزۈم، شاپتۇل ۋە ئەنجۈرنىڭ تۇتۇش ۋە ئەي بولۇش نىسبىتىنى %100 گە يەتكۈزدى.

  بۇ ھەقتە توختالغاندا ئەمەتجان ئوسمان مۇنداق دەيدۇ:

  ــــ ئادەم قىيىنچىلىقتىن قورقماي ئىشلىسىلا ياخشى ياشىيالايدۇ،باشقىلار ئالدىدا يۈزى يورۇق بولىدۇ. كۆڭلۈمدىكىنى دېسەم، پارتىيە چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ باغۋەنچىلىككە يۈرۈش قىلغىنىم ئاقىلانە تاللاش بولدى. مەن سۇلياۋ بىلەن بۇلغىنىپ ئۈنۈمدارلىقى تۆۋەنلەپ كېتىۋاتقان يەرلەرنى قوغداشنى كۈچەيتىپ، باغۋەنچىلىك بىلەن پارتىيە، ۋەتەنگە، خەلققە تېخىمۇ ياخشى جاۋاپ قايتۇرۇشنى ئالدىنقى تاللاش قىلدىم. ئەنجۈر، شاپتۇل ئارىسىغا كىرىشتۈرۈپ تېرىغان قوغۇن-تاۋۇز ياخشى ئوخشىدى. قوغۇن-تاۋۇزدىن 50 مىڭ يىۋەندىن ئارتۇق كىرىم قىلىشقا ئىشەنچىم بار. ماڭا ۋە خەلقىمگە بېيىش پۈرسىتى يارىتىپ بەرگەن پارتىيەگە كۆپ رەھمەت!...

  سۈرەتتە: ئەمەتجان ئوسمان خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر بىلەن ئەنجۈر باشقۇرۇش، قوغۇندىن يۇقىرى ھوسول ئېلىش ئۈستىدە سۆھبەتلەشمەكتە.

  مۇخبىر: بىڭتۈەن 3-دىۋىزىيە پەيزاۋات باش مەيدان 8-روتادا

 مۇھەررىر: ت. ئا.ئەركمان

   مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى 9-ئايدا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مائاشى ئۆستۈرۈلىدۇ، دېگەن خەۋەرنى ئىنكار قىلدى
      ·«يېڭى يېپەك يولى»نىڭ باشلامچىلىرى ـــ تاجىكىستاندىكى جۇڭگولۇق سودىگەرلەر
      ·يېڭى مەكتەپ پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۇنجى ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتى %70 تىن ئاشتى
      ·بالىلارنى ‹‹ئوقۇش ئەسقاتمايدۇ›› دېگەن سەپسەتە بىلەن قايمۇقتۇرۇشقا يول قويمايلى
      ·شىنجاڭدا 2014-يىللىق تولۇق كۇرس 1-تۈركۈمگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئارخىبى چىقىرىش 17-ئىيۇلدا رەسمىي ب…
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئۆلكە ئاتلاپ ئۆرلەپ ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش تەۋەلىكىنى باشقۇرۇش توغرىس…
      ·ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سوۋغات بۇيۇم ۋە سوۋغات پۇل قوبۇل قىلىشىغا ئالتە «قىزىل سىزىق» بەلگىلەندى
      ·مائارىپ مىنىستىرلىكى: ئىمتىھانغا ئادەم سېلىش جىنايىتىگە چېتىلغانلارنى ئەدىلىيە ئورگانلىرىغا يوللاشق…
      ·مائارىپ نازارىتىنىڭ رەھبەرلىرى كۇچا ناھىيەسىنىڭ « قوش تىل» ئوقۇتۇش خىزمىتىنى تەكشۈردى(1)
      ·330 ئالىي مەكتەپ 3537 نەپەر ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدۇ