باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك

2014.07.22 09:22         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئالدىنقى يېرىم يىلدا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش قۇرۇلۇشى پۇختا قەدەم بىلەن ئىلگىرىلىدى مۇخبىرىمىز جاڭ لېينىڭ ئاپتونوم رايونلۇق تۇرالغۇ ۋە شەھەر – يېزا قۇرۇلۇشى نازارىتىدىن ئۇقۇشىچە، 6 – ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش قۇرۇلۇشى بويىچە 300 مىڭ يۈرۈش ئۆي سېلىش پىلانلانغان بولۇپ، 288 مىڭ 633 يۈرۈش ئۆينىڭ قۇرۇلۇشى باشلانغان، قۇرۇلۇش باشلاش نىسبىتى %96.21 گە يەتكەن، 152 مىڭ 840 يۈرۈش ئۆي پۈتۈپ، پۈتۈش نىسبىتى %50.95 كە يەتكەن.

  ئالدىنقى يېرىم يىلدا، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش قۇرۇلۇشىغا جەمئىي 14 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىنغان، بۇنىڭ ئىچىدە دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ قۇرۇلۇش تولۇقلىما مەبلىغى 3 مىليارد 600 نەچچە مىليون يۈەن، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ ياردەم مەبلىغى 880 نەچچە مىليون يۈەن ئىكەن. بۇ مەبلەغنىڭ ھەممىسى ۋاقتىدا ئەمەلىيلىشىپ، جايلارنىڭ ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش قۇرۇلۇشىنىڭ ئوڭۇشلۇق باشلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىنغان.

  ئاپتونوم رايونلۇق تۇرالغۇ ۋە شەھەر – يېزا قۇرۇلۇشى نازارىتىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا قارىغاندا، 6 – ئاينىڭ ئاخىرىغىچە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش قۇرۇلۇشىدا ئىش باشلاش نىسبىتى %100تىن ئاشقان ۋىلايەت ئۈچ بولۇپ، تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ قۇرۇلۇش باشلاش نىسبىتى %106.80، تۇرپان ۋىلايىتىنىڭ %101.87، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ %101.47 ئىكەن. قۇرۇلۇش باشلاش نىسبىتى %100كە يەتكەن ۋىلايەت، ئوبلاست بەش بولۇپ، ئۇلار ئاقسۇ ۋىلايىتى، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، ئالتاي ۋىلايىتى، قۇمۇل ۋىلايىتى ئىكەن.

  كېيىنكى قەدەمدە، ئاپتونوم رايونىمىز ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش قۇرۇلۇشىدا قۇرۇلۇش سۈپىتىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، مەخسۇس تەكشۈرۈش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرىدىكەن. قۇرۇلۇشلارنى مەخسۇس نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ۋىلايەت، ناھىيە، يېزا، كەنتتىن ئىبارەت تۆت دەرىجىلىك قۇرۇلۇش سۈپىتىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش سىستېمىسى ۋە مەسئۇلىيەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قارىغۇلارچە قۇرۇلۇشنى پۈتتۈرۈشكە ئالدىراپ سۈپەت بىخەتەرلىكىگە سەل قارايدىغان مەسىلىلەرنى توسايدىكەن؛ قۇرۇلۇش باسقۇچىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالى ۋە ھەر ئايدىكى قۇرۇلۇش مۇھىم نۇقتىلىرىغا بىرلەشتۈرگەن ئاساستا ئايلىق مەخسۇس تەكشۈرۈش خىزمىتى لايىھەسىنى تۈزۈپ چىقىپ، جايلاردىكى قۇرۇلۇشلارنىڭ سۈپەت ۋە بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلغان ئاساستا پۇختا ئىلگىرى سۈرۈلۈشىگە كاپالەتلىك قىلىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر