16-ئاپرېل، ‹‹ئاز سانلىق مىللەت ئۆسمۈرلىرىنىڭ بېيجىڭ سەپىرى›› يازلىق لاگېر پائالىيتىگە قاتنىشىش ئۈچۈن بېيجىڭغا كەلگەن 105 نەپەر شىنجاڭلىق ھەر مىللەت ئۆسمۈرلىرى تيەنئەنمېن مەيدانىنى ئېكىسكۇسىيە قىلىپ، بايراق چىقىرىش مۇراسىمىنى نەق مەيداندا كۆردى. بايراق چىقىرىشقا بىر سائەت قالغاندا، يەنى سەھەر سائەت 4:00 دە، بالىلار تيەنئەنمېن مەيدانىغا يىغىلغان ئىدى. سائەت 5:00 دە، ھەيۋەتلىك دۆلەت شېئىرى ساداسى ئىچىدە بايراق چىقىرىلدى. بالىلار دۆلەت شېئىرىغا جور بولۇپ، دۆلەت بايرىقىغا ئېھتىرام بىلدۈردى.
نەفىسە قۇربان بۇنداق دېدى: ئىلگىرى پەقەت تېلېۋىزوردىلا بايراق چىقىرىش مۇراسىمىنى كۆرۈپتىكەنمەن، نەق مەيداندا تيەنئەنمېن مەيدانىدىكى بايراق چىقىرىش مۇراسىمىنى كۆرۈپ بەك ھاياجانلاندىم.بۇ مەن ئۈچۈن ئەڭ ئۇنتۇلغۇسىز، ئەڭ ئەھمىيەتلىك بىر كۈن بولدى.