باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭدا تولۇق كۇرس 1-تۈركۈمگە ئارخىپ تۇرغۇزۇپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش رەسمىي باشلاندى

2014.07.16 09:00         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  14-ئىيۇل ، شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسىدىن ئىگىلىنىشىچە ، قوبۇل قىلىش خىزمىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن ، شىنجاڭدا بۇ يىل ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ تولۇق كۇرس 1-تۈركۈمىگە توردا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ۋاقتى 14-ئىيۇلدىن 22-ئىيۇلغىچە بولىدىكەن ، كونكرېت ۋاقىت ئورۇنلاشتۇرۇشى تۆۋەندىكىدەك بولىدىكەن : 14-ئىيۇلدىن 16-ئىيۇلغىچە خەنزۇ تىلىدا ئوقۇغان ئوقۇغۇچىلار ، مىللىي تىل-يېزىقتا ئوقۇغان ئوقۇغۇچىلار ، قوش تىل سىنىپىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى ، موڭغۇل تىلىدا ئوقۇغان ئوقۇغۇچىلارغا سىناق تەرىقىسىدە ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ ، 17-ئىيۇلدىن 19-ئىيۇلغىچە رەسمىي ئارخىپ تۇرغۇزۇپ قوبۇل قىلىنىدىكەن ؛ 20-ئىيۇل خەنزۇ تىلىدا ئىمتىھان بەرگەن ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئارخىپى سىناق تەرىقىسىدە تۇرغۇزۇلۇپ ، 21-ئىيۇلدىن 22-ئىيۇلغىچە رەسمىي قوبۇل قىلىش باشلىنىدىكەن .

  ئىگىلىنىشىچە ، رەسمىي ئارخىپ تۇرغۇزۇلغاندىن كېيىن ، ئوقۇغۇچىلار شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تورى (http://www.xjzk.gov.cn) غا چىقىپ، ئۇچۇرىنى كۆرۈۋالسا بولىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر