باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىشلەپ، خوتەننىڭ قىياپىتىنى تىرىشىپ ئۆزگەرتىمىز

2014.07.15 12:49         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خوتەن ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى يەن گوسەننى زىيارەت

  نىجات ئىمىن، گۈلمىرە مەمەت، دۇڭ شياۋخۇا

  خوتەن ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى يەن گوسەن يېقىندا مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: ‹‹مەركەزنىڭ 2 – قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا شىنجاڭ ۋەزىيىتى ئىلمىي تەھلىل قىلىندى، ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىللىك شىنجاڭ خىزمىتى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرۇلدى؛ ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 8 – نۆۋەتلىك كومىتېتى7 – ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىدا يەنىمۇ سەپەرۋەرلىك ۋە ئورۇنلاشتۇرۇش قىلىندى، بولۇپمۇ جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ خىزمىتىنى ئىشلەش توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرمىلار روھىمىزنى ئۇرغۇتتى. بىز ئىجتىمائىي مۇقىملىققا ئائىت تۈپ مەسىلە، ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا ئائىت ئاچقۇچلۇق مەسىلە ۋە خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىدىكى ئۇزاق مۇددەتلىك مەسىلىلەرنى زىچ چۆرىدەپ، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىشلەپ، كۆپنىڭ ئەقىل – پاراسىتى ۋە كۈچ – قۇۋۋىتىنى ئۇرغۇتۇپ، خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئىجتمائىي قىياپىتىنى تىرىشىپ ئۆزگەرتىشىمىز كېرەك››.

  يەن گوسەن مۇنداق دېدى: ‹‹باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانى، دەپ تەكىتلىدى. خوتەننىڭ مۇقىملىقى شىنجاڭ، ھەتتا مەملىكەتنىڭ مۇقىملىق چوڭ ۋەزىيىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. بىز ئىجتىمائىي مۇقىملىق مەسىلىسىنى ھازىرقى ئەڭ گەۋدىلىك مەسىلە قىلىپ چىڭ تۇتۇپ، مۇقىملىققا ئائىت مەسىلىلەرنى نۇقتىلىق ھەل قىلىشنى بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان ۋەزىپە دەپ بىلىپ، مۇقىملىقنى ساقلاش ئاساسىنى يەنىمۇ چىڭىتىشىمىز كېرەك››.

  يەن گوسەن مۇنداق قارىدى: ئالدى بىلەن كەسىپلەرنى راۋاجلاندۇرۇش ئارقىلىق نوپۇس قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش كېرەك. ھازىر خوتەن ۋىلايىتىنىڭ 2 مىليون 150 مىڭ نوپۇسىدا، ئۇيغۇرلار % 96.41نى، خەنزۇلار % 3.39نى، باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەر % 0.2نى ئىگىلەيدۇ.

  ‹‹بىز ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كەسىپلەر، ‹‹چاققان، قولاي، ئۈنۈملۈك›› تۈرلەر ۋە زامانىۋى ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، سىرتتىن كەلگەن نوپۇسنى جەلپ قىلىپ، ئىلغار تەجرىبىلەرنى ئۆرنەك قىلىپ، يەرلىكتىكى ئامما بىلەن بولغان ئالاقە، بېرىش – كېلىشنى كۈچەيتىپ، ئورتاق ئىشلەپچىقىرىپ، ئورتاق راۋاجلىنىشىمىز كېرەك. بۇ ئارقىلىق نوپۇس قۇرۇلمىسىنى ئۆزگەرتىپلا قالماي، يەنە كەسىپلەرنى راۋاجلاندۇرۇش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشقىمۇ تۈرتكە بولغىلى بولىدۇ››، دېدى يەن گوسەن.

  ھازىر خوتەن ۋىلايىتى ھەم ئۇنىڭغا قاراشلىق ناھىيە ۋە شەھەرلەردە ‹‹خوتەنگە نېمە بولدى؟ خوتەن قانداق قىلىشى كېرەك؟›› قاتارلىق تېمىلاردا ئومۇميۈزلۈك تەشۋىقات ۋە مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ. يەن گوسەن مۇنداق قارىدى: ئىدىيەۋى تەربىيە خىزمىتى بارلىق خىزمەتلەرنىڭ ئاساسى، ئومۇميۈزلۈك تەشۋىقات ۋە مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىشتىكى مەقسەت ئاممىنى ئىدىيە جەھەتتە توغرا تەربىيەلەپ، ئۇلارغا پارتىيەنىڭ مىللەت، دىن سىياسىتى ۋە دۆلەتنىڭ قانۇن – نىزاملىرى قاتارلىقلارنى ئۆگىتىپ، ئۇلارنىڭ پەرقلەندۈرۈش ۋە ئىدىيەۋى تونۇشىنى ئۆستۈرۈشتىن ئىبارەت.

  يەن گوسەن مۇنداق دېدى: مۇقىملىق ئالدىنقى شەرت، تەرەققىيات مەقسەت. مەركەزنىڭ بۇ قېتىمقى دۆلەت قاتلىمىدىن جەنۇبىي شىنجاڭغىچە تۈزگەن يۇقىرى قاتلاملىق لايىھەسىدە، مالىيە، مەبلەغ، پۇل مۇئامىلە ۋە ئىختىساسلىقلار توغرىسىدا ئالاھىدە سىياسەتلەر يولغا قويۇلدى، مەركەز قوللاش سالمىقىنى زورايتتى. بىز تەرەققىياتتىكى بۇ ئالاھىدىلىكلەرنى پۇختا ئىگىلەپ، مەركەز ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ خوتەن ۋە جەنۇبىي شىنجاڭ خىزمىتىگە دائىر تەلەپلىرىنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خوتەننىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاش خىزمىتىنى كۈچەيتىشىمىز كېرەك.

  ھازىر خوتەن ۋىلايىتىنىڭ قاتناش، سۇچىلىق، ئېلېكتىر، شەھەر ئاساسىي ئەسلىھەلىرى قاتارلىق جەھەتلەردىكى خىزمەتلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ. يەن گوسەن مۇنداق دېدى: خوتەننىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول قۇرۇلۇشى، خوتەن ئايروپىلان ئىستانسىسىنى ئۆزگەرتىش – كېڭەيتىش قۇرۇلۇشى، تۆمۈر يولنى شەرققە ئۇزارتىش قاتارلىق پۇرسەتلەرنى چىڭ تۇتۇپ، خوتەننى ئەشيا ئوبوروتى مەركىزىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك.

  يەن گوسەن مۇنداق قارىدى: بىز ئاساسىي قۇرۇلۇشنى كۈچەيتىش بىلەن بىللە، يەنە خاس ئەۋزەل كەسىپلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشىمىز كېرەك. ئالدى بىلەن، قاشتېشى مەدەنىيىتى بايلىقىنى قېزىپ، قاشتېشى مەدەنىيىتى ماركىسىنى ياخشى تەشۋىق قىلىپ، خوتەن قاشتېشى سودىسىنى قېلىپلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ ۋە بازار باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، خوتەن قاشتېشى سودا بازىرىنىڭ تەرتىپسىز ھالىتىنى ياخشىلاش كېرەك. خوتەن گىلىمى، ئەتلەس، ئۇيغۇر تېبابىتى دورىلىرى، قىزىلگۈل قاتارلىقلارغا قويۇق يەرلىك خاسلىق سىڭگەن، بىز بۇ تۈرلەرنى كەسىپلەشتۈرۈپ ئىشلەپچىقىرىش، كارخانىلاشتۇرۇپ تىجارەت قىلىش، داڭلىق ماركىغا ئايلاندۇرۇپ سېتىشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇپ، كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىپ، خوتەننىڭ داڭلىق ماركا ئەۋزەللىكىنى بەرپا قىلىپ، خوتەندىكى ئاممىنى مىللىي ئەنئەنىۋى پىششىقلاش سانائىتىگە تايىنىپ بېيىتىشىمىز كېرەك.

  يەن گوسەن مۇنداق دېدى: خوتەننىڭ مۇھىتى ناچار، شارائىتى جاپالىق، ئىجتىمائىي ئىشلار تەرەققىياتى ئارقىدا قالغان، تۇرالغۇ، ئوقۇش، داۋالىنىش، قاتناش قاتارلىق بىر قاتار خەلق تۇرمۇشى مەسىلىلىرى ئامما ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان ۋە ئىنكاسى ئەڭ كۈچلۈك بولغان ئەڭ رېئال مەسىلىلەر ھېسابلىنىدۇ. بىز خەلق تۇرمۇشىغا باشتىن – ئاخىر كۆڭۈل بۆلۈپ، خەلق تۇرمۇشىنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاپ، قۇدرەتلىك ئۇيۇشۇش كۈچى ۋە مەركەزگە ئىنتىلىش كۈچى شەكىللەندۈرۈشىمىز كېرەك. خوتەن ۋىلايىتىدە ھازىر 600 مىڭدىن كۆپرەك ئارتۇق ئەمگەكچى بار، خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىدا ئالدى بىلەن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى 1 – ئورۇنغا قويۇپ، ئىش ئورنى كۆپرەك بولغان ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كەسىپلەر، ئوتتۇرا، كىچىك، مىكرو كارخانىلار، باغۋەنچىلىك ۋە ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكىنى كۈچەپ راۋاجلاندۇرۇشىمىز ۋە جەلپ قىلىشىمىز، بولۇپمۇ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، توقۇمىچىلىق ۋە كىيىم – كېچەك كەسىپلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش ئارقىلىق، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش پىلانىنى ياخشى يولغا قويۇپ، قەتئىي نىيەتكە كېلىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مەسىلىسىنى ياخشى ھەل قىلىشىمىز كېرەك.

  يەن گوسەن مۇنداق قارىدى: خەلق تۇرمۇشى مەسىلىسى ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي مەسىلە بولۇپلا قالماي، شۇنداقلا سىياسىي مەسىلە. خوتەن ۋىلايىتىنىڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە، قەتئىي نىيەتكە كېلىپ، كىشىلەرنى كۆپلەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرغاندىن باشقا، يەنە مائارىپنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسى، ‹‹قوش تىل›› مائارىپى ۋە كەسىپ بويىچە تەربىيەلەشنى بۆسۈش ئېغىزى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەر دەرىجىلىك مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش سۈپىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش؛ نامراتلارنى يۆلەش سالمىقىنى ئاشۇرۇشتا، قان بېرىپلا قالماي، يەنە قان ئىشلەپ، تەرەققىياتتىكى چىقىش يولى مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشتا تېخىمۇ زور بۆسۈش ھاسىل قىلىش كېرەك.

  يەن گوسەن مۇنداق دېدى: تۇرمۇش مۇھىتىنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاپ، كىرىم سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئىختىساسلىقلارغا كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، تېخىمۇ ئۈنۈم بېرىدىغان تەدبىرلەر ئۈستىدە ئىزدەنگەندىلا، ئاندىن كادىرلار قوشۇنى مۇقىم بولماسلىق، كۈچ يېتىشمەسلىك، ئىختىساسلىقلار كېتىپ قېلىش قاتارلىق مەسىلىلەرنى ھەقىقىي ياخشى ھەل قىلىپ، خوتەننىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك تەرەققىياتىنى ئەقلىي كۈچ كاپالىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر