باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئونسۇ ناھىيەلىك نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى«مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» دوستلۇق پائالىيىتى ئۆتكۈزدى

2014.07.10 15:02         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز مۇتەللىپ ئابدۇراھمان خەۋىرى: 3-ئىيۇل ئونسۇ ناھىيەلىك نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى، ئونسۇ بازارلىق پىلانلىق تۇغۇت ئىشخانىسى، سايباغ كەنتى بىرلىكتە«مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتى ئۆتكۈزدى.

  يېقىن ئەتراپتىكى ئامما ئەتىگەندىلا كەنت كومىتېتى قورۇسىغا يىغىلىپ ئۆزلىرى ئىشلىگەن نەفىس قول ھۈنەر بۇيۇملىرىنى كۆرگەزمە قىلدى. بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيەت نەق مەيدانىدا ناھىيەلىك نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى، ئونسۇ بازارلىق پىلانلىق تۇغۇت ئىشخانىسى، سايباغ كەنتىدىكى بارلىق پارتىيە ئەزالىرى پارتىيەگە كىرىش قەسىمىنى ئەسلەپ، ئۆزىنىڭ پارتىيەگە سادىق بولۇپ، پارتىيە ئىشلىرى ئۈچۈن ئۆمۈرۋايەت كۈرەش قىلىش ئىرادىسىنى ئىپادىلىدى. ئاخىردا سايباغ كەنت ئاھالىسى ئۆزلۈكىدىن كەنت كومىتېتىغا 12 مىڭ 500 يۈەن مۇقىملىقنى قوغداش مەبلىغى ئىئانە قىلدى. ناھىيەلىك نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى سەككىز پىلانلىق تۇغۇت بويىچە يار-يۆلەك ئائىلىسى ۋە 10 پىلانلىق تۇغۇتنى يولغا قويغان ئائىلىگە مۇكاپات ياردەم پۇلى ۋە ھال سوراش بۇيۇملىرى تارقىتىپ بەردى. شەكلى ھەر خىل رەڭدار نومۇرلار ئاھالىگەر مەنىۋى زوق بېغىشلدى. ناخشا، ئۇسسۇل، ئېتوت، مۇزىكا قاتارلىق نومۇرلار ئورۇنلانغاندا چاۋاك ۋە تەنتەنە ئاۋازى ئۈزۈلمىدى. «پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى ياخشى» ناملىق ئېتوت ئاھالىنى كۈلدۈرۈپلا قالماي، پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى ھەققىدە يېڭى ساۋاتقا ئىگە قىلدى. ئاخىردا ئونسۇ ناھىيەلىك نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىنىڭ خىزمەتچىلىرى ئامما بىلەن بىرلىكتە مەشرەپ ئويناپ، بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى قىزىتىۋەتتى.

مۇھەررىر : ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر