باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاقسۇ ۋىلايىتى ساياھەتچىلىكنىڭ ئاۋات مەزگىلىنى كۈتۈۋالدى

2014.07.10 14:09         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىختىيارىي مۇخبىرلىرمىز مۇنىردىن تۇنياز، تۇردى راخمان،ئامانگۈللەر خەۋىرى:7-ئاي كىرىشى بىلەنلا ھاۋا تونۇردەك قىزىپ، ساياھەتچىلىكنىڭ ئاۋات مەزگىلى باشلاندى، ساياھەت نۇقتىلىرىغا كېلىدىغان كىشىلەرنىڭ ئايىقى ئۈزۈلمىدى.

  ۋىلايەت تەۋەسىدىكى ئاساسلىق مەنزىرە نۇقتىلىرىنىڭ بىرى بولغان تەڭرىتاغ تۆمۈر چوققا جىلغىسى جۇڭگونىڭ غەربىي شىمالىدىكى ئەڭ گۈزەل ئۆزگىچە مەنزىرە رايونى ، جۇڭگودىكى ئەڭ چوڭ تاشتۇزماكانى، گېئولوگىيەلىك مەنزىرە نۇقتىسى بولۇش سۈپىتىدە يىل بويى مەملىكەت ئىچى-سىرتىدىن كەلگەن نۇرغۇن ساياھەتچىنى كۈتۈۋالىدۇ. جىلغىغا كىرگەن ساياھەتچى خۇددى گۈزەل بىر رەسىم كارىدورىغا كىرىپ قالغاندەك تۇيغۇغا كېلىدۇ-دە، جانلىق گېئولوگىيەلىك ئۆزگىرىش مۇزىنىڭ مەنزىرىسىدىن بەھر ئېلىپلا قالماي، ئېگىز تىك قىيا، ئاجايىب-غارايىب چوققا ۋە ھەر خىل نەرسىلەرنىڭ شەكلىگە ئوخشاپ كېتىدىغان غەلىتە مەنزىرىلەردىن قانغىچە ھوزۇرلىنالايدۇ.

  شەنشىدىن كەلگەن ساياھەتچى شاۋ تىڭتىڭ ئاقسۇدا بىر سىرلىق جىلغا بارلىقىنى بۇرۇنلا ئاڭلىغان ئىدى. يازلىق تەتىلگە قويۇپ بەرگەندىن كېيىن ئۇ ئائىلە ئەزالىرىنى ئېلىپ بۇ يەرگە ساياھەتكە كەلدى. تۇنجى بېكەت بولغان بۇ جىلغا ئۇنىڭدا چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى. ئۇ ھاياجېنىنى باسالماي «مېنىڭ شىنجاڭغا تۇنجى قېتىم كېلىشىم. شىنجاڭ بەك گۈزەل ئىكەن. مەن شىنجاڭغا كەلگەندىن كېيىن تۇنجى بولۇپ ئونسۇ جىلغىسىنى ساياھەت قىلدىم. بۇ يەرنىڭ مەنزىرىسىنى تىل بىلەن تەسۋىرلەشكە ئاجىزلىق قىلىمەن، گۈزەللىكتە يېگانە بىر جاي ئىكەن. مەن يەنە ئاقسۇنىڭ باشقا نۇرغۇن جايلىرىغا بارىمەن. ئاڭلىسام قىرمىش ئاتام مازىرىنى بەك گۈزەل، دېيىشىدۇ. مەن بۈگۈن بەك كۆڭۈللۈك ئوينىدىم، شىنجاڭلىقلار بەك قىزغىن ،مېۋىلىرى ناھايىتى تاتلىق ئىكەن، شىنجاڭ ھەقىقەتەن ياخشى جاي ئىكەن.

  ساياھەتچى خې جىرۇڭ: مەن چۇڭچىڭدىن، ئاقسۇغا كەلگەندىن كېيىن تۇنجى بولۇپ بۇ جىلغىنى ساياھەت قىلدىم. بۇ يەر ھەقىقەتەن ياخشى ئىكەن، ئىچكىرىدە بۇنداق ھەيۋەتلىك جايلارنى كۆرگىلى بولمايدۇ. ئاقسۇ بەك دىمىق ئىكەندۇق، جىلغىغا كېلىپ سالقىنداپ، مەن بۇ يەرنى ياقتۇرۇپ قالدىم.

  ماشىنىلىرىنى ھەيدەپ كەلگەن تارقاق ساياھەتچىلەردىن باشقا، بۇ يىل ساياھەت ئۆمەكلىرى تەشكىللىگەن كوللېكتىپ ساياھەتمۇ ساياھەتچىلىكنىڭ يۇقىرى پەللىسىدىكى بىر يارقىن نۇقتا بولۇپ قالدى.

  ساياھەت رايونىنىڭ چۈشەندۈرگۈچىسى شۆ جىڭ: ھازىر بۇ جىلغىغا كېلىدىغان ساياھەتچىلەر ناھايىتى كۆپ، ساياھەت ئۆمەكلىرىمۇ ئاز ئەمەس. ھازىر كۈندە ساياھەت ئۆمەكلىرىدىن كەلگەن 100 دىن ئارتۇق ساياھەتچىنى كۈتۈۋېلىۋاتىمىز. يېقىندىن بۇيان تېمپېراتۇرا بەك يۇقىرى بولسىمۇ كېلىدىغان ساياھەتچىلەر نىڭ ئايىقى ئۈزۈلمەيۋاتىدۇ، ئۇلار بۇ يەرنى ياقتۇرىدۇ، بەك كۆڭۈللۈك ئويناپ كېتىدۇ.
مۇخبىرلار :ئونسۇ ناھىيەلىك سۈپەت-تېخنىكا نازارەتچىلىكى ئىدارىسىدە


مۇھەررىر : ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر