باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

بۇ يىل، ئىقتىساد ۋە ئېكولوگىيە جەھەتتە 60 تۈرلۈك ئىسلاھات تەدبىرى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ

2014.07.08 09:00         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىسلاھاتنىڭ باشلىنىش يىلىدا قۇرۇق پو ئېتىشقا قەتئىي بولمايدۇ

  بۇ يىل ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ تۇنجى يىلى. يېقىندا، مەركەز مالىيە – ئىقتىساد رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ياڭ ۋېيمىن مۇنداق دېدى: بۇ يىللىق ئىقتىساد ۋە ئېكولوگىيە جەھەتتىكى ئىسلاھات ۋەزىپىسىنى بېكىتىشتە ئاساسلىقى ئۈچ پىرىنسىپقا تايىنىلدى: بىرىنچى، سىستېمىلىق، ئومۇميۈزلۈك، ماسلىشىشچان بولۇش پىرىنسىپىغا ئاساسەن، ئىسلاھاتنىڭ ھەر تەرەپلىمە مۇناسىۋىتى، ھەر جەھەتتىكى تەسىرىگە ئەھمىيەت بېرىپ، ئالدىراڭغۇلۇق قىلماي، ئېغىر – بېسىق بولۇپ، ئاچقۇچلۇق ئىسلاھاتنى ئىسلاھاتنىڭ ئومۇمىي لايىھەسىنى بېكىتكەندىن كېيىن تەدرىجىي ئىلگىرى سۈرۈش؛ ئىككىنچى، ئىسلاھاتنى تەدرىجىي ئىلگىرى سۈرۈش پىرىنسىپىغا ئاساسەن، بۇ يىل ئورۇندىغىلى، يولغا قويغىلى ۋە ئۈنۈمىنى كۆرگىلى بولىدىغان ئىسلاھاتنى يولغا قويۇپ، ئىسلاھات ئىشەنچىنى تۇرغۇزۇپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ تۇنجى يىلىدىكى ئىسلاھاتتا ‹‹قۇرۇق پو›› ئاتماسلىققا كاپالەتلىك قىلىش؛ ئۈچىنچى، ئىسلاھات، تەرەققىيات ۋە مۇقىملىق مۇناسىۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىش پىرىنسىپىغا ئاساسەن، مۇقىم ئېشىش ۋە خەۋپنى تىزگىنلەشكە پايدىلىق ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى تىرىشىپ ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. بۇ يىل قايسى جەھەتلەردە نۇقتىلىق ئىسلاھ قىلىنىدۇ؟

  60 تۈرلۈك ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئىسلاھات تەدبىرى ۋە مۇھىم ئىسلاھات لايىھەسى، مۇھىم سىناق نۇقتىلىرى لايىھەسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ

  مۇخبىر: مەركەزنىڭ يېقىندا ئېچىلغان ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ 2 – قېتىملىق يىغىنىدا بېكىتىلگەن 2014 – يىللىق ئىقتىساد ۋە ئېكولوگىيە جەھەتتىكى ئىسلاھات ۋەزىپىسى قايسى جەھەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؟

  ياڭ ۋېيمىن: بۇ يىل ئىقتىساد ۋە ئېكولوگىيە جەھەتتە ئورۇنداشقا ۋە يولغا قويۇشقا بولىدىغان ئىسلاھات تەدبىرلىرى ۋە مۇھىم ئىسلاھات لايىھەلىرى، مۇھىم سىناق نۇقتا لايىھەلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 60 تۈرلۈك ئىسلاھات تەدبىرى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ، بۇ ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى يەتتە نۇقتىغا ئايرىشقا بولىدۇ: بىرىنچى، ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسىنى ئۆزگەرتىش ۋە بازار سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، مەمۇرىي تەستىق ئىشلىرىنى يەنىمۇ ئەمەلدىن قالدۇرۇش ۋە ھوقۇقنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈش، ھوقۇق تىزىملىكى تۈزۈش، بازارنى بىرلىككە كەلتۈرۈش ۋە ئادىل رىقابەتلىشىشكە توسالغۇ بولىدىغان تۈرلۈك بەلگىلىمە ۋە ئۇسۇللارنى بىكار قىلىش، بايلىق خاراكتېرلىك مەھسۇلاتلارنىڭ باھا ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، خىزمەت نەتىجىسىنى تەكشۈرۈشنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش رىغبىتىنى كۈچەيتىش قاتارلىقلار.

  ئىككىنچى، ئاساسىي ئىقتىسادىي تۈزۈمنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، بۇ مەركەز دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ فۇنكسىيە دائىرىسىنى بەلگىلەش، قانۇنىي ئىگە ئىدارە قىلىش ئاپپاراتلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، قىسمەن تەبىئىي مونوپول كەسىپلەردە بەزى رىقابەتلىك كەسىپلەرنى قويۇۋېتىش ۋە غەيرىي دۆلەت كاپىتالىنىڭ قاتنىشىشىغا ئىجازەت قىلىنغان بىر تۈركۈم تۈرلەرنى يولغا قويۇپ، دۆلەت كاپىتال تاپاۋىتىنىڭ تاپشۇرۇلۇش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، دۆلەت كارخانىلىرى ۋە دۆلەت كاپىتالىنى باشقۇرۇش تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ ئومۇمىي تەسەۋۋۇرى ياكى لايىھەسىنى تەتقىق قىلىش كېرەك.

  ئۈچىنچى، مالىيە باج تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك، بۇ خامچوتنىڭ ئاشكارىلىق دەرىجىسىنى ئاشۇرۇپ، ئومۇمىي خامچوت باشقۇرۇشنى يولغا قويۇش، يەرلىكنىڭ قەرز ئېلىش ۋە مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش مېخانىزىمىنى قېلىپلاشتۇرۇش، تىجارەت، ئىسلاھات ۋە كىرىمنى ئاشۇرىدىغان كەسىپلەر دائىرىسىنى كېڭەيتىش، ئۆي – زېمىن بېجى ۋە مۇھىت ئاسراش بېجى بويىچە قانۇن چىقىرىش خىزمىتىنى يولغا قويۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، مالىيە باج تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنىڭ ئومۇمىي لايىھەسىنى تەتقىق قىلىپ تۈزۈپ چىقىش كېرەك.

  تۆتىنچى، پۇل مۇئامىلە تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، بۇ ئۆسۈم نىسبىتىنى بازارلاشتۇرۇشنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈش، ئامانەت پۇل سۇغۇرتا تۈزۈمىنى بەرپا قىلىش، ئەل ئارا كاپىتالغا تايىنىپ ئوتتۇرا، كىچىك بانكا قاتارلىق پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنى تەسىس قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، تاشقى پېرېۋوت بانكىلىرىنىڭ ئىجازەت ۋە كەسىپلەرنى ئېچىش شەرتىنى تەڭشەش، سىياسەت خاراكتېرلىك بانكا ئىسلاھاتى، پاي چېكى تارقىتىش – تىزىمغا ئالدۇرۇش تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  بەشىنچى، شەھەر، يېزىلارنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش تۈزۈلمە مېخانىزمىنى بەرپا قىلىش، بۇ تۆۋەندىكىدەك ئۈچ جەھەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: يېزا يەرلىرى ئىگىدارلىق ھوقۇقى، ھۆددە ھوقۇقى ۋە باشقۇرۇش ھوقۇقىنىڭ مۇناسىۋىتىنى راۋانلاشتۇرۇشنى چۆرىدەپ، ئەمەلىي تەجرىبىلەر يەكۈنلىنىپ، قېلىپلاشتۇرۇش پىكىرلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، يېڭىچە تىجارەت ئاساسىي گەۋدىسىنى يېتىلدۈرۈش ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ، يېڭى ئىگىلىك سۇبيېكتى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، يېزا مۈلۈك ھوقۇقى سودا بازارلىرى قاتارلىقلار قۇرۇلىدۇ؛ يەرنى چۆرىدەپ ئىسلاھاتنى نۇقتىدا سىناق قىلىش، بۇ يەر تۆلىمى تۈزۈمى، يېزىلارنىڭ تۇرالغۇ بازىسى، يېزا كوللېكتىپ باشقۇرۇشىدىكى قۇرۇلۇش يەرلىرى قاتارلىق ئۈچ جەھەتتە نۇقتىدا سىناق قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛ بازارلاشتۇرۇش جەھەتتە، ئاساسلىقى نوپۇس تۈزۈمى ئىسلاھاتى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، پەرقلىق نوپۇسقا ئالدۇرۇش سىياسىتى قاتارلىقلار يولغا قويۇلىدۇ.

  ئالتىنچى، ئىشىكنى كەڭ ئېچىۋېتىش، بۇ شاڭخەي ئەركىن سودا رايونى ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئالاقىدار ساھەلەرنىڭ ئېچىۋېتىش يوللىرىنى يەنىمۇ كېڭەيتىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، تاشقى مەبلەغنى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى ئىسلاھ قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  يەتتىنچى، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى تۈزۈمى قۇرۇلۇشى، بۇ بۇلغىما چىقىرىشتىن ھەق ئېلىش ئۆلچىمىنى ئۆستۈرۈش، ھەق ئېلىش دائىرىسىنى كېڭەيتىش، جازالاش سالمىقىنى ئاشۇرۇش، مۇھىت بۇلغاشتىكى 3 – تەرەپنى تىزگىنلەشنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى قانات يايدۇرۇش، سۇ تېجەش ئىجازىتىنى كۈچەيتىش، ئېنېرگىيە تېجەش ۋە كاربون قويۇپ بېرىش ھوقۇقى سودىسىنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۆلكە دەرىجىلىك ئاساسىي فۇنكسىيەلىك رايون يىرىك پىلانى ئومۇميۈزلۈك ئورۇندىلىپ، خەرىتە شەكىللەندۈرۈلۈپ، ناھىيە، شەھەرنىڭ ‹‹كۆپ خىل بەلگىلىمىلەرنى بىرلەشتۈرۈش›› ئۇسۇلى ۋە دۆلەت باغچىسى تۈزۈلمىسىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى تۈزۈمى قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي تەسەۋۋۇرى تەتقىق قىلىنىدۇ. قانداق قىلغاندا مۇقىم ئېشىشقا تەڭ ئېتىبار بەرگىلى بولىدۇ؟ ئىسلاھاتنىڭ مۇھىم ۋەزىپىلىرىنى بېكىتىشتە، مۇقىم ئېشىش ۋە خەۋپنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا پايدىلىق بولۇش مۇھىم پىرىنسىپ مۇخبىر: بايا مۇقىم ئېشىش ۋە خەۋپنى تىزگىنلەشكە پايدىلىق ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەكلىكى ھەققىدە توختالدىڭىز، بۇ جەھەتتە قانداق ئىشلار قىلىنىدۇ؟ ياڭ ۋېيمىن: بۇ يىللىق ئىسلاھاتنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرىنى بېكىتكەندە مۇقىم ئېشىش ۋە خەۋپنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا پايدىلىق بولۇشنى مۇھىم پىرىنسىپ قىلدۇق. چۈنكى، مەملىكىتىمىز سۈرئەتنى ئاشۇرۇشنىڭ خوت يۆتكەش مەزگىلى، قۇرۇلمىنى تەڭشەشنىڭ كالتە تولغاق مەزگىلى ۋە ئالدىنقى مەزگىلدىكى غىدىقلىغۇچى سىياسەتلەرنى ھەزىم قىلىش باسقۇچىغا قەدەم قويدى، ئېشىش سۈرئىتى ئىلگىرىكى %10 تىن %8 – %7 كە چۈشتى. ئەلۋەتتە، بۇ ئۆزگىرىشلەر قانۇنىيەتكە ئۇيغۇن، ئەمما بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، يەنە قىسمەن يېڭى ئەھۋاللار ۋە ئۆزگىرىشلەرنىڭ ئىقتىسادىي ئېشىشىنىڭ تۆۋەنلىشىگە بولغان بېسىمى چوڭراق بولدى. بۇنىڭدا ھەم خەلقئارا مۇھىت ئامىلى، ھەم ئۆزىمىزدىكى سەۋەبلەرنىڭ تەسىرى بار. شۇڭا بۇ يىللىق ئىسلاھاتنىڭ نۇقتىلىق ۋەزىپىسىنى بېكىتىشتە، ماكرولۇق ئىگىلىك ۋەزىيىتىنىڭ ئۆزگىرىشىنى نەزەردە تۇتۇپ، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا پايدىلىق ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇش زۆرۈر بولدى. مەسىلەن: مەمۇرىي تەستىق ھوقۇقىنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈش كارخانا ۋە ئستېمالچىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بازار سۇبيېكتىنىڭ ئۆز ئەھۋالىغا ئاساسەن مەبلەغ سېلىشى ۋە ئىستېمال قىلىشىدىن دېرەك بېرىدۇ، مانا بۇ ئېشىشقا پايدىلىق ئامىل بولۇپ، تەمىنلەش ۋە ئېھتىياجنى ئاشۇرىدۇ. يەنە مەسىلەن: مەملىكەت بويىچە بازارنى بىرلىككە كەلتۈرۈش ۋە ئادىل رىقابەتلىشىشكە توسالغۇ بولىدىغان تۈرلۈك بەلگىلىمىلەر ۋە ئۇسۇللار تەرتىپكە سېلىنىدۇ ۋە بىكار قىلىنىدۇ، ھازىر يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىلغا ئوخشاش گۈللەنمە ئېشىش نۇقتىلىرى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، ئۇلارنىڭ تەرەققىياتىدا نۇرغۇن مەسىلىلەر مەۋجۇت، بۇنىڭ بىرى يۇرت قورۇقچىلىقى بولۇپ، كىشىلەر ئۆز يېرىدە ئىشلەپچىقىرىلغان ئاپتوموبىللارنىڭ تېخىمۇ كۆپرەك سېتىلىشىنى ئۈمىد قىلغانلىقتىن، سىرتنىڭ ئاپتوموبىللىرىغا نىسبەتەن ئېتىبار بېرىش سىياسىتىنى قوللانمايدۇ، بۇ يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل كەسپى كۆلىمىنىڭ يەنىمۇ زورىيىشىغا توسالغۇ بولماقتا. نامۇۋاپىق بەلگىلىمىلەرنى ئەمەلدىن قالدۇرغاندا، زور ئىستىقبالغا ئىگە بۇ كەسىپنى ياخشى راۋاجلاندۇرغىلى بولىدۇ. خەۋپنىڭ ئالدىنى ئېلىش – تىزگىنلەش جەھەتتە، ھازىر ناھايىتى كۆپ ئىسلاھاتلارنىڭ يۆنىلىشى ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، ماس تەدبىرلەر بېكىتىلگەن بولسىمۇ، بىراق ئۇلار ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئاساسەن تەرتىپلىك يولغا قويۇلىدۇ، شۇڭا ئىسلاھات تەدبىرلىرى خەۋپنىڭ ئالدىنى ئېلىش – تىزگىنلەشكە پايدىلىقمۇ ياكى خەۋپنى توپلاپ كېڭەيتىۋېتەمدۇ، دېگەننى ئويلىشىش كېرەك. بولۇپمۇ مالىيە ۋە پۇل مۇئامىلە ساھەسىدە، ئومۇمىي سىستېمىلىق خەۋپنى تىزگىنلىگىلى بولسىمۇ، ئەمما قىسمەن خەۋپ نۇقتىلىرى يەنىلا مەۋجۇت. شۇڭا ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشنىڭ پەيتى ۋە رىتىمىنى ياخشى ئىگىلەش كېرەك.

  ئىسلاھاتتا قانداق تەدبىر قوللىنىلىدۇ؟ ئاۋۋال ئاساننى، ئاندىن قىيىننى قىلىش، كىچىك ئىشلارنى چوڭ ئىشلارغا تۈرتكە قىلىش، مۇھىم نۇقتىنى تۇتۇش، رىتىمنى ئىگىلەش، ئىشنى ئەستايىدىل، پۇختا قىلىش، سۈپەت ئارقىلىق ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەش مۇخبىر: ئىسلاھات قىيىنچىلىقلارنى يېڭىش باسقۇچىغا كىرگەن بولۇپ، تەدبىر ئىنتايىن مۇھىم. ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ۋە ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى تۈزۈلمە ئىسلاھاتى ساھەسىدە

  قانداق تەدبىر قوللانغاندا ئىسلاھاتنى ئوڭۇشلۇق ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ؟

  ياڭ ۋېيمىن: بىز بېكىتكەن ئىسلاھات تەدبىرى ئاۋۋال قىيىننى، ئاندىن ئاساننى قىلىش، كىچىك ئىشلارنى چوڭ ئىشلارغا تۈرتكە قىلىش، مۇھىم نۇقتىنى تۇتۇش، رىتىمنى ئىگىلەش، ئىشنى ئەستايىدىل، پۇختا قىلىش، سۈپەت ئارقىلىق ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەشتىن ئىبارەت. ئاۋۋال قىيىننى، ئاندىن ئاساننى قىلىش ئاسان ئۆزگەرتكىلى بولىدىغانلاردىن باشلاپ ئۆزگەرتىشنى كۆرسىتىدۇ. قىيىن، ئاسانلىق ئىسلاھات تەدبىرىنىڭ چوڭ – كىچىكلىكىگە ئەمەس، بەلكى ئورتاق تونۇش دەرىجىسىگە ئاساسەن ئايرىلىدۇ. ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىنغانلارنى ئاۋۋال ئىسلاھ قىلىش، ساقلاپ تۇرماسلىق، ئىسلاھات پەيتىنى قولدىن بەرمەسلىك، ئىسلاھات مۇساپىسىگە تەسىر يەتكۈزمەسلىك كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، تەتقىق قىلىش، مۇزاكىرە قىلىش ۋە نۇقتىدا سىناق قىلىش ئارقىلىق، ئورتاق تونۇش كەمچىل بولغان ئىسلاھات تۈرىدە تونۇشنى تەدرىجىي بىرلىككە كەلتۈرۈش كېرەك. كىچىك ئىشلارنى چوڭ ئىشلارغا تۈرتكە قىلىش قارىماققا تەسىرى كىچىك، ئەمما ئومۇمىي ئىسلاھاتقا تۈرتكە بولالايدىغان قىسمەن تەدبىرلەرنى چىڭ تۇتۇپ ئىلگىرى سۈرۈشنى كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن: مالىيە بېجى تۈزۈلمە ئىسلاھاتىدا، بۇ يىللىق مۇھىم نۇقتا تىجارەت، ئىسلاھات ۋە كىرىمنى ئاشۇرۇش بولۇپ، قارىماققا كىچىك ئىسلاھاتتەك كۆرۈنىدۇ، ئەمما ئۇ يەرلىك باج سىستېمىسى ئىسلاھاتىغا تۈرتكە بولۇپ، مەركەز بىلەن يەرلىكنىڭ خىزمەت ھوقۇقىنى ئايرىشتىن ئىبارەت دۆلەتنىڭ ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنىڭ چوڭ ئىسلاھاتىغا تەلەپ قويىدۇ.

  مۇھىم نۇقتىنى چىڭ تۇتۇش تۈرلۈك ساھە، تۈرلۈك ئىسلاھات تەدبىرلىرىنىڭ يادروسى ۋە مۇھىم نۇقتىسىنى تېپىپ چىقىشنى كۆرسىتىدۇ. مەلۇم ساھەنىڭ ئىسلاھاتىنىڭ يادروسى ئاشۇ بىر، ئىككى نۇقتىدا بولۇپ، ئاشۇ تۇتقا چىڭ تۇتۇلسىلا، باشقا ئىشلارغا يول ئېچىلىدۇ. مەسىلەن: ئاساسىي فۇنكسىيەلىك رايون تۈزۈلمىسى بەرپا قىلىشنىڭ ئېكولوگىيەلىك تولۇقلىما بېرىش ۋە خىزمەت نەتىجىسىنى تەكشۈرۈشتىن ئىبارەت ئىككى ھالقىلىق نۇقتىسى بار.

  رىتىمنى ئىگىلەش جۈرئەتلىك بولۇش بىلەن قەدەمنى پۇختا بېسىشنى ياخشى ئىگىلەش، يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەش بىلەن ئىھتىياتچان بولۇش، ئىسلاھات، تەرەققىيات ۋە مۇقىملىقنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىشنى يەنى ھەم پەللىدىن بالدۇر چىقىپ كېتىشتىن ھەم يۈگۈرمەي تۇرۇۋېلىشتىن ساقلىنىشنى كۆرسىتىدۇ. ئىسلاھاتنى تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈش، قالايمىقان ئىش كۆرمەسلىك كېرەك. مەسىلەن: ھازىرقى ئىسلاھاتتا، ھەم ئۆزگەرتىلىدۇ ھەم ساقلاپ قېلىنىدۇ، قايسىلىرىنى ئۆزگەرتىپ، قايسىلىرىنى ساقلاپ قېلىشقا دىققەت قىلىش كېرەك، ئىشلارنى ئايدىڭلاشتۇرماي تۇرۇپلا قارىغۇلارچە يولغا قويۇشقا بولمايدۇ. ئىشنى ئەستايىدىل، پۇختا قىلىش ھەر بىر قەدەمنى پۇختا بېسىپ، ئېھتىياتچان بولۇش، تولۇق دەلىللەش، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەش، ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈشنى كۆرسىتىدۇ. يولغا قويۇلىدىغان ئىسلاھاتتا ھەقىقىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىش، قۇرۇق پو ئاتماسلىق، قېلىپلىشىپ كەتكەن تەكەللۇپ سۆزلەرنى قىلماسلىق، پۇقرالارنى، بازار ۋە كارخانىلارنى ئالدىماسلىق، دېگەننى چوقۇم ئورۇنداش ھەم ئۈنۈم ھاسىل قىلىش كېرەك.

  سۈپەت ئارقىلىق ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەش سۈرئەت قوغلاشماسلىقنى كۆرسىتىدۇ، ‹‹ئالدىرىغان يولدا قالار›› دېگەن گەپ بار، ئىسلاھاتتا ئەمەلىي ئۈنۈم ۋە ئەمەلىي نەتىجىگە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. ھازىر ئىسلاھاتتا بەلگىلىك يەڭگىللىك پوزىتسىيەسى يەنىلا مەۋجۇت، قىسمەن جايلار ۋە تارماقلارنىڭ ھەرىكىتى ناھايىتى تېز بولسىمۇ، بىراق ئۇلار ئىسلاھاتنى ھەممە نەرسىنى سالسا بولۇۋېرىدىغان سېۋەت قىلىۋالماقتا، قارىماققا ئىسلاھ قىلىدىغان تۈرلەر كۆپتەك كۆرۈنسىمۇ، بىراق ماھىيەتلىك، ھەقىقىي ئىسلاھ قىلىشقا تېگىشلىكى ئاز. ئىسلاھات ئاساسىي لىنىيەسىنى پۇختا ئىگىلەپ، ھەر بىر ئىسلاھاتنى توغرا يۆنىلىشتە ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىسلاھات ماھىيىتىنى خاتا چۈشىنىش، بۇرمىلاشتىن خالىي بولۇپ، پۇقرالارنى ئۈمىدسىزلەندۈرۈشتىن ساقلىنىش كېرەك. ئىسلاھاتنىڭ ئالدى – كەينىدىكى ئەھۋالدا قىلچە ئۆزگىرىش بولماسلىقتىن ساقلىنىپ، ئىسلاھاتتا نەتىجىسىز ئىشلەشتىن ساقلىنىش كېرەك.

  مەخسۇس گۇرۇپپىلار نېمە ئىش قىلىدۇ؟ مەركەزنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىغا قاراشلىق ئالتە مەخسۇس گۇرۇپپا بار. مەخسۇس گۇرۇپپىلار مەركەز رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئورۇنلاشتۇرغان ۋەزىپىلەرنى ئورۇندايدۇ. ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ۋە ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى تۈزۈلمە ئىسلاھاتىغا رەھبەرلىك قىلىش مەخسۇس گۇرۇپپىسى ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ۋە ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى تەتقىق قىلىش، ماسلاشتۇرۇش ۋە ئىلگىرى سۈرۈشكە رەھبەرلىك قىلىدۇ، يەنى ئىسلاھات مەسىلىلىرىنى تەتقىق قىلىدۇ، ئىسلاھات لايىھەسىنى ماسلاشتۇرۇپ، ئىسلاھاتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. مەخسۇس گۇرۇپپا خىزمەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى چىڭ تۇتۇپ، بەش قولنى ئېغىزغا بىراقلا تىقماي، ئالدىنقى سەپ خىزمىتىگىلا كۈچىمەي، تارماقلارنىڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئۆزىنى فۇنكسىيەلىك تارماقلارنىڭ ئورنىغا قويۇشى كېرەك. ئىسلاھات لايىھەسىنى ئاساسلىقى باشلامچى تارماقلار تەتقىق قىلىپ ئوتتۇرىغا قويىدۇ ۋە تەشكىللەپ يولغا قويىدۇ. ئوبرازلىق قىلىپ ئېيتقاندا، ئىسلاھاتنىڭ ‹‹ئالدىنقى سېپى›› دە كۈرەش قىلىۋاتقىنى تارماقلار ۋە يەرلىكلەر بولۇپ، مەخسۇس گۇرۇپپىلار باش ئىشتابلىق رولىنى ئوينايدۇ، ئۇرۇش بۇسىنىڭ فۇنكسىيەسىنى ئورۇندايدۇ.

  ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى، ئىقتىسادىي مەخسۇس گۇرۇپپا زىممىسىگە ئالغان ۋەزىپە ئېغىرراق. ‹‹ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا دائىر بىر قانچە مۇھىم مەسىلە توغرىسىدىكى قارارى›› نىڭ 16 بۆلەك 60 ماددىسىدا، ئىقتىساد ۋە ئېكولوگىيە يەتتە بۆلەك، 25 ماددىنى ئىگىلىگەن، ئىجتىمائىي تۈزۈلمىدىمۇ ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ۋە ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى تۈزۈلمە ئىسلاھاتىغا رەھبەرلىك قىلىش مەخسۇس گۇرۇپپىسى ماسلاشتۇرۇشقا تېگىشلىك قىسمەن تەرەپلەر بار. ‹‹قارار›› دىكى 336 مۇھىم ئىسلاھات تەدبىرىنىڭ 181 ى ئالتە مەخسۇس گۇرۇپپىسىنىڭ ماسلاشتۇرۇشىغا موھتاج، بۇنىڭ ئىچىدە ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ۋە ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى تۈزۈلمە ئىسلاھاتىغا رەھبەرلىك قىلىش مەخسۇس گۇرۇپپىسى مەسئۇل بولۇپ ماسلاشتۇرىدىغىنى 118 ماددا بولۇپ، %65 نى ئىگىلەيدۇ.‹‹خەلق گېزىتى ›› دىن ئېلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر