باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

باغراش كۈلى مەنزىرە رايۇنىنىڭ غەلبىلىك ھالدا 5ئا دەرىجىلىك مەنزىرە رايۇنى بۇلۇپ قۇرۇلۇشى دېھقان چارۋۇچىلارنىڭ بېيىش يۇلىنى ئاچتى

2014.07.01 12:24         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز گۈلشەن ئابلىز خەۋىرى: بۇيىل 5-ئايدا باغراش كۆلى مەنزىرە رايونى غەلبىلىك ھالدا 5A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى بۇلۇپ قۇرۇلۇپ، باغراش كۆلىنىڭ نامى ۋە تەسىر- دائىرىسىنى يەنىمۇ يۇقىرى كۆتۈردى، كۈتىۋېلىنغان ساياھەتچىلەر مىقدارى زور دەرىجىدە ئېشىپ، نۇرغۇن دېھقان ساياھەتچىلىك ئېلىپ كەلگەن بېيىش يولى ئارقىلىق كىرىمىنى ئاشۇردى.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، باغراش ناھىيەسى بېلىق تۇتۇش بايرىمى،قار-مۇز بايرىمى قاتارلىق بىر قاتار بايرام تەبرىك پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق ساياھەتچىلەرنى جەلىب قىلدى، 2013-يىلى پۈتۈن ناھىيە كۈتىۋالغان ساياھەتچىلەر سانى 1مىليۇن 237مىڭ كىشىگە يېتىپ، يەرلىك دېھقان- چارۋىچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈردى. پۈتۈن ناھىيە ساياھەتچىلىككە تايىنىپ يېزا-كەنت ئېشىنچى ئەمگەك كۈچىدىن مىڭ ئادەمنى يۆتكەپ ئىشلىتىپ، 10مىڭغا يېقىن كىشى بىۋاستە ۋە ۋاستىلىق ھالدا ساياھەتچىلىك بىلەن شۇغۇللىنىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش بېسىمىنى يېنىكلىتىپ، كىشى بېشى كىرىمىنىڭ ئوتتۇرىچە ھېساب بىلەن 25مىڭ يۈەنگە يېتىشىنى ئىشقا ئاشۇردى.باغراش ناھىيەلىك ساياھەت ئىدارىسىنىڭ باشلىقى جەن لىجۈن مۇنداق دېدى.

  باغراش ناھىيەسى ساياھەتچىلەرنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن بىر قىسىم سىياسەتلەرنى يولغا قويۇپ، ئاكتىپلىق بىلەن باغراش ناھىيەسىنىڭ دېھقان- چارۋىچىلىرىنى دېھقانلار شادلىقى، چارۋىچىلار شادلىقى ۋە بېلىقچىلار شادلىقىنى تەرەققى قىلدۇرۇشقا يېتەكلەپ، ساياھەتچىلىكنى تەرەققى قىلدۇرۇش ئارقىلىق بىزنىڭ چارۋىچى- دېھقانلارنى ھەقىقى ئۈنۈمگە ئېرىشتۈرۈپ، باغراش ناھىيەسىنىڭ ئېشىنچى ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، دېھقان- چارۋىچىلارنىڭ بېيىش يولىنى ئاچتى.

  مۇخبىر : باغراش ناھىيەلىك رادىئو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسىدا

  مۇھەررىر: مۇسا ھەيدەر

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر