باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

خىزمەت ئەتىرىتى مېيىپ ئوقۇغۇچىغا ھاياتلىق يولى تېپىپ بەردى.

2014.07.01 12:17         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز رۇزى ھاجى نەزەر خەۋىرى:شىنجاڭ قەشقەر پەيزاۋات ناھىيەلىك سۇ سىستېمىسى پارتىكومىدىن پەيزاۋات ناھىيەسىنىڭ گۈللۈك يېزا يالغۇزتال كەنتىگە ‹‹ئەل رايىنى ئىگەللەش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› تىن ئىبارەت شەرەپلىك بۇرۇچنى ئۈستىگە ئېلىپ كەلگەن خىزمەت ئەتىرىتى سەمىمىلىكى، مېھرىبانلىقى، چىن مۇھەببىتى بىلەن شۆھرەت قازىنىپ كەنت خەلقىنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشكەن سۆيۈملىك ئەتىرەتكە ئايلاندى.
بۇ ئەتىرەتتىكى ئۇيغۇر ۋە خەنزۇ مىللىتىدىن بولغان ئىتىتىپاقلىق ئەلچىلىرى ئەل رايىنى ئىگەللەش جەريانىدا پارتىيەنىڭ ئاممىۋىي لۇشيەن تەربىيەسىنى دېھقانلارغا يەتكۈزۈپ تېھخنىكا ئارقىلىق خەلقنى بېيىشقا يېتەكلەش ،قول تۇتۇشۇپ بەختىيار ياشاشقا تىرىشىشنى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ نىشانى قىلدى.3 ياش ۋاقتىدا قۇلىقى ئاڭلىماس بولۇپ داۋالىنىشقا ئامالسىز قالغانلىقتىن بەختسىز بولۇپ قالغان 12 ياشلىق ئوقۇغۇچى ئالمېھرە ئەمەتنىڭ تەقدىرىدىن ئېچىنغان ئەتىرەت ئەزالىرى چىرايلىق، ئوماق قىزغا يېڭىدىن بەخت كۈلكىسى ئاتا قىلىش ئۈچۈن ئۈرۈمچىدىكى داڭلىق دوختۇرخانىلار بىلەن ئالاقىلىشىپ داۋالىتىشقا 200 مىڭ يۈەن كېتىدىغانلىقىنى ئۇقۇپ قاتتىق ھاياجانلىنىدۇ.ئۆز كۈنىنى ئاران ئۆتكۈزىۋاتقان ئەمەت ئىمىن ئائىلىسىگە كۈچلۈك تەسەللى بېرىپ تەشۋىقاتنى كۈچەيتىش بىلەن سۇ ئىدارىسى، پەيزاۋات ناھىيەلىك خەلق ئىشلار ئىدارىسى، پەيزاۋات ناھىيەلىك قىزىل كىرسىت جەمئىيىتىنىڭ قىزغىن قوللىشىغا ئېرىشتى.5- ئاينىڭ ئوتتۇرلىرىغىچە سۇ سىستېمىسى پارتىكومىدىن گۈللۈك يېزىسىنىڭ 6 كەنتىگە خىزمەتكە چۈشكەن 18 نەپەر ئەتىرەت ئەزاسى ئۆز يېنىدىن 6600 يۈەن،سۇ ئىدارىسىدىكى خىزمەتچىلەر 16 مىڭ 400 يۈەن، گەلۈللۈك يېزىلىق پارتىكوم،خەلق ھۆكۈمىتى 10 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق چىقاردى. پەيزاۋات ناھىيەلىك خەلق ئىشلار ئىدارىسى بىلەن قىزىل كىرسىت جەمئىيىتى تىز سۈرئەتتە 160 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇل چىقىرىپ 200 مىڭ يۈەن راسلانغاچقا بىر نەپەر ئەتىرەت ئەزاسى ئالمېھرە ئەمەتنىڭ ئېلېكترونلۇق تىڭشىغۇچ ئارقىلىق ئاڭلاش ئىقتىدارىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن يېقىندا ئۈرۈمچىگە باردى.پارتىيەنىڭ ئىللىق مېھرى، ھەر ساھەنىڭ ئالاھىدە غەمخورلۇقى بىلەن داۋالىنىۋاتقان ئوقۇغۇچى ئالمېھرە ئەمەت دادىسى ئەمەت ئىمىننى قۇچاقلىغان ھالدا مۇنداق دېدى:پارتىيە، خىزمەت ئەتىرىتى، ياخشى نىيەتلىك ئادەملەر بولمىغان بولسا مەن بىر ئۆمۈر گاس،مېيىپ بولۇپ ياشىغان بولاتتىم ،ماڭا، ئائىلىمىزگە ئىستېقبال تېپىپ بەرگەن كىشىلەرگە مىڭ رەھمەت!

مۇخبىر : بىڭتىۋەن قەشقەر پەيزاۋات باش مەيدان 8- روتا.

مۇھەررىر: مۇسا ھەيدەر

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر