باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

بىز بىر ئائىلە كىشىلىرى

2014.06.20 10:53         مەنبە: شىنخۇا تورى ئۇيغۇرچە قانىلى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  -ئاپتونوم رايوننىڭ 32–قېتىملىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسى ئېيى پائالىيىتى توغرىسىدا ئومۇمىي بايان

  تىپلار ئارقىلىق يېتەكلىنىپ، چىن مۇھەببەت ئەۋج ئالدۇرۇلدى

  ئۈلگىنىڭ كۈچى چەكسىز، بىر ئىلغار تىپ بىر بايراق. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسى ئېيى پائالىيىتى مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايون ئىلغار تىپلار، شەخسلەرنى تىكلەش ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ ئۈلگىلىك، تۈرتكىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇردى.

  5–ئايدا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى تەشكىللەپ پىلانلىغان، تەڭرىتاغ كىنو ئىستۇدىيەسى سۈرەتكە ئالغان ‹‹مېھىر – مۇھەببەت›› ناملىق فىلىمنىڭ تۇنجى قويۇلۇش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى ھەم ئارقىدىنلا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا قويۇلدى. فىلىمدە ئۇيغۇر ئانا ھەنىپە ئالىمئاخۇننىڭ قانداشلىق، مىللەت ھالقىغان سەمىمىي مۇھەببىتى ئارقىلىق، ئالتە مىللەتتىن بولغان 19 بالىنى جاپالىق بېقىپ قاتارغا قوشقانلىقىدەك تەسىرلىك ھېكايە تەسۋىرلەنگەن بولۇپ، سانسىزلىغان تاماشىبىننى قاتتىق تەسىرلەندۈرۈپ، چوڭقۇر ئورتاق ھېسسىيات پەيدا قىلدى.

  مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسى ئېيى مەزگىلىدە، ‹‹تەڭرىتاغقا مۇھەببەت›› ناملىق ئوپېرا دۆلەت تىياتىرخانىسى ۋە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ شەھەر – يېزىلىرىدا سەييارە ئورۇنلاندى، ھەر قېتىملىق ئويۇندا مەيدان تاماشىبىنلار بىلەن لىق تولۇپ، قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشتى. ‹‹دوختۇر جۇاڭ شىخۇا›› ناملىق چوڭ تىپتىكى ئىجادىي دىرامىدا، جۇاڭ شىخۇانىڭ نەچچە ئون يىلدىن بۇيان پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئەسكەرلەرگە، ھەر مىللەت خەلققە مۇلازىمەت قىلىشتەك تەسىرلىك ئىش – پائالىيەتلىرى بايان قىلىنغان بولۇپ، سانسىزلىغان ئامما ئاپىرىن ئوقۇدى ۋە ئالقىشلىدى؛ لى يۈەنمىننىڭ ئىش – پائالىيەتلىرىدىن دوكلات بېرىش ئۆمىكى ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى ئون ناھىيە، شەھەردە سەييارە دوكلات بېرىپ، بىر مەھەل ئۆگىنىش دولقۇنى قوزغىدى.

  جايلار، ئورۇنلار ئىلغار تىپلاردىن ئۆگىنىش ئارقىلىق ئىدىيە ۋە ئېڭىنى ئۆستۈردى، كۆپچىلىك مۇنداق دېيىشتى: ئىلغار تىپلارغا ئوخشاش ۋەتەننى، شىنجاڭنى قىزغىن سۆيۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداپ ۋە ھىمايە قىلىپ، مەۋقەنى ئۆز ۋەزىپىمىزگە قويۇپ، ئىش ئورنىمىزنى سۆيۈپ، كەسپىمىزنى قەدىرلەپ، تىرىشپ ئىشلەپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشىمىز.

  ھەممە ئىشتراك قىلدى، ئىتتىپاقلىق مەدھىيەلەندى

  كۆپ مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلىشىش، مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتى يۇغۇرۇلۇش شىنجاڭنىڭ ئالاھىدىلىكى، تېخىمۇ مۇھىمى شىنجاڭنىڭ پەخرى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ‹‹زامانىۋى مەدەنىيەتنى يېتەكچى قىلىش››تىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك تاللاشنى ئوتتۇرىغا قويۇشتىكى مەقسىتى، زامانىۋى مەدەنىيەتنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، سوتسيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى سىستېمىسى ئارقىلىق شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئورتاق مەنىۋى ماكان قۇرۇشقا يېتەكلەشتىن ئىبارەت.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: مەدەنىيەت مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىقى ۋە ئىناقلىقىنى باغلاپ تۇرىدىغان كۈچلۈك مەنىۋى ۋاسىتە. جايلار، ئورۇنلار مىللەتلەرنىڭ مۇنەۋۋەر مەدەنىيىتىنى قوغداش، ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، بىر گەۋدىلەشكەن، كۆپ مەنبەلىك، يۇغۇرۇلغان، ئېچىۋېتىلگەن، شىنجاڭچە زامانىۋى مەدەنىيەتنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، ھەر مىللەت بىرلىكتە خۇشال – خورام ئۆتىدىغان كەيپىيات شەكىللەندۈرۈشى كېرەك.

  جايلار بۇ يىل 5–ئايدا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسى بويىچە ‹‹سەككىز بىر›› پائالىيىتى، ياشلار – ئۆسمۈرلەر ئارىسىدا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بويىچە ‹‹يەتتە بىر›› ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش پائالىيىتى... لېكسىيە سۆزلەش ۋە باشقا پائالىيەتلەتلەرنى قانات يايدۇردى، ھەممە كىشى ئاڭلىغۇچى ۋە ئىشتراكچى بولدى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئېڭى جەمئىيەتنىڭ ھەر بىر ھۈجەيرىسىگىچە سىڭدۈرۈلدى.

  شىنجاڭ ئالاقە تورى ئۇچۇر ئىشخانىسى ئۇيۇشتۇرغان ‹‹تەكلىماكاندا توي›› ناملىق كاتتا كوللېكتىپ توي پائالىيىتى 5–ئاينىڭ 1–كۈنى جەنۇبىي شىنجاڭدا باشلاندى. پائالىيەت شايار ناھىيەسىدىن باشلىنىپ يېرىم ئاي ئىچىدە ئاۋات ناھىيەسى، ئاتۇش شەھىرى، ئاقتۇ ناھىيەسى، گۇما ناھىيەسى، يەكەن ناھىيەسى، مەكىت ناھىيەسى، قاراقاش ناھىيەلىرىگىچە كېڭىيىپ، سەككىز ناھىيە، شەھەردىكى 200 نەچچە جۈپ ئۇيغۇر، خەنزۇ، تاجىك قىز – يىگىت ئۈچۈن داغدۇغىلىق ئەمما ئاددىي – ساددا كوللېكتىپ توي مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى.

  ئۈرۈمچى شەھىرى ‹‹مەركىزىي شەھەرگە مۇھەببەت ئەتراپىمدىكى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھېكايىسى›› تېمىسىدا نۇتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھەققىدىكى ھېكايىلەر ئارقىلىق ھەر مىللەت ئاممىنى تەربىيەلىدى. ئاقسۇ ۋىلايىتى ‹‹جۇڭگو ئارزۇسى شىنجاڭ قىسمى›› تېمىسىدا ماقالە قوبۇل قىلىش ۋە تەشۋىقات بۇيۇملىرىنى ئىشلەش تەشۋىقات پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى؛ شىنجاڭدىكى ئاساسلىق تاراتقۇلار كەينى – كەينىدىن ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھەققىدە سۆھبەت›› ئىستونىنى تەسىس قىلدى، كىشىلەر بەس – بەستە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا ئائىت ھېكايىلەرنى سۆزلىدى؛ ئالتاي ۋىلايىتى ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھەققىدە كۆڭلىدىكىنى سۆزلەش›› پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق كەنتلىرى ۋە مەھەللىلەرگە بېرىپ، 300 نەچچە مەيدان سۆھبەت ئۆتكۈزدى ۋە پىكىر ئالماشتۇردى...

  ئامما قاتناشقان سۆھبەت، پىكىر ئالماشتۇرۇش پائالىيەتلىرى ھەر مىللەت ئاممىنى زىچ باغلاپ، ئىتتىپاقلىق ھەققىدىكى سۆزلەرنى تېخىمۇ جاراڭلىق سۆزلەش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، ئىتتىپاقلىق رىشتىنى چىڭىتىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسى پائالىيىتىنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈردى.

  زېھىن ۋە كۈچ مۇجەسسەملىنىپ، ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىندى

  تەربىيە ئېيى پائالىيىتىنىڭ كەڭ قانات يايدۇرۇلۇشىغا ئەگىشىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ئىشنى ئۆزىدىن باشلاپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىپ، كۈچنى مۇجەسسەملەپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇققا زەربە بەردى.

  5–ئاينىڭ 23–كۈنى ئاپتونوم رايون زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە قاقشاتقۇچ زەربە بېرىش مەخسۇس ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرغاندىن بۇيان، ھەر مىللەت ئامما جىنايى ھەرىكەت ۋە جىنايەت گۇماندارلىرىنى ئاكتىپ پاش قىلىپ، ساقچىلار بىلەن ھەمكارلىشىپ زوراۋان – تېررورچىلارنى تۇتۇپ، تېررورلۇققا قارشى خەلق ئۇرۇشىنىڭ ‹‹بىپايان دېڭىزى››نى شەكىللەندۈردى.

  ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ساقچى دائىرىلىرى 12–ئىيۇنغىچە ئامما تەمىنلىگەن 300 نەچچە يىپ ئۇچىغا ئاساسەن توققۇز زوراۋانلىق، تېررورلۇق شايكىسى، بىر دىن ئەسەبىيلىكى شايكىسىنى تارمار قىلىپ، دېلوغا چېتىشلىق 60 نەچچە كىشىنى تۇتتى، 160 نەچچە پارتلىتىش قۇرۇلمىسى، 40 نەچچە كىلوگىرام پارتلاتقۇچ ماتېرىيالى، بىر تۈركۈم پارتلاتقۇچ ياساش ئۈسكۈنىلىرى، كۆپ ۋاسىتىلىك كارتا، شۇنداقلا ‹‹غازات›› بايرىقى قاتارلىق قانۇنسىز دىنىي تەشۋىقات بۇيۇملىرىنى قولغا چۈشۈردى، قانۇنسىز ئۈن – سىن پىروگراممىسىنى كۆپەيتىدىغان ئىككى ئۇۋىنى بىتچىت قىلىپ، ساقچى بىلەن خەلق بىرلىشىپ زوراۋانلىق، تېررورلۇققا قارشى قۇدرەتلىك كۈچنى نامايان قىلدى.

  سان – ساناقسىز ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، ھايات – مامات سىنىقىدا، شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىق ئاساسى مۇستەھكەم بولدى، ھەر مىللەت ئامما باشتىن – ئاخىر زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايەتلىرىگە زەربە بېرىش، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشتىكى مۇستەھكەم تايانچ كۈچ، ھەر مىللەت خەلق بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، دۈشمەنگە قارشى بىر سەپتە تۇرۇپ، ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشسىلا، زوراۋان – تېررورچىلارنىڭ خورىكىنى يەرگە ئۇرغىلى، ھەر مىللەت خەلق دۆلەتنىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئورتاق قوغدايدىغان پولات ئىستىھكامنى يەنىمۇ مۇستەھكەملىگىلى بولىدۇ.

  ھازىر تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىكى ھەر مىللەت خەلق پۈتۈن كۈچى بىلەن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ئاساسىنى مۇستەھكەملەپ، ئىتتىپاق، ئىناق، باي، گۈللەنگەن، مەدەنىي، ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان، خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىدىغان گۈزەل شىنجاڭنى ئورتاق بەرپا قىلماقتا.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر