باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

خوتەندىكى ھەرمىللەت ئامما ئۇيۇل تاشتەك ئۇيۇشۇپ زوراۋان–تېررورچىلارنىڭ ھەيۋىسىنى يەرگە ئۇردى

2014.06.19 10:00         مەنبە: شىنخۇا تورى ئۇيغۇرچە قانىلى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ‹‹كوچىدىن ئۆتكەن چاشقان ئۇر–ئۇرغا قاپتۇ››

  15–ئىيۇن چۈشتىن كېيىن سائەت 15تىن 45 مىنۇت ئۆتكەندە، ئۈچ زوراۋان – تېررورچى خوتەن شەھىرى مەرھابا يولىدىكى مەلۇم بىر شاھماتخانىغا باستۇرۇپ كىرىپ، قارت – شاھمات ئويناۋاتقان بىگۇناھ ئاممىنى غالجىرلارچە ئۇرۇپ – چاپقان. ئەتراپتا قوراللىق چارلاش ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان مۇقىملىقنى قوغداش كۈچلىرى بىر مىنۇت 20 سېكۇنتتا نەق مەيدانغا يېتىپ كېلىپ، ئاممىنىڭ ياردىمىدە زوراۋان – تېررورچىلارنى بويسۇندۇرغان. نەق مەيداندىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ساقچىلار بىلەن بىرلىكتە زوراۋانلىق، تېررورلۇق ۋەقەسىنى چاقماق تېزلىكىدە بىر تەرەپ قىلىشى، خوتەن ۋىلايىتىدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە زەربە بېرىشتىكى مۇھىم كۈچكە ئايلانغانلىقىنىڭ تىپىك مىسالى. ھازىر خوتەن ۋىلايىتىدىكى ھەر مىللەت ئامما زوراۋانلىق، تېررورلۇققا قارشى ‹‹خەلق ئۇرۇشى››نى قوزغاپ، ‹‹ئاسماندا تور، يەردە قاپقان›› شەكىللەندۈرۈپ، زوراۋان – تېررورچىلارنىڭ ھەيۋىسىنى يەرگە ئۇردى.

  ساقچى – خەلق بىرلىكتە 80 سېكۇنتتىلا زوراۋان – تېررورچىلارنى تەسلىم قىلدى

  16–ئىيۇن چۈشتىن بۇرۇن خوتەن شەھىرىنىڭ مەرھابا يولى بىلەن خەلق يولى كېسىشكەن دوقمۇشتىكى ۋەقە يۈزبەرگەن مەيداندا زىيارەتتە بولدۇق. بۇ جاي ئەتراپتىكى ئاھالىلەر ئارام ئالىدىغان ئورۇن بولۇپ، ئەتراپتىكى دۇكانلار نورمال تىجارەت قىلىۋاتقان ئىدى. مەيداننىڭ شىمالىدىكى ۋەقە يۈزبەرگەن شاھماتخانىنىڭ ئىشىكى ھىم تاقالغان بولۇپ، نەق مەيداندىكى ئىزنالاردىن ئەينى ۋاقىتتا ھەر مىللەت ئاممىنىڭ زوراۋانلار بىلەن كەسكىن ئېلىشقانلىقىنى ھېس قىلغىلى بولاتتى.

  15–ئىيۇن چۈشتىن كېيىن سائەت 15 تىن 45 مىنۇت ئۆتكەندە ئۈچ زوراۋان – تېررورچى شاھماتخانىغا باستۇرۇپ كىرىپ، ئۆزلىرى ئالدىن تەييارلىۋالغان پىچاق، پالتىلىرى بىلەن قارت – شاھمات ئويناۋاتقان بىگۇناھ ئاممىنى غالجىرلارچە چاناشقا باشلىغان. نەتىجىدە ئۈچ بىگۇناھ ئامما ئېغىر يارىلانغان. ئەتراپتىكى ئامما زوراۋان – تېررورچىلارنىڭ چېكىدىن ئاشقان قىلمىشىدىن قاتتىق غەزەپلىنىپ، دەرھال ھەرىكەتكە كېلىپ، ھەممە بىرلىكتە تاياق – توقماقلار بىلەن زوراۋان – تېررورچىلارغا باتۇرلۇق بىلەن زەربە بەرگەن ھەم دۇكاندىكى ئاگاھلاندۇرۇش سېگنالىنى سايرىتىپ، ساقچىغا مەلۇم قىلغان.

  شۇ ئەتراپتا تىجارەت قىلىدىغان دۇكاندار جاڭ ئەپەندىم شۇ كۈندىكى ۋەقەنى ئەسلەپ مۇنداق دېدى: ئەينى ۋاقىتتا ئاگاھلاندۇرۇش سېگنالىنىڭ سايرىغىنىنى ئاڭلاپ سىرتقا چىقتىم. ئەھۋالنىڭ چاتاقلىقىنى كۆرۈپ، دۇكانغا كىرىپ قوغدىنىش ئۈچۈن تەييارلاپ قويغان كالتەكنى ئالدىم. بۇ ۋاقىتتا ئەتراپتىكى باشقا دۇكاندارلار، يول بويىدا ئارام ئېلىۋاتقان يۈك ئاپتوموبىل شوپۇرلىرى، يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان ئۇيغۇر، خەنزۇ قاتارلىق ھەرمىللەت ئامما تەرەپ – تەرەپتىن كېلىپ، شاھماتخانىدىن قېچىپ چىققان زوراۋان – تېررورچىلار بىلەن تىغمۇتىغ ئېلىشتى.

  شۇ چاغدىكى ۋەقەگە شاھىت بولغان كىشىلەردىن ئاڭلىشىمىزچە، زوراۋان – تېررورچىلار نۇرغۇن ئاممىنىڭ خەتەرگە قارىماستىن باتۇرلارچە ئۆزلىرىگە ئېتىلغانلىقىنى كۆرۈپ، ‹‹كىرىدىغان تۆشۈك تاپالمىغان چاشقان››دەك ھەر ياققا قېچىشقا ئۇرۇنۇپ، ئۆزلىرىگە يوپۇرۇلۇپ كېلىۋاتقان ئاممىغا قولىدىكى پىچاق، پالتىلىرىنى غالجىرلارچە قالايمىقان شىلتىشقا باشلاپتۇ، نەق مەيداندىكى ئامما زوراۋان – تېررورچىلارنىڭ قۇرۇق ھەيۋىسى ئالدىدا قىلچە ھودۇقۇپ قالماستىن ئۇلارنى قاتمۇقات مۇھاسىرىگە ئېلىۋاپتۇ.

  شۇنىڭ بىلەن بىللە دېلو مەلۇماتىنى تاپشۇرۇۋالغان خوتەن شەھەرلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ مەرھابا يولىدىكى چارلاش ساقچىلىرى ھەم گۇجانباغ ساقچىخانىسىدىكى ساقچىلار 80 سېكۇنتقىچە نەق مەيدانغا يېتىپ كېلىپ، زوراۋان – تېررورچىلارنى بويسۇندۇرۇپتۇ ھەم يارىلانغان بىر زوراۋاننى تۇتۇپتۇ. بۇ چاغدا 120 جىددىي قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلى نەق مەيدانغا كېلىپ، ئاممىنىڭ ياردىمىدە يارىلانغان تۆت بىگۇناھ ئاممىنى دەرھال دوختۇرخانىغا ئېلىپ كېتىپتۇ.

  ئومۇمىي خەلق زوراۋانلىق، تېررورلۇققا قارشى ئۇيۇلتاشتەك ئۇيۇشتى

  دوختۇرخانىدا شۇ كۈندىكى ۋەقەدە يارىلانغان ئايالىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىۋاتقان چيۇ ئەپەندىم مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: شۇ كۈنى شاھماتخانىدا ئون نەچچە ئادەم بولۇپ، ئارىسىدا تۆت ئايال بار ئىدى. زوراۋان – تېررورچىلار ئەر – ئايال، قېرى – ياش دەپ ئايرىماستىن غالجىرلارچە چاناشقا باشلىدى، ھايات – ماماتلىق پەيتتە ئۇيغۇر دوستۇم ئىككىمىز قىلچە ئىككىلەنمەستىن زوراۋان – تېررورچىلار بىلەن ئېلىشتۇق. ئۇيغۇر دوستۇممۇ ئېلىشىشتا يارىلاندى.

  ۋەقە داۋامىدا، شاھماتخانا ئەتراپىدىكى دۇكاندارلار ۋە خېرىدارلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ھاياتى بىلەن ھېسابلاشماي، زوراۋان – تېررورچىلارغا قارشى باتۇرلۇق بىلەن كۈرەش قىلغانلىقىدەك ۋەقە خوتەندىكى ھەر مىللەت خەلق ئارىسىدا تىللاردا داستان بولماقتا. شۇ كۈندىكى ۋەقەنى بىر تەرەپ قىلىشقا ياردەملەشكەن يۈك ئاپتوموبىلى شوپۇرى غەزەپ بىلەن: زوراۋان – تېررورچىلارنىڭ ئىنسان قېلىپىدىن چىققان قىلمىشىغا ھېچقانداق بىر ۋىجدان ئىگىسى چىداپ تۇرالمايدۇ، دېدى.

  ئالدىنقى كۈنلەردە گۇما ناھىيەسىدىكى ج خ ئورگانلىرى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ زور كۈچ بىلەن ھەمكارلىشىشى ئاستىدا، گۇما ناھىيەسىنىڭ مۇجى بازىرىدا بىر زوراۋانلىق، تېررورلۇق شايكىسىنى بىتچىت قىلىپ، ئۈچ زوراۋان – تېررورچى ۋە نۇرغۇن پارتلاتقۇچ، بىر قىسىم قاتىللىق قوراللىرىنى قولغا چۈشۈرگەن. شۇ قېتىمقى ۋەقەدە قېچىپ كەتكەن جىنايەت گۇماندارلىرىنى تۇتۇش جەريانىدا گۇما ناھىيەسىدىكى ھەر مىللەت ئامما ساقچىلارغا ئاكتىپ ماسلاشقان. ئۇلار ئۆزلۈكىدىن تەشكىللىنىپ ھەر قايسى يول ئېغىزلىرىدا تەكشۈرۈش پونكىتى قۇرۇپ، گۇمانلىق ئاپتوموبىل ۋە كىشىلەرنى تەكشۈرۈشنى كۈچەيتكەن. گۇمانلىق ئەھۋاللارنى بايقىغان ھامان ج خ ئورۇنلىرىغا مەلۇم قىلغان. بۇ جەرياندا ئۈچ قاچقۇن تېررورچىنى ئۇستىلىق بىلەن قولغا چۈشۈرگەن.

  ھازىر خوتەن ۋىلايىتىدىلا ئەمەس ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئامما ئۆزلۈكىدىن تەشكىللىنىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق زوراۋانلىق – تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە مەخسۇس زەربە بېرىش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداۋاتىدۇ. زوراۋان – تېررورچىلارنىڭ قىلمىشى قەبىھ بولسىمۇ، ھەر مىللەت ئامما ئەقىل – پاراسىتىگە تايىنىپ، زىچ ئىتتىپاقلىشىپ، ئۆزلىرىنىڭ ھاياتى بىلەن قىلچە ھېسابلاشماي، زوراۋان – تېررورچىلار بىلەن باتۇرلارچە ئېلىشىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ئادالەتنى ياقلىدى.

  زوراۋان – تېررورچىلار ‹‹كوچىدىن ئۆتكەن چاشقان››

  ‹‹15 – ئىيۇن›› زوراۋانلىق، تېررورلۇق ۋەقەسىدىن كېيىن، خوتەن ۋىلايىتىدىكى ھەر مىللەت ئامما بەس – بەستە زوراۋان – تېررورچىلارنىڭ ئىنسان قېلىپىدىن چىققان قەبىھ قىلمىشىنى قاتتىق ئەيىبلىدى. شۇ ئەتراپتا سودا قىلىدىغان ئۇيغۇر تىجارەتچى مۇنداق دېدى: زوراۋان – تېررورچىلارنى ئادەم دېگىلى بولمايدۇ، ئۇلارنىڭ مەقسىتى جەمئىيىتىمىزدە قالايمىقانچىلىق چىقىرىش، مىللەتلەر ئارىسىدا ئۆچمەنلىك پەيدا قىلىش بولۇپ، ئۇلارنىڭ قىلمىشىغا ھېچقانداق ۋىجدان ئىگىسى چىداپ تۇرالمايدۇ.

  شۇ كۈندىكى ۋەقەنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن 60 ياشلىق مەمەتروزى ئاكا مۇنداق دېدى: بۇ ئىپلاسلارنىڭ كۈپكۈندۈزدە بىگۇناھ ئاممىنى يارىلاندۇرغانلىقىغا چىداپ تۇرغىلى بولمايدۇ. زوراۋان – تېررورچىلارنىڭ ھازىرقى ياخشى تۇرمۇشىمىزنى قەدىرلىمەي، ئەسەبىيلەرچە قىلغان يامان ئىشلىرىنى ھەرگىز قوبۇل قىلالمايمىز. ئۇلار يۇرتىمىزدىن چىققان مۇناپىقلار.

  ۋەقە يۈزبەرگەندە ئەتراپتىكى تاللا بازىرىدىن نەرسە – كېرەك سېتىۋېلىۋاتقان ۋاڭ خانىم مۇنداق دېدى: مەن خوتەندە ئولتۇراقلاشقىلى يەتتە يىل بولدى، بۇ جەرياندا خوتەن ئىنتايىن تېز تەرەققىي قىلدى. مەن زوراۋان – تېررورچىلارنىڭ جىنايى قىلمىشىنى قاتتىق ئەيىبلەيمەن ھەم زوراۋان – تېررورچىلارنىڭ قانۇننىڭ جازاسىغا تارتىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. بىزنىڭ تىنچ، بەختلىك تۇرمۇشىمىز يەنىلا داۋاملىشىۋېرىدۇ.

  خوتەن گېزىتخانىسىنىڭ باشلىقى مۇختار مەتروزى مۇنداق دېدى: ھازىر خوتەن شەھىرىدىكى ھەرمىللەت ئاممىنىڭ زوراۋانلىق، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئېڭى ئىنتايىن يۇقىرى، ھەممە كىشىنىڭ قارىشى بىرلىككە كەلگەن. ‹‹15–ئىيۇن›› زوراۋانلىق، تېررورلۇق ۋەقەسىنى بىر تەرەپ قىلىش ئەمەلىيىتى بۇنىڭ تىپىك مىسالى بولالايدۇ.

  ۋەقە يۈزبېرىپ ئەتىسى شاھماتخانا ئەتراپىدىكى ئىككى مەكتەپتە نورمال دەرس ئۆتۈلدى، ھەرقايسى دۇكانلارمۇ تىجارىتىنى نورمال داۋاملاشتۇردى. يېقىن ئەتراپتىكى شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ خىزمەت، تۇرمۇشى ئىزىغا چۈشتى. بۇ ئىككى كۈندىن بۇيان خوتەن شەھىرىنىڭ كوچىلىرىدىكى رەستىلەر ئاۋالقىدەكلا قاينام – تاشقىنلىققا تولدى. كوچا – كويلار، ئاپتوبۇس بېكەتلىرى، ئايروپورت قاتارلىق ئاممىۋى مۇلازىمەت سورۇنلىرى ھەر مىللەت خەلقنىڭ خىزمەت ۋە تۇرمۇشى ئۈچۈن نورمال مۇلازىمەت قىلدى. خۇددى مەلۇم بىر شەھەر ئاھالىسى ئېيتقاندەك ‹‹بىزنىڭ تىنچ، خاتىرجەم تۇرمۇشىمىز زوراۋان – تېررورچىلارغا بېرىلگەن ئەڭ ياخشى قايتۇرما زەربىدۇر››.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر