باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايون زوراۋانلىق، تېررورلۇققا چېتىشلىق بىر تۈركۈم دېلوغا مەركەزلىك ھۆكۈم ئېلان قىلدى

2014.06.09 11:01         مەنبە: شىنخۇا تورى ئۇيغۇرچە قانىلى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

23 دېلوغا چېتىشلىق 81 جاۋابكار سوتلاندى، 12 كىشى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى

سۈي يۈنيەننىڭ ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى ئاچقان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، ئۈرۈمچى، ئاقسۇ، قەشقەر، خوتەن قاتارلىق ئالتە ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەردىكى خەلق سوت مەھكىمىلىرى 5 – ئىيۇن 1 – سوتتا 23 دېلودىكى 81 جاۋابكارغا ئاشكارا ھۆكۈم ئېلان قىلىپ، تېررورلۇق تەشكىلاتى تەشكىللەش، ئۇنىڭغا رەھبەرلىك قىلىش، قاتنىشىش جىنايىتى، قاتىللىق جىنايىتى، ئوت قويۇش جىنايىتى بىلەن جاۋابكارلارغا قانۇن بويىچە ئايرىم – ئايرىم ئۆلۈم جازاسى، مۇددەتسىز قاماق جازاسى ۋە مۇددەتلىك قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلغان. بۇنىڭ ئىچىدە توققۇز جاۋابكارغا ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەن، ئۈچ جاۋابكارغا ئۆلۈم جازاسى بېرىلىپ ئىككى يىل كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىش ھۆكۈم قىلىنغان.

بۇ 23 دېلو تېررورلۇق تەشكىلاتى تەشكىللەش، ئۇنىڭغا رەھبەرلىك قىلىش، قاتنىشىش جىنايىتى، قاتىللىق جىنايىتى، ئوت قويۇش جىنايىتى، پارتلاتقۇچ بۇيۇملارنى قانۇنسىز ياساش، ساقلاش ۋە توشۇش جىنايىتى، قورال – ياراغ بۇلاش جىنايىتى، قەستەن زىيانكەشلىك قىلىش جىنايىتىگە چېتىلىدىغان 13 دېلودىكى 68 كىشى، زوراۋانلىق، تېررورلۇققا ئائىت ئۈن – سىن پىروگراممىلىرىنى ئىشلەش، تارقىتىش، مىللىي ئۆچمەنلىككە قۇترىتىش ۋە مىللىي كەمسىتىش جىنايىتى، جىنايەت ئۆتكۈزۈش ئۇسۇلىنى ئۆگىتىش جىنايىتىگە چېتىلىدىغان ئون دېلودىكى 13 كىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

بۇ بىر تۈركۈم دېلولار زوراۋانلىق، تېررورلۇق، دىن ئەسەبىيلىكى، قورال – ياراغ ۋە پارتلاتقۇچ ياساش، زوراۋانلىق، تېررورلۇق ئۈن – سىن پىروگراممىلىرىنى ئىشلەش ۋە تارقىتىش جىنايەتلىرىگە چېتىلغان بولۇپ، ئاپتونوم رايونىمىز قانات يايدۇرغان زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە قاقشاتقۇچ زەربە بېرىش مەخسۇس ھەرىكىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى. ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى 5 – ئىيۇن تۆت تىپىك دېلونى ئېلان قىلدى.

ئابدۇباسىت قادىر قاتارلىق تۆت جاۋابكار كۆپ قېتىم زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايىتىنى سادىر قىلىپ، ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ بىگۇناھ ئاممىنى ئۆلتۈرۈپ ۋە يارىلاندۇرۇپ، ئوت قويۇپ ئومۇمنىڭ مال – مۈلكىنى زىيانغا ئۇچرىتىپ، جامائەت بىخەتەرلىكى، ئاممىنىڭ ھاياتى ۋە مال – مۈلكىگە ئېغىر تەھدىت ۋە زىيان سالغان بولۇپ، بىردەك ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى.

ئابدۇلئەزىز ماخمۇت قاتارلىق 17 جاۋابكار كۆپ قېتىم زور مىقداردا پارتلاتقۇچ بۇيۇم ياساپ، ساقچىخانا ۋە يېزىلىق ھۆكۈمەتكە زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھۇجۇمى پىلانلاپ، بىر ج خ خەلق ساقچىسىنىڭ ئېغىر يارىلىنىشىغا سەۋەبچى بولۇپ، ئۆلۈم جازاسى بېرىپ ئىككى يىل كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىش جازاسى، مۇددەتسىز قاماق جازاسى ۋە مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى.

جاۋابكار نۇرمەمەت ئابدۇقېيۇم چېگرا سىرتىدا تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قاتنىشىپ، قايتىپ كەلگەندىن كېيىن دىن ئەسەبىيلىكى ئىدىيەسىنى تارقىتىپ، پارتلىتىش تېخنىكىسىنى ئۆگىتىپ، تەشكىلات ئەزالىرىنى كۆپەيتىپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايىتى ئۆتكۈزۈشنى پىلانلىغان بولۇپ، مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىپ، سىياسىي ھوقۇقىدىن ئۆمۈرۋايەت مەھرۇم قىلىندى، مەزكۇر شايكىنىڭ ئىككى ئەزاسىغا ئايرىم – ئايرىم ئون يىللىق قاماق جازاسى بېرىلدى.

جاۋابكار تۇرغۇن غوپۇر قاتارلىق ئىككى كىشى ئالاقە تورى، ئۈندىدار توپىدا زوراۋانلىق، تېررورلۇق، دىن ئەسەبىيلىكى، مىللىي ئۆچمەنلىك ۋە مىللىي كەمسىتىش مەزمۇنىدىكى ئۇچۇرلارنى تارقىتىپ، ئاشكارا مىللىي ئۆچمەنلىك ۋە مىللىي كەمسىتىشكە قۇتراتقان، جىنايەت ئەھۋالىغا ئاساسەن، ئىككى جاۋابكارغا ئايرىم – ئايرىم ئون يىللىق ۋە بەش يىللىق قاماق جازاسى بېرىلدى.

سوت ئېچىپ سوراق قىلىش داۋامىدا، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى سوت مەھكىمىلىرى باشتىن – ئاخىر پاكىتنى ئاساس، قانۇننى ئۆلچەم قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، جىنايى ئىشلار جازاسىنىڭ ئىبرەت تەربىيەسى ۋە جىنايەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ مۇھىم ئەزالىرى ۋە غوللۇق ئەزالىرىنى قانۇن بويىچە جازالاش بىلەن بىللە، دېلو ئەھۋالىغا ئاساسەن جىنايىتى يېنىك، ئاز زىيان سالغان، جىنايىتىنى بوينىغا ئېلىپ تۆۋە قىلغان، ئۆزىنى مەلۇم قىلىپ خىزمەت كۆرسەتكەنلەرگە يېنىكلىتىپ چارە كۆردى ياكى يېنىكلىتىپ جازا بەردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، جايلاردىكى سوت مەھكىمىلىرى سوت جەريانىنى قانۇن بويىچە ئاشكارىلاپ، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە ۋەكىللەر، ھەر مىللەت ئاممىنى سوتنى ئاڭلاشقا تەكلىپ قىلدى، جاۋابكارلارنىڭ ئۆزىنى ئاقلاش ھوقۇقى ۋە ئۆز تىل – يېزىقىدا دەۋا قىلىش ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ئاقلىغۇچى ۋە دەۋاغا قاتناشقان باشقا كىشىلەرنىڭ دەۋا ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ مەسئۇلى مۇنداق دېدى: ئاشكارا سوتلاش بىلەن ئاشكارا ھۆكۈم ئېلان قىلىش خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ زوراۋان – تېررورچىلارغا قانۇن بويىچە قاقشاتقۇچ زەربە بېرىش قەتئىي پوزىتسىيەسىنى ئىپادىلىدى، ھەر دەرىجىلىك سوت مەھكىمىلىرى قاقشاتقۇچ زەربە بېرىش فاڭجېنىدا تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇققا، دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە جامائەت بىخەتەرلىكىگە ئېغىر زىيان سېلىش ھەرىكەتلىرىگە قانۇن بويىچە كەسكىن، تېز زەربە بېرىش بىلەن بىللە، قانۇن بويىچە ئاشكارا ھۆكۈم ئېلان قىلىپ، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەدىكىلەر كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان ئىشلارغا ۋاقتىدا جاۋاب قايتۇرىدۇ، جىنايەتچىلەرنى چۆچۈتۈپ، ئاممىنى تەربىيەلەپ، جەمئىيەتتىكى ئاكتىپ كۈچلەرنى رىغبەتلەندۈرىدۇ ۋە پائال يېتەكلەيدۇ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر