باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

2-قېتىملىق مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى جەمئىيەتنىڭ ھەر قايسى ساھەسىنىڭ ئىنكاسىنى قوزغىدى

2014.06.03 08:57         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  2-قېتىملىق مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات مۇقىملىق ۋەزىيىتى چوڭقۇر تەھلىل قىلىندى. شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ كۆزدە تۇتۇلغان نۇقتىسى ۋە كۈچەش نۇقتىسى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ تەپەككۇر يولى ۋە نۇقتىسى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. پارتىيىمىزنىڭ شىنجاڭنى تىزگىنلەش تاكتىكىسى يەنىمۇ بېيىتىلدى.

  جەمئىيەتنىڭ ھەر قايسى ساھەسى يىغىننىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ بەس بەستە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئىتتىپاق ئېناق، گۈللەنگەن باي، مەدەنىيىتى تەرەققىي قىلغان، خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىدىغان سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇش پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئورتاق ئىرادىسى ۋە ئورتاق مەسئۇلىيىتى.

  چىڭخەي ئۆلكىسى داتوڭ خۇيزۇ تۇجيازۇ ئاپتونوم ناھىيىسى شيالاڭجيا كەنتىدىكى تۇجيازۇ مىللىتىدىن بولغان لى دەن مۇنداق دېدى: ھەر قايسى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقنى كۈچەيىتسە، ئىقتىساد ئاندىن تىز تەرەققىي قىلىدۇ. پۇقرالارنىڭ تۇرمۇشى تېخىمۇ مەنىلىك بولىدۇ. ئادەتتىكى پۇقرالار تىنچ ، بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈشكە ئىنتىزار. باش شۇجى شى جىنپىڭ تەكىتلىگەن يىراق كەلگۈسىنى كۆزلەپ، ئەمەلىي ھەرىكەت قوللىنىپ، ئەبەدىي ئەمىنلىك بەرپا قىلىش تەلىپى بويىچە ئىش كۆرۈشىمىز كېرەك.

  سىچۈەن ئۆلكىسى شىڭۋېن ناھىيىسى داخې مياۋزۇ يېزىسىنىڭ باشلىقى لى ۋېنجى مۇنداق دېدى: مەن چەت ياقا تاغلىق رايوندا خىزمەت قىلىۋاتقان ئاز سانلىق مىللەت يېزا بازار كادىرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە مىللىي رايونلارنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى چىڭ تۇتۇش باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتىم.

  نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونى گۇيۈەن شەھىرى يۈەنجۇ رايونىدىكى بىر مىللىي كەنتنىڭ ئىستودىنىت كەنت ئەمەلدارى لى خاۋ مۇنداق دېدى: بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تەلىپى بويىچە ئىش كۆرۈپ، بۇنىڭدىن كېيىن كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىقتىسادىنى تىز تەرەققىي قىلدۇرۇش ئاساسىدا، سىياسىي ۋە دىنىي ئىدىيىنى توغرا تەشۋىق قىلىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ دىنىي ئەسەبىي ئىدىيىنى توسۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆرپ ئادىتى ۋە تۇرمۇش ئادىتىگە ھۆرمەت قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرىمىز.

  ئىچكى موڭغۇل خەلق رادىئو ئىستانسىسى خەۋەر مەركىزىدىكى ياڭ يۈچېڭ مۇنداق دېدى: جەمئىيەت مۇقىملىقى دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى. شۇنداقلا پۇقرالارنىڭ خاتىرجەم تېرىكچىلىك قىلىشىنىڭ ئاساسىي، بىز پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ توغرا رەھبەرلىكىدە پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ، ئىرادىدىن قورغان ياساپ، تېررورلۇق قىلمىشلىرىغا ئورۇن قالدۇرمايدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر