خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى مۇخبىرى دىلشاد غوجائەھمەد ئىدرىسى فوتوسى: 30 – ماي شىنجاڭ مېدىتسىنا ئۇنىۋېرسىتېتى 1 – دوختۇرخانىسى بالىلار ئىچكى كېسەل 1 – بۆلۈمىدە داۋالىنىۋاتقان جو شىنپېڭ، رەھىمە ھامۇتجان، فېڭ لىڭۋېيلەر ئۆزگىچە بىر بالىلار بايرىمىنى ئۆتكۈزدى. شۇ كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىرى دوختۇرخانىغا كېلىپ ئۇلارنىڭ بالىلار بايرىمىنى تەبرىكلىدى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 1 – باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ۋەكىللىرى ئۇلارغا ئاتاپ ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئويناپ بەردى.
سۈرەتتە: ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ئاينۇر مەقسەت (ئوڭدا) بالىلارغا بايراملىق سوۋغا بەرمەكتە.
مۇھەررىر: مۇسا ھەيدەر
مەنبە: خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى