باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

مەيدان–ساراي قۇرۇلۇشىنى تېجەشلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك قىلىپ، ۋاقتىدا ئىشلىتىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

2014.05.15 13:53         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  نۇر بەكرى 13–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى مۇز ئۈستى تەنھەرىكىتى مەركىزىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق دېدى:

  مەيدان–ساراي قۇرۇلۇشىنى تېجەشلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك قىلىپ، ۋاقتىدا ئىشلىتىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

  لى شىڭ خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى نۇر نەكرى 13 – ماي چۈشتىن بۇرۇن قۇرۇلۇۋاتقان 13 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى مۇز ئۈستى تەنھەرىكىتى مەركىزىدە ئالاقىدار خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلاپ، نەق مەيداندا قۇرۇلۇشنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. نۇر بەكرى مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى ۋە ئۈرۈمچى شەھىرى 13 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇپ، مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىرلەشمە كۈچ شەكىللەندۈرۈپ، 13 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى مۇز ئۈستى تەنھەرىكىتى مەركىزى قۇرۇلۇشىنى تېجەشلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، مۇكەممەل قىلىپ، مەيدان – سارايلارنىڭ ۋاقتىدا ئىشلىتىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. بىر تۇتاش پىلانلاپ، تەڭ ئېتىبار بېرىپ، مۇسابىقىنىڭ تۈرلۈك تەييارلىق خىزمەتلىرىنى پۇختا ئىشلەپ، 13 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى شىنجاڭنىڭ ئوبرازىنى تولۇق نامايان قىلىدىغان، شىنجاڭنىڭ ئالاھىدىلىكىنى گەۋدىلەندۈرىدىغان بىر نۆۋەتلىك كاتتا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى قىلىپ ئۆتكۈزۈشنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك.

  13 – نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى مۇز ئۈستى تەنھەرىكىتى مەركىزى ئۈرۈمچى ناھىيەسىنىڭ يۇقىرىقى تاغ ساياھەت بازىسىغا جايلاشقان بولۇپ، ئىگىلىگەن كۆلىمى 450 مودىن ئاشىدۇ، ئاساسلىق تۈرلەردىن تېز تېيىلىش سارىيى، مۇز توپ سارىيى قاتارلىقلار بولۇپ، مەيدان – سارايلارنىڭ ئومۇمىي قۇرۇلۇش كۆلىمى 78 مىڭ 941.41 كىۋادرات مېتىر كېلىدۇ. ھازىر قۇرۇلۇشنىڭ ئاساسىي گەۋدە قۇرۇلۇشى ئاساسىي جەھەتتىن تاماملىنىپ، ئۈسكۈنىلەرنى ئورنىتىش باسقۇچىغا كىردى، مۆلچەرلىنىشىچە، بۇ يىل 10 – ئاينىڭ ئاخىرى مەيدان – سارايلار ئىشلىتىلىشكە تاپشۇرۇلىدىكەن.

  نۇر بەكرى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە ياخشى تەييارلىق قىلىش ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ بۇ يىل ۋە كېلەر يىلدىكى مۇھىم خىزمەت ۋەزىپىسى. ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى ۋە ئۈرۈمچى شەھىرى مەسئۇلىيەت ئېڭى، تەخىرسىزلىك ئېڭىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن ماسلىشىپ، ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، مەيدان – ساراي قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىشى كېرەك. مەيدان – ساراي قۇرۇلۇشىدا سۈپەتنى، بىخەتەرلىكنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، مەيدان – سارايلارنىڭ بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا مۇسابىقىنىڭ ئۆلچىمى بويىچە ئىشلىتىلىشكە تاپشۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىپ، مەيدان – سارايلارنى نادىر، مۇھىت ئاسرايدىغان ۋە تېجەشلىك قۇرۇلۇش قىلىپ قۇرۇپ چىقىشى كېرەك.

  نۇر بەكرى مۇنداق تەكىتلىدى: پائال تەييارلىق كۆرۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مۇسابىقىگە قاتنىشىش خىزمەتلىرىنى ئەستايىدىل ياخشى ئىشلەش كېرەك. 13 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئۇيۇشتۇرغۇچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان قوشۇن ۋە تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ مۇسابىقە تەييارلىق مەشىقىنى ئەستايىدىل ياخشى ئىشلەش كېرەك. ياخشى روھىي ھالەت ۋە مۇسابىقە نەتىجىسى ئارقىلىق، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىشەنچىسىنى يەنىمۇ ئۇرغۇتۇپ، شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات، ئىلگىرىلىشىدىكى يېڭى ئوبرازى، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ كۆتۈرەڭگۈ ھالدا ئالغا ئىلگىرىلىشى، ئىتتىپاق، ئىناق بولغان روھىي ھالىتىنى تولۇق نامايان قىلىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر