باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 20–قېتىملىق مۇدىرلار يىغىنىدا دائىمىي كومىتېتنىڭ 8–يىغىنىنى 19–مايدىن 21–مايغىچە ئۈرۈمچىدە ئېچىش قارار قىلىندى

2014.05.15 13:53         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مېھرىگۈل تۇردى قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق 12 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 13 – ماي چۈشتىن كېيىن 20 – قېتىملىق مۇدىرلار يىغىنى ئۆتكۈزدى. يىغىندا ئاپتونوم رايونلۇق 12 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 8 – يىغىنىنى 19 – مايدىن 21 – مايغىچە ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈش قارار قىلىندى.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شۆھرەت زاكىر يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  يىغىندا ئاپتونوم رايونلۇق 12 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 8 – يىغىنىنىڭ كۈنتەرتىپ لايىھەسى ھەم ئورۇنلاشتۇرۇش پىكرى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى ۋە قاراپ چىقىلدى. مۇدىرلار يىغىنىنىڭ تەكلىپى بويىچە، ئاپتونوم رايونلۇق 12 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 8 – يىغىنىدا 11 تۈرلۈك كۈنتەرتىپ ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، يىغىندا، ‹‹ئاپتونوم رايوننىڭ <ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ ئەمگەك ھوقۇق – مەنپەئىتىگە كاپالەتلىك قىلىش نىزامى>(لايىھە)››سىگە قاراپ چىقىش توغرىسىدىكى تەكلىپى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ‹‹ئاپتونوم رايوننىڭ <يول تىرانسپورت نىزامى>(لايىھە)››گە قاراپ چىقىش توغرىسىدىكى تەكلىپى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ‹‹ئاپتونوم رايوننىڭ <تارىم دەريا ۋادىسىنىڭ سۇ مەنبەسىنى باشقۇرۇش نىزامى>(لايىھە)››سىگە قاراپ چىقىش توغرىسىدىكى تەكلىپى قاراپ چىقىلىدۇ؛ قىزىلسۇ ئوبلاستلىق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تەستىقلاشقا سۇنغان ‹‹قىزىلسۇ ئوبلاستى قاراكۆل مەنزىرە رايونىنى قوغداش باشقۇرۇش نىزامى›› توغرىسىدىكى تەكلىپ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تەستىقلاشقا سۇنغان ‹‹ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش نىزامى›› توغرىسىدىكى تەكلىپ تەكشۈرۈلىدۇ؛ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ 2014 – يىللىق خامچوتىنى تەڭشەش لايىھەسى(لايىھە) توغرىسىدىكى دوكلات، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھاجىرلار ئىشلىرى خىزمىتى ئەھۋالىدىن بەرگەن دوكلاتى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ ‹‹ئاپتونوم رايوننىڭ <ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنى> چارىسى››نى يولغا قويۇش ئەھۋالىدىن بەرگەن دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلىدۇ ۋە قاراپ چىقىلىدۇ؛ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى مۇدىرلار يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇلغان ‹‹قاش دەرياسى شەھىرىنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ۋە دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكى ئەزالار ئىسىملىكى ھەققىدىكى قارار (لايىھە)››توغرىسىدىكى تەكلىپ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى قاراپ چىقىشقا سۇنغان ‹‹ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئاقسۇ ۋىلايىتى تارىم رايونىدا خەلق تەپتىش مەھكىمىسى قۇرۇشنى تەستىقلاشقا سۇنۇش›› توغرىسىدىكى تەكلىپ ھەم كادىرلارنى ۋەزىپىگە تەيىنلەش، ۋەزىپىدىن قالدۇرۇش ئىشلىرى قاراپ چىقىلىدۇ.

  يىغىندا يەنە يېڭى ۋەزىيەتتە يەرلىك نىزام چىقىرىش خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى پىكىر، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئوقۇش يېشىدىكى بالىلار مائارىپى ئەھۋالىنى تەكشۈرگەنلىك توغرىسىدىكى دوكلاتى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ مۇھاجىرلار ئىشلىرى خىزمىتى ئەھۋالىنى تەكشۈرگەنلىك توغرىسىدىكى دوكلاتى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تەركىبىدىكى ئەزالارنىڭ ‹‹ئاپتونوم رايوننىڭ مىللىي يېزىلار خىزمىتىنى تەكشۈرۈش دوكلاتى›› غا قاراپ چىقىش پىكرىنى تەتقىق قىلىپ بىر تەرەپ قىلىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تەركىبىدىكى ئەزالارنىڭ ‹‹خەلق زاسېداتىللىرى تۈزۈمى خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ››قا قاراپ چىقىش پىكرىنى بىر تەرەپ قىلىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى ھەم ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تەركىبىدىكى ئەزالارنىڭ ‹‹خىيانەتچىلىككە، پارىخورلۇققا قارشى تۇرۇش خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات››قا قاراپ چىقىپ بىر تەرەپ قىلىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلىدۇ ۋە قاراپ چىقىلىدۇ.

  يىغىنغا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىرىدىن ۋاڭ يۇڭمىڭ، مامىڭچىڭ، مۇتەللىپ قاسىم، ھۆرىگۈل جاپپار، دۇڭ شىنگۇاڭ، باش كاتىپ ئەسقەر تۇرسۇنلار قاتناشتى.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ مەسئۇللىرى يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر