باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

«بىز قېرىنداشلار، بىز تەقدىرداشلار»(2)

2014.05.15 09:01   مەنبە: خەلق تورى

«بىز قېرىنداشلار، بىز تەقدىرداشلار»(2)

  توختى بارات 2008 – يىلى مۇناردۆڭ كەنتىدىن ئىسلىقدۆڭ كەنتىگە بېرىپ يېڭىچە چىلان يېتىشتۈرۈش تېخنىكىسىنى ئۆگەنگەن، چىلىنىغا يېڭى سورتلارنى ئۇلىغان، شۇنداقلا يېڭى تېخنىكىنىڭ تەمىنى تېتىغان تۇنجى باغۋەن بولۇپ، ئۇ خەنزۇ باغۋەن سۈن جىڭچىڭنى ئۇستا تۇتۇپ ئۇنىڭدىن تېخنىكا ئۆگىنىش، ئۇنىڭ چىلانزارلىقىغا قاراش، پەرۋىش ئىشلىرىغا ئارىلىشىش جەريانىدا توختى باراتنىڭ سورتلۇق چىلان ئۇلاش جەھەتتىكى تېخنىكىسى ئۆسۈپ ھازىر كەنتتىكى داڭلىق ئۇلاقچى بولۇپ قالدى.

  ـــ سۈن جىڭچىڭنىڭ ماڭا قىلغان ياردىمىنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالمايمەن، ئۇ يېڭى تېخنىكا ئارقىلىق كىرىمىمنىڭ ئېشىشىغا كۆپ ياردەم قىلغان، ھەردائىم ئۇنىڭ چىلانزارلىقىدا ئوتاقچىلىق، ئوغۇت بېرىش ئىشلىرى بولسا مەن بېرىپ ياردەم قىلىمەن. چىلان كىرىمىدىن باشقا يەنە ماڭا ئۇلاقچىلىقتىنمۇ كىرىم كىرىپ تۇرىدۇ، ھازىر شۈ جوڭچىڭ ئىككەيلەن ھەم ئۇستا – شاگىرت ھەم يېقىن ئاغىينە بولۇپ كەتتۇق، ــ دېدى توختى بارات ماڭا كۈلۈپ تۇرۇپ.ئىتتىپاقلىق ئورتاق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈردى

  ئىسلىقدۆڭ كەنتىدە 103 ئائىلە بار بولۇپ، ئومۇمىي ئاھالىنىڭ %96 نى خەنزۇلار ئىگىلەيدۇ، ئىلمىي تېرىقچىلىق، سورتلۇق چىلان يېتىشتۈرۈش ئارقىلىق بۇ كەنتنىڭ يىللىق چىلان مەھسۇلاتى 1000 توننىدىن ئاشىدۇ، 2013 – يىلى كەنت بويىچە دېھقانلارنىڭ چىلانچىلىقتىن قىلغان كىرىمى 24 مىليون يۈەندىن ئېشىپ، ئائىلە بېشىغا 200 مىڭ يۈەندىن توغرا كەلگەن. بۇ قالغان ئىككى كەنتتىكى ئۇيغۇر باغۋەنلەرنىڭ يىللىق كىرىمىغا نىسبەتەن ئاسمان – زىمىن پەرىق ئىدى.

  ـــ چىلان بازىسى قۇرۇشتا ئىسلىقدۆڭ كەنتىدىكى خەنزۇ باغۋەنلەر بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش، تېخنىكا ئۆگىتىش ۋە ئۆگىنىش ئارقىلىق ئىككى كەنت ئارىسىدىكى دوستلۇق تېخىمۇ كۈچەيدى،- دېدى مۇناردۆڭ كەنت پارتىيە ياچېيكىسى شۇجىسى زورۇدۇن نۇرى،- سورتلۇق چىلان يېتىشتۈرۈشتىكى ئىلغار تېخنىكا ئۇيغۇر باغۋەنلەر ئارىسىدا ئومۇملاشقاندىن كېيىن باغۋەنلەرنىڭ چىلانچىلىقتىن كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كىرىمى بۇرۇنقى 3000 يۈەندىن بىراقلا 7000 يۈەن ئەتراپىغا يېتىپ، بىر ھەسسىدىن ئارتۇقراق قاتلاندى.

  سورتلۇق چىلاننىڭ تەمىنى تېتىغاندىن كېيىن «كىرىمنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن چوقۇم تېخنىكا يېڭىلاش كېرەك» دىگەن بۇ ئۇقۇم بەشتوغراق يېزىسىدىكى ھەرمىللەت دېھقانلىرىنىڭ كاللىسىغا چوڭقۇر سىڭىپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن يېزا رەھبەرلىرى بۇ يىل مارتتىن باشلاپ ئىسلىقدۆڭ كەنتىدىكى 88 خەنزۇ ئائىلىنى يېزا بويىچە 11 كەنتتىكى 176 ئۇيغۇر ئائىلە بىلەن ئۆز – ئارا قېرىنداشلىق مۇناسىۋېتى ئورنىتىپ، ئورتاق تەرەققىي قىلىشقا يېتەكلىدى. ھەربىر خەنزۇ دېھقان ئائىلىسى ئىككىدىن ئۇيغۇر دېھقان ئائىلىسىنىڭ چىلان يېتىشتۈرۈش، ئۇلاش ۋە مەھسۇلات مىقدارىنى ئاشۇرۇشىغا ياردەم بېرىدىغان قىلىپ بېكىتىلگەندىن كېيىن، بۇ يىل مارتتىن باشلاپ ھەرقايسى كەنتلەردىكى ئۇيغۇر باغۋەنلەرنىڭ چىلانزارلىقلىرىدا خەنزۇ باغۋەنلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىدى، ئۇلار بىر تەرەپتىن يېڭى سورتلارنى ئۇلىسا، بىر تەرەپتىن چىلان پەرۋىشىدىكى يېڭى تېخنىكىلارنى ئۇلارغا يەتكۈزدى.

  ـــ بىز چىلانچىلىقتا چىلان ئەتراپىدىكى ئوتنى ئوتاش، ئوغۇتلاش ئىشلىرىغا سىرتتىن ئادەم تەكلىپ قىلىپ ئىشلەتكەندە ئاساسەن قوشنا كەنتلەردىكى ئۇيغۇر دېھقانلارنى تەكلىپ قىلىمىز، ئۇلار بىلەن ئۇزۇن بولغاندا يېرىم يىللىق توختام تۈزىمىز، ئۇزۇن مەزگىل ئىشلەيدىغان ئەر - خوتۇنلار بولسا ئايلىقىغا 5600 يۈەندىن مائاش بەرگەندىن سىرت، يەنە بىر ئايرىم ئۆي، ئىككى تۇڭ ياغ، ئىككى خالتا ئۇن، گۇرۇچ بىلەن تەمىنلەيمىز، بىرلا ئەر كىشى ئىشلىسە ئۇنىڭغا 3600 يۈەندىن مائاش بېرىمىز، كۈنلۈك ئىشلەيدىغانلىرىغا كۈنىگە 150 يۈەندىن ھەق بېرىمىز. ھازىر كەنتىمىزدە مۇقىم ئىشلەيدىغانلار 90 ئادەمگە يېتىدۇ،- دېدى ئىسلىقدۆڭ كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى دەي يۈدوڭ ماڭا.

  ئىگىلىشىمچە، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئۆرۈپ – ئادەتلىرىگە ھۈرمەت قىلىش نۇقتىسىدىن ئىسلىقدۆڭ كەنتىدىكى نۇرغۇن دېھقانلار تەكلىپ قىلغان ئۇيغۇر ئىشچىلارغا ئايرىم ھويلىلىق ئۆي تەمىنلىگەن، يىغىلىش كۈنلىرىدە پارتىيەنىڭ مىللىي سىياسىتىنى ئەتراپلىق تەشۋىق قىلغان، قانۇنغا رىئايە قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش، ھەرقانداق ئىشنىڭ قانۇن دائىرىسىدە بولۇشى تەلەپ قىلىنغان، ھېيت – ئايەملەردە كەنت رەھبەرلىرى ئۇيغۇر ئاممىنىڭ ئۆيلىرىگە بېرىپ، چاي ئىچكەش مۇڭداشقان، ئۇيغۇر دېھقانلار ئۇلارنى پولو ئېتىپ كۈتىۋالغان. يېشى چوڭراق، ئائىلە ئىقتىسادى ناچار بولغان ئۇيغۇر ئائىلىلەرگە كەنتتىن ھەر يىلى 1500 يۈەندىن ياردەم بېرىپ تۇرغان. باشقا كەنتتىكىلەر بىلەن يۈز بېرىپ قالغان ماجرالارنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئىككى كەنتتىن تەشكىللەنگەن بىرلەشمە مۇرەسسە كومىتېتى نەق ۋاقتىدا مەسىلىلەرنى كېلىشتۈرۈپ ھەل قىلىپ، بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلارنى كەنتتنىڭ ئۇچۇر تاختىسىدا ئېلان قىلىپ تۇرغان، خىزمەت بەلگۈلىمىسىنى قېلىپلاشتۇرۇپ ھەر ئاينىڭ 10 – كۈنى كەنت مۇرەسسە كومىتېتىنىڭ يىغىنى ئېچىلىپ، يۈز بەرگەن مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىنغان، يېڭى مەسىلىلەرنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ ئالدى ئېلىنغان. ھازىر ئۇيغۇر ئاممىنىڭ ئۆرۈپ – ئادەتلىرىگە ھۈرمەت قىلىش، ئۆز – ئارا ئىززەتلەش ئىسلىقدۆڭ كەنتىدىكى خەنزۇ ئاممىسىنىڭ ئورتاق تونۇشىغا ئايلانغان.

  ئىسلىقدۆڭ كەنتىنىڭ جۇغراپىيەلىك ئورنى ئەۋزەل، شۇنداقلا كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىقتىسادىي ئېڭى كۈچلۈك. تېخىمۇ كۆپ ئۇيغۇر ئاممىنىڭ ھاللىق سەۋىيىگە يېتىشى ئۈچۈن ئىسلىقدۆڭ كەنتى يېزا پارتكومى، ھۆكۈمىتىنىڭ قوللۇشىدا بىرقاتار ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى يولغا قويۇپ، ئالدى بىلەن ئۇيغۇر دېھقانلارنى باغۋەنچىلىك مەيدانى بىلەن تەمىنلىدى، مالىيە، تېخنىكا، تۇرالغۇ جەھەتتىن زور كۈچ بىلەن قوللىدى. كەنتتە چىلان يېتىشتۈرۈش بازىسى ئېچىپ، ئىلغار باغۋەنچىلىك تېخنىكىسىنى ئۇيغۇر باغۋەنلەرگە ئۆگەتتى، ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ مالىيە تارماقلىرى بىلەن ماسلاشتۇرۇپ ئۇيغۇر باغۋەنلىرىگە 200 مىڭ يۈەنلىك تەرەققىيات مەبلىغى ھەل قىلىپ بەردى. ئۇيغۇر باغۋەن ئابابەكرى چىلانزارلىق كۆلىمىنى كېڭەيتمەكچى بولغاندا، تېخنىكا جەھەتتىن تازا پىششىق بولمىغاچقا، ئۇ كەنتتىكى چىلانچىلىقتا داڭق چىقارغان سۈن جىڭچېڭنى چىلان يېتىشتۈرۈشتە تېخنىكىدىن ياردەم بېرىشقا تەكلىپ قىلىدۇ. سۈ جىڭچېڭ ئۇنىڭغا چىلاننى قانداق ئۇلاش، پۇتاش، ئوغۇتلاش، سۇغۇرۇش ھەققىدە نۇرغۇن بىلىملەر بىلەن تەمىنلەيدۇ ھەمدە قەرەلسىز تۈردە ئۇنىڭ چىلانزارلىقىغا بېرىپ تەكشۈرۈپ تۇرىدۇ. ئىككى يىلدىن كېيىن ئابابەكرىنىڭ چىلانلىرىدىن مول ھوسۇل ئېلىنىپ، يىللىق كىرىمى 60 مىڭ يۈەندىن ئېشىپ كېتىدۇ. ئابابەكرىگە ئوخشاش بۇنداق خەنزۇ باغۋەنلەرنىڭ تېخنىكا يېتەكچىلىكىدە باي بولۇشقا قاراپ ماڭغانلار ئاز ئەمەس، دېھقانچىلىقنىڭ ئالدىراش مەزگىللىرىدە نۇرغۇن خەنزۇ دېھقانلارنىڭ يېرىدە نۇرغۇن ئۇيغۇر دېھقانلارنىڭ سىماسىنى كۆرگىلى بولىدىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ نۇرغىنى ئۆزلىگىدىن ياردەمگە كەلگەنلەر ئىدى.

  بەشتوغراق يېزىلىق خەلق ھۆكۈمىتى بۇ يىلنىڭ بېشىدا لوپ ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسىدىكى دوختۇرلارنى ئىسلىقدۆڭ كەنتىگە بېرىپ دېھقانلارنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈپ قويۇشقا تەشكىللەيدۇ، ئۇيغۇر دوختۇرلارنىڭ خەنزۇ دېھقانلارنىڭ كېسىلىنى كۆرۈپ، ئەستايىدىل داۋالىشى ئۇلارنى قەۋەتلا خۇشال قىلىۋېتىدۇ.

  كەنت پارتىيە ياچېيكىسى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن بۇلتۇر قۇرۇلغان كەنت مائارىپ فوندى ئاساسىدا بۇ يىل مارتتا كەنت مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى فوندى تەسىس قىلىپ، ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى ئېغىر بولغانلىقتىن ئوقۇشسىز قالغان، تۇرمۇشى قىيىنچىلىقتا قالغانلارغا ياردەم قولىنى سۇنىدۇ.

  بۇ يىل 8 – ئاپرېل ئىسلىقدۆڭ كەنت ساقچى ئىشخانىسىنىڭ ياردەمچى ساقچىسى مەتتوختى مۇھەممەتنىڭ خوتۇنى خەيرىنساخان تۇيۇقسىز يۈرەك كېسىلى قوزغىلىپ دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالىنىدۇ، كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى دەي يۈدوڭ ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، كەنتتىكىلەرنى ئىئانە توپلاشقا سەپەرۋەر قىلىدۇ، بىر سائەتتىلا 4500 يۈەن ئىئانە توپلىنىدۇ، كەنت يەنە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى فوندىدىن 1000 يۈەن ياردەم قىلىپ بۇ كېسەلنى ۋاقتىدا داۋالىتىدۇ. ئاپرېلنىڭ ئاخىرى خەنرىنساخان دوختۇردىن چىققاندىن كېيىن مەتتوختى مۇھەممەت رەھمەت ئېيتىش يۈزىسىدىن پولو ئېتىپ، كەنت رەھبەرلىرىنى ئۆيىگە چاقىرىدۇ.

  خەنزۇ دېھقان شەن رۈنشيەننىڭ خوتۇنى مەرەمنىساخان ئاغرىپ قالغاندا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى فوندىدىن 1000 يۈەن، كەنت مالىيەسىدىن 200 يۈەن ياردەم قىلىنىدۇ. مۇناردۆڭ ۋە سىياۋۇشىلا كەنتدىكى دېھقانلارنىڭ خېمىيەلىك ئوغۇت ئىشلىتىش، دورا چېچىشلىرىدا خالتا ۋە قۇتا سىرتىدىكى خەنزۇچە خەتلەرنى تازا چۈشىنەلمەيدىغانلىقىنى كۆرۈپ، ئىسلىقدۆڭ كەنتىدىكى خەنزۇ دېھقانلار ئالايتەن بېرىپ، ئۇلارغا ئوغۇت ۋە دورىلارنى تەڭشەپ بېرىدۇ ياكى تەڭشەشنى ئۆگىتىپ قويىدۇ. دېھقانچىلىقنىڭ ئالدىراش مەزگىللىرىدە نۇرغۇن خەنزۇ دېھقانلار دېھقانچىلىق ئۈسكۈنىلىرى بىلەن قوشنا كەنتتىكى ئۇيغۇر دېھقانلارنىڭ يەرلىرىنى ھەقسىز ئاغدۇرۇپ، تېرىپ بېرىدۇ....

  ـــ بىزنىڭ بۇ يىللىق نىشانىمىز ئۇيغۇر دېھقانلارنىڭ چىلان سورتىنى يېڭىلاش، يېڭى سورتلارنى تىكىشى ئارقىلىق مو بېشى مەھسۇلاتىنى يەنە 400 كلوگىرامدىن ئاشۇرۇشىغا كۈچەش، ئۇلارنىڭ سورتلۇق چىلانلىرىنى بىزنىڭ مەھسۇلاتلىرىمىزغا ئوخشاش يۇقىرى باھالىق بازارغا يۈزلەندۈرۈش، بۇ ئارقىلىق ئۇلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش. بىز بۇ ماكاندا ياشىغان ئىكەنمىز، بىز قېرىنداشلار، بىز تەقدىرداشلار، قولنى قولغا تۇتۇشۇپ تەرەققىي قىلىش، قېرىنداشلىق مېھرىنى يەتكۈزۈش بۇ يەردىكى ھەرمىللەت خەلقىنىڭ مۇقەددەس بۇرچى، ـــ دېدى ئىسلىقدۆڭ كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى دەي يۈدوڭ.

  بۇ بىر نەچچە كەنتتىكى ئۇيغۇر، خەنزۇ ئاممىسىنىڭ قېرىنداشلاردەك ياشاپ، بىر – بىرىگە ياردەم بېرىپ، بىر – بىرىنى يۆلەپ، ئۆزئارا ئۆگىنىپ، خاتىرجەم، بەختلىك تۇرمۇش كۆچۈرۈش ئۈچۈن كۆرسىتىۋاتقان تىرىشچانلىقىغا كۆز تەگمىسۇن.

【1】 【2】 
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·جايلار ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا نومۇر قوشۇش سىياسىتىنى چىڭىتتى، ئولىمپىك ماتېماتىكىسى ئۆگىنىش قىزغى…
      ·2014-يىلى ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ دۆلەت ئوقۇش ياردەم پۇلىدىن تۆت مىليارد 630مىليون يۈەن ئاجر…
      ·جىلىندا ئۇنۋان تۈزۈمىنى كېڭەيتىش ئىسلاھاتى
      ·مائارىپ مىنىستىرلىكى: سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى دەرسلىككە كىرگۈزۈش ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ
      ·بەش يىل ئىچىدە چەت ئەلدە ئوقۇغان 30 مىڭ ئادەم ۋەتەنگە قايتىپ كەلدى
      ·بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ «يەنجىڭ مەكتىپى» بۇ يىل دۇنيادىكى سەرخىل ئۇنىۋېرسىتېتلاردا تولۇق كۇرسنى پۈت…
      ·بۇ يىل ئالىي مەكتەپنى پۇتتۇرىدىغان ئوقۇغۇچى يەتتە مىليوندىن ئاشىدۇ 
      ·«1-ماي»دىن كېيىن، بېيجىڭنىڭ مائارىپ خەرىتىسىدە يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ
      ·«يانفون سىرتمىقى» غا چۈشۈپ قالغان ياشلارنىڭ سانى كۆپەيمەكتە
      ·تۈركمەنىستان پىرېزىدېنتى: تۈركمەنىستان جۇڭگونىڭ ھەمكارلىقنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشىنىڭ يوشۇرۇن كۈچى …