باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

«بىز قېرىنداشلار، بىز تەقدىرداشلار»(1)

2014.05.15 09:01   مەنبە: خەلق تورى

«بىز قېرىنداشلار، بىز تەقدىرداشلار»(1)

  ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز دىلشاد غوجائەھمەد ئىدرىسى خەۋىرى، فوتوسى: 13 – مارت خوتەن ناھىيەسىدىكى «قاراقاش دەرياسى سۇ بېشى سۇ ئىنشائىتى» ئورنىدىكى ئاتاقلىق سۇ ئىشلىرى مۇتەخەسسىسى، مۇنەۋۋەر كومپارتىيە ئەزاسى يولداش ۋاڭ ۋېينىڭ خاتىرە سارىيىدا 80 دىن ئارتۇق ھەرمىللەت كادىر – دېھقانلار ۋاڭ ۋېينىڭ ئىش ئىزلىرى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن كۆرگەزمە ۋە ۋېدىئۇ لېنتىسىنى كۆرۈپ قاتتىق تەسىرلەندى ۋە ئۇنىڭ قەبرىسى ئالدىدا پارتىيە بايرىقىنى چىڭ تۇتۇپ تۇرۇپ، ۋاڭ ۋېينىڭ ھەرمىللەت خەلقى ئۈچۈن بەخت يارىتىش يولىدىكى ئىش ئىزلىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۈچۈن داۋاملىق كۆرەش قىلىدىغانلىقى ھەققىدە قەسەم بەردى.

  ئۇنداقتا ئۇلار كىملەر؟ ئۇلار نېمىشقا شۇنداق قىلىدۇ؟ 1999 – يىلى گوۋۇيۈەن تەرىپىدىن، 2009 – يىلى ئاپتونوم رايون بويىچە «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى ئىلغار ئورۇن» بولۇپ باھالانغان لوپ ناھىيەسىنىڭ بەشتوغراق يېزىسىنىڭ ئىسلىقدۆڭ، مۇناردۆڭ ۋە سىياۋۇشىلا كەنتىدىن كەلگەن كادىرلار، دېھقانلار ئىدى. قەسەم بېرىش مۇراسىمى ئاياغلاشقاندىن كېيىن، ئۇلار بىلەن سۆھبەتكە چۈشتۈم. خەنزۇلارنى ئاساس قىلغان ئىسلىقدۆڭ كەنتىنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدا ئۈلگە يارىتىپ، ئەتراپىدىكى كەنتتىكى ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىنى بېيىش يولىغا باشلىغانلىقى، بۈگۈن بولسا ئۈچ كەنتتىكى ئۆز – ئارا قېرىنداشلىق، ياردەم بېرىش مۇناسىۋىتى ئورناتقان دېھقانلارنىڭ بۇ يەرگە كېلىپ، ئېكىسكۇرسىيەدە بولغاچ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش ھەققىدە تېخىمۇ تەسىرلىك دەرىسكە ئىگە بولغانلىقى مېنى ھاياجانغا سالدى.

  چىلان تۇتاشتۇرغان قەلب

  خوتەن ۋىلايىتى بويىچە ئەڭ چوڭ چىلانچىلىق بازىسى بولغان بەشتوغراق يېزىسى لوپ ناھىيەسىنىڭ شىمالىغا، يەنى تەكلىماكانغا تۇتىشىدىغان بىر يېزا بولۇپ، توپىسى قۇمساڭغۇ بولغاچقا بۇ يەردە چىلانچىلىق تەرەققىي قىلغان. پۈتكۈل يېزىنىڭ چىلان تېرىلغان يەر كۆلىمى 10 مىڭ مودىن، يىللىق چىلان مەھسۇلات مىقدارى 3000 توننىدىن ئاشىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە ئىسلىقدۆڭ كەنتىنىڭلا يىللىق مەھسۇلاتى 1000 توننىدىن ئاشىدىغان بولۇپ، ئوخشاشلا چىلانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان، لېكىن ئەنئەنىۋى باقمىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەن ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان مۇناردۆڭ ۋە سىياۋۇشىلا كەنتىدىكى دېھقانلارنىڭ چىلاندىن ئېلىنغان مەھسۇلات مىقدارى بىلەن ئىلمىي تېرىقچىلىق تېخنىكىسىدا باغۋەنچىلىك قىلىدىغان خەنزۇ دېھقانلارنىڭ مەھسۇلات مىقدارىدىكى، كىرىمىدىكى زور پەرىق ۋە بۇنىڭدىن كېلىپ چىققان بىرقاتار مەسىلىلەر ئۇزۇندىن بۇيان يېزا رەھبەرلىرىنىڭ ئالدىغا قويۇلغان زور مەسىلە ئىدى.

  مەسىلىنى قانداق ھەل قىلىش كېرەك؟ يېزا مەسئۇللىرى ئۇيغۇر باغۋەنلەرگە سورتلۇق چىلان تىكىش، سورتىنى يېڭىلاش ھەققىدە كۆپ قېتىم تەشۋىقات – تەربىيە پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، نەق مەيدان يىغىنلىرىنى ئاچقان بولسىمۇ، ئۇلار يەنىلا ئۆزلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى چىلانچىلىق تېخىنىكىسىدىن ۋاز كېچىشنى خالىمايدۇ. يېزا 2008 – يىلى ئەتىيازدا ئىلمىي باغۋەنچىلىك بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئىسلىقدۆڭ كەنتىدىكى خەنزۇ باغۋەنلەرنى ئۆزلىرى بىلەن قوشنا مۇناردۆڭ ۋە سىياۋۇشىلا كەنتىدىكى دېھقانلارغا چىلان يېتىشتۈرۈش، سورتنى يېڭىلاش، قانداق ئۇلاش، قانداق پۇتاش تېخنىكىسىنى ئۆگىتىشكە تەشكىللەيدۇ ھەمدە ھەر بىر ئۆگەتكۈچىنىڭ بىردىن دېھقاننى كۆتۈرەگە ئېلىپ، ئۇنىڭ تىككەن ياكى سورتىنى يېڭىلىغان چىلان كۆچىتىنىڭ تۇتۇپ، مىۋە بېرىشىگىچە ئىگە بولۇشىنى بېكىتىدۇ. نەتىجىدە ئىككى يىل ئىچىدە ئۇيغۇر باغۋەنلەر تىككەن ياكى ئۇلىغان سورتلۇق چىلاننىڭ مەھسۇلاتى بىراقلا ئېشىپ، تېخنىكا يېڭىلىغان ئۇيغۇر باغۋەنلەرنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرىدۇ، بۇرۇن ئەنئەنىۋى باقمىچىلىقتا چىڭ تۇرىۋالغان ئۇيغۇر باغۋەنلەر ئاستا – ئاستا خەنزۇ باغۋەنلەردىن ئىلغار تېخنىكا ئۆگىنىشنى باشلايدۇ، ئۇلارغا يىللىق ئىشچى بولۇپ، بىر تەرەپتىن كىرىمىنى ئاشۇرسا، يەنە بىرتەرەپتىن تېخىنىكىسىنى ئاشۇرىدۇ. چىلان ئارقىلىق بۇ كەنتتىكى خەنزۇ، ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ قەبل رىشتى تېخىمۇ چىڭ باغلىنىدۇ.

  ـ كەنتىمىز بىلەن ئىسلىقدۆڭ كەنتىنى بىر ئۆستەڭ ئايرىپ تۇرىدۇ، بۇرۇن دېھقانلار ئارىسىدا سۇ تالىشىپ، ماللىرى ئېتىزلىقلىرىمىزغا كىرىپ كېتىدىغان ئىشلار يۈز بېرىپ، ئارىدا بەزى زىددىيەتلەرمۇ بولغان ئىدى، ـــ دېدى سىياۋۇشىلا كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ئېزىز مۇھەممەد، ـــ كېيىن ئۇلار بىزگە چىلان يېتىشتۈرۈش تېخنىكىسىنى، بىز ئۇلارغا چارۋىچىلىق تېخنىكىسىنى ئۆگەتكەندىن كېيىن، بولۇپمۇ كەنتىمىزدىكى دېھقانلار ئۇلارغا يىللىق، پەسىللىك ئىشچى بولۇپ ئىشلىگەندىن بۇيان ئارىدىكى ئارازچىلىق كەيپىياتى بارا - بارا سۇسلاپ، ئۆز – ئارا ھۈرمەتلىشىش، كۆيۈنىش كەيىياتى شەكىللەندى.

  مۇناردۆڭ، سىياۋۇشىلا كەنتى بىلەن ئىسلىقدۆڭ كەنتى تۇتىشىپ كەتكەن كەنتلەر بولۇپ، كەنت كومىتېتلىرى ئارىلىقىمۇ ئارانلا بىريېرىم كلومېتردىن كېلەتتى. بۇ يەردىكى ئۇيغۇر، خەنزۇ دېھقانلارمۇ بۇرۇندىن ئۆز – ئارا بىربىرسىنى بىلىشىدىغان، كۆرۈشۈپ يۈرگەن بولغاچقا ئەنئەنىۋى دوستلۇق يەنىلا ئۇلار ئارىسىدا داۋاملىشىپ كەلگەنىدى.

  مەتتوختى بارات كىچىكىدە ئاتا – ئانىسى بىلەن ئىسلىقدۆڭ كەنتىگە كېلىپ ماكانلىشىپ قالغان بولۇپ، كىچىكىدىن كەنتتىكى خەنزۇ باغۋەنلەرنىڭ بالىلىرى بىلەن ئويناپ چوڭ بولغاچقا، ئۇنىڭ خەنزۇچە سەۋىيىسىمۇ بىرقەدەر يۇقىرى ئىدى. ئۇ كېيىن تۇرمۇش سەۋەبىدىن مۇناردۆڭ كەنتىگە ماكانلاشقان بولسىمۇ، ھېلىھەم بالىلىق چاغلىرىدىكى خەنزۇ دوستلىرىنى ئۇنتۇپ قالغىنى يوق.

  ـــ بالىلىقىمدىن تارتىپ ئىسلىقدۆڭ كەنتىدىكى خەنزۇ دېھقانلار بىلەن ياخشى ئۆتۈپ كەلگەندۇق، چاغانلاردا بالىلىقتىكى ئاغىينەم دەي يۈسوڭنىڭ ئۆيىگە كىرەتتۇق، ھېيت - ئايەمدە ئۇلار بىزنىڭ ئۆيلەرگە كېلەتتى. ئۆيدە بىرەر نەرسە كەم بولسا خەنزۇ قوشنىلارنىڭ ئۆيىگە كىرىپ سورايتتۇق، ئۇلارمۇ گەپ قىلماي بېرەتتى. پاراڭلىشىپ قالساق كۈلكە – چاقچاق بىلەن ئولتۇراتتۇق، كېيىن مەن يەر ئاچىمەن دەپ ئىقتىساددىن ئازراق قىينالغاندا ئۇ ماڭا 20 مىڭ يۈەن بېرىپ تۇردى، ئۇنىڭ تېرىقچىلىق ئىشلىرى چىققاندا مەن ياردەملەشتىم، كېيىن ئۇ 20 مىڭ يۈەننى كۆتۈرۈۋەتتى، ـــ دېدى مەتتوختى بارات.

  ئىسلىقدۆڭ كەنتىدىكى جاڭ شىنۋېن سىياۋۇشىلا كەنتدىكى ئۇيغۇر دېھقانلارنىڭ باقمىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ، كىرىمىنى ئاشۇرۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، باقمىچىلىق بىلەن شۇغۇللانغۇسى كېلىدۇ، لېكىن بۇ جەھەتتىن تېخنىكا بىلمىگەن جاڭ شىنۋېن كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ئېزىز مۇھەممەدنى ئىزدەپ كېلىپ، ئۇنىڭغا بۇ جەھەتتىن ياردەم بېرىشنى ئۆتىنىدۇ. ئېزىز مۇھەممەدمۇ دەرھال بۇنىڭغا ماقۇل بولۇپ، ئۇنىڭغا باقمىچىلىق تېخنىكىسىنى ئۆگىتىدۇ. يېرىم يىلدىن كېيىن جاڭ شىنۋېننىڭ قوتاندىكى قويلىرى ئەسلىدىكى 35 دىن 50 گە كۆپىيىدۇ، يىل ئاخىرىدا 60 دىن ئاشىدۇ، شۇ يىلى ئۇ باقمىچىلىقتىنلا 70 مىڭ يۈەنگە يېقىن كىرىم قىلىدۇ.

  ـــ كەنتىمىزدە %90 دېھقان قوشۇمچە باقمىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، ھازىر قوتاندىكى قويلىرىمىز 3500 دىن ئاشىدۇ، ئىسلىقدۆڭ كەنتىدىكى خەنزۇ باغۋەنلەر بىزدىن باقمىچىلىقنى ئۆگىنىش ئارقىلىق قوتاندىكى قوي سانىمۇ نەچچە يۈزگە بېرىپ قالدى، ـــ دېدى ئېزىز مۇھەممەد.

【1】 【2】 
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·جايلار ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا نومۇر قوشۇش سىياسىتىنى چىڭىتتى، ئولىمپىك ماتېماتىكىسى ئۆگىنىش قىزغى…
      ·2014-يىلى ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ دۆلەت ئوقۇش ياردەم پۇلىدىن تۆت مىليارد 630مىليون يۈەن ئاجر…
      ·جىلىندا ئۇنۋان تۈزۈمىنى كېڭەيتىش ئىسلاھاتى
      ·مائارىپ مىنىستىرلىكى: سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى دەرسلىككە كىرگۈزۈش ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ
      ·بەش يىل ئىچىدە چەت ئەلدە ئوقۇغان 30 مىڭ ئادەم ۋەتەنگە قايتىپ كەلدى
      ·بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ «يەنجىڭ مەكتىپى» بۇ يىل دۇنيادىكى سەرخىل ئۇنىۋېرسىتېتلاردا تولۇق كۇرسنى پۈت…
      ·بۇ يىل ئالىي مەكتەپنى پۇتتۇرىدىغان ئوقۇغۇچى يەتتە مىليوندىن ئاشىدۇ 
      ·«1-ماي»دىن كېيىن، بېيجىڭنىڭ مائارىپ خەرىتىسىدە يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ
      ·«يانفون سىرتمىقى» غا چۈشۈپ قالغان ياشلارنىڭ سانى كۆپەيمەكتە
      ·تۈركمەنىستان پىرېزىدېنتى: تۈركمەنىستان جۇڭگونىڭ ھەمكارلىقنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشىنىڭ يوشۇرۇن كۈچى …