باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

«خىزمەت گۇرۇپپىسى مۇشۇنداق بولسا»

2014.05.15 08:42   مەنبە: خەلق تورى

«خىزمەت گۇرۇپپىسى مۇشۇنداق بولسا»

  ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئىمىنجان تۇرسۇن خەۋىرى، فوتوسى: 5-ئاينىڭ 4-كۈنى،يوپۇرغا ناھىيەسىنىڭ ئاچچىق يېزا ئاياغ پاۋان كەنتىدىكى دېھقان مىجىت تۇردى قاتارلىق بىر نەچچە كىشى كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ دېھقانلارنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا مۇناسىۋەتلىك بىر قاتار ئەمەلىي ئىشلارنى قىلىپ بىرىۋاتقانلىقىدىن سۆيۈنگەنلىكىنى ئېيتىپ مۇنداق دېدى.

  ـــــ خىزمەت گۇرۇپپىسى كېلىپلا، نەچچە يىلدىن بىرى ھەل بولمىغان توك مەسىلىمىزنى شۇنداقلا يەر دەۋايىمىزنى ئوڭۇشلۇق ھەل قىلىپ بەردى...

  ـــــ ئۇلار يەنە ئۆستەڭ قۇرۇلۇشىنىمۇ ھەل قىلىپ بىرىمىز، دەپ چېپىپ يۈرۈيدۇ. خىزمەت گۇرۇپپىسى دېگەن مۇشۇنداق بولسا، ئەلنىڭ قەلبى ئۇلاردىن سۇ ئىچمەمدۇ...

  يوپۇرغا ناھىيەلىك يەرلىك باج ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، «ئەل رايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» پائالىيتى بويىچە ئاياغ پاۋان كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى ئابدۇسەمەت نامەت قاتارلىق بەش كادىر بۇ كەنتكە كەلگەندىن كىيىنكى ئەمەلىي ئىشلىرى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: خىزمەت گۇرۇپپىمىزدىكى كادىرلار «ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر»يولنى «ئەڭ يىراقتىكى بىر ئائىلە»گىچە تۇتاشتۇرۇش نىشانى بويىچە ئالدى بىلەن ئىشىنى 30 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇل چىقىرىپ كەنت تەشكىلاتىنىڭ بىر قىسىم كەمچىل ئەسلىھەلىرىنى تولۇقلاپ بىرىشتىن باشلىدۇق. دېھقانلار بىلەن يېقىن سىرداش دوستلاردىن بولۇش ئۈچۈن، كەنتتىكى پىشقەدەم پارتىيە ئەزالىرى، ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلار ۋە دېھقانلار ئاممىسى بىلەن كۆپ قېتىم سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ ۋە پىكىرلىشىپ، ئۇلارنىڭ قەلبىدىكىنى ئىگىلەپ، جىددىي ھەل قىلىش زۆرۈر بولغان بىر قىسىم قىيىنچىلىق ۋە مەسىللەرنى خاتىرىلەپ، ئارخىپ تۇرغۇزۇپ، ئۇلارنى ھەل قىلىش تەدبىرلىرى ئۈستىدە ئورتاق كېڭەشتۇق ھەمدە كادىرلار ئۆزلىكىمىزدىن5000 يۈەن پۇل يىغىش قىلىپ ئۇن، ياغ قاتارلىق تۇرمۇش لازىمەتلىكىرىنى سېتىۋېلىپ، بىر قىسىم دېھقانلارنىڭ بەزى قىيىنچىلىقلىرىغا دال بولدۇق. ھازىر دېھقانلار بىزنىڭ سەمىمىيتىمىزگە ئىشەندى، كۆڭلىدە نېمىنى ئويلىسا، نىمىنى ئارزۇ قىلسا شۇنى ئۇدۇللا دەيدىغان، ئارسالدى ۋاقىتلىرىدا كەنتكە كېلىپ، بىز بىلەن مۇڭدىشىپ كېتىدىغان بولدى.

  بىز دېھقانلاردىن ئەھۋال ئىگەللەش داۋامىدا بۇ كەنتنىڭ 1-،2- مەھەللىسىدىكى 40 تىن ئارتۇق دېھقان ئائىلىسىىگە ئۆلچەملىك لىنىيەدە توك يەتكۈزۈش مەسىلىسىنىڭ 6 يىلدىن بىرى ھەل بولمىغانلىقىنى بىلىپ، يېقىندا 47 مىڭ يۈەن مەبلەغ ھەل قىلىپ،1.6 كىلومېتىر دائىرىدە ئۆلچەملىك توك سىمى تارتىش قۇرۇلۇشىنى ئېلىپ بېرىپ، ئۇلارنى بىخەتەر توك ئىشلىتىش ئىمكانىيتىگە ئىگە قىلدۇق؛ ئۇنىڭدىن باشقا يەنە، بۇ كەنتتىكى دېھقانلار بىلەن خوشنا كەنتتىكى دېھقانلار ئوتتۇرسىدىكى 7 يىلدىن بىرى ھەل بولماي كەلگەن 80 مو تېرىلغۇ يەر تالاش-تارتىش ماجراسىنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىپ دېھقانلارنى زارى قىلدۇق؛ توققۇز نامرات ئائىلىنىڭ ئۆز يېنىدىن چىقىرىدىغان تۇرالغۇ ئۆي مەبلەغ قىيىنچىلىقىنى تۈرلۈك يوللار ئارقىلىق ھەل قىلىپ، قۇرۇلۇشقا ئىش باشلاپ، ئىككى ئائىلىنىڭ ئۆيىنىڭ ئاساسىي گەۋدىسىنى پۈتكۈزۈپ بولدۇق.

  ئابدۇسەمەت نامەت بۇنىڭدىن كىيىنكى پىلانلىرى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: بۇ كەنتكە سۇ باشلىنىدىغان 8 كىلومېتىر ئوزۇنلۇقتىكى بىر تارماق ئۆستەڭنىڭ ئورنى پەس ھەم ئەگرى-توقاي، سۇغۇرىلىدىغان يەر بىر ئاز ئېگىز بولغانلىقتىن سۇنىڭ بىھۇدە خۇراپ كېتىشى ئەھۋالى ئېغىر، دېھقانلارنىڭ سۇدىن پايدىلنىش ئۈنۈمى تۆۋەن بولۇپ، بىز بۇ ئەھۋالىنى ئىگىلىگەندىن كېيىن، بۇ ھەقىقەتەن ھەل قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلە ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ يوقۇرىغا مەلۇم قىلىپ مەبلەغ ھەل قىلدۇق، پات ئارىدا ئۆستەڭ قۇرۇلۇشىغا ئىش باشلايمىز. ئۇنىڭدىن باشقا مەھەللىلەر ئارىسىدىكى 10 كىلومېتىر ئوزۇنلۇقتىكى توپا يولغا شىغىل ياتقۇزۇپ قاتتىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئېلىپ بېرىشقا تەييارلىق قىلىۋاتىمىز.سۈرەتتە: خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكى كادىرلار قىيىنچىلىقى بار ئائىلىلەردىن ھال سورىماقتا.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·جايلار ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا نومۇر قوشۇش سىياسىتىنى چىڭىتتى، ئولىمپىك ماتېماتىكىسى ئۆگىنىش قىزغى…
      ·2014-يىلى ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ دۆلەت ئوقۇش ياردەم پۇلىدىن تۆت مىليارد 630مىليون يۈەن ئاجر…
      ·جىلىندا ئۇنۋان تۈزۈمىنى كېڭەيتىش ئىسلاھاتى
      ·مائارىپ مىنىستىرلىكى: سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى دەرسلىككە كىرگۈزۈش ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ
      ·بەش يىل ئىچىدە چەت ئەلدە ئوقۇغان 30 مىڭ ئادەم ۋەتەنگە قايتىپ كەلدى
      ·بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ «يەنجىڭ مەكتىپى» بۇ يىل دۇنيادىكى سەرخىل ئۇنىۋېرسىتېتلاردا تولۇق كۇرسنى پۈت…
      ·بۇ يىل ئالىي مەكتەپنى پۇتتۇرىدىغان ئوقۇغۇچى يەتتە مىليوندىن ئاشىدۇ 
      ·«1-ماي»دىن كېيىن، بېيجىڭنىڭ مائارىپ خەرىتىسىدە يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ
      ·«يانفون سىرتمىقى» غا چۈشۈپ قالغان ياشلارنىڭ سانى كۆپەيمەكتە
      ·تۈركمەنىستان پىرېزىدېنتى: تۈركمەنىستان جۇڭگونىڭ ھەمكارلىقنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشىنىڭ يوشۇرۇن كۈچى …