باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاقتۇ ناھىيەسى ‹‹ئون ئائىلە بىرلىشىپ چارۋا بېقىش، يۈز ئائىلە بىرلىشىپ تېرىقچىلىق قىلىش›› ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويدى

2014.05.08 10:35         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاقتۇ ناھىيەسى ئۆز يېرىنىڭ ئەمەلىيىتىنى چىقىش قىلغان ھالدا دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى كۆپەيتىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش يوللىرى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىش ئارقىلىق بۇ يىل ‹‹ئون ئائىلە بىرلىشىپ چارۋا بېقىش، يۈز ئائىلە بىرلىشىپ تېرىقچىلىق قىلىش›› ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويدى.

  بۇ ناھىيە چارۋىچىلارنىڭ ئۆزئالدىغا مال بېقىشتەك ئەنئەنىۋى مال بېقىش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىپ، چارۋاماللارنى ئون ئائىلە بىرلىشىپ يىغىپ بېقىش ئۇسۇلىنى يولغا قويۇپ، نۇرغۇنلىغان چارۋىچىلارنىڭ مال بېقىشتىن تاغدىن چۈشۈپ ئىشلەمچىلىك قىلىشقا يېتەكلىدى. دېھقانچىلىق يېزا-بازارلىرىدا ‹‹يۈز ئائىلە بىرلىشىپ تېرىقچىلىق قىلىش›› ئىستراتېگىيەسىنى سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويدى. تۇنجى تۈركۈمدە 550 مو يەرنى 30 ئائىلىگە مەركەزلەشتۈرۈپ پىچەكگۈل تېرىدى. بۇنىڭ بىلەن بىر نەچچە مو تېرىلغۇ يېرى بار ئائىلىلەر تېرىلغۇ يەرلىرىنى پاي شەكلىدە ئۆتكۈزۈپ بېرىپ سىرتلارغا چىقىپ ئىشلىدى. بۇ ناھىيە يەنە بۇيىلنى نامراتلارنى يۆلەشتىكى نۇقتىلىق يىل قىلىپ بېكىتىپ، 1-تۈركۈمدە نامراتلارنى يۆلەش تۈر مەبلىغىدىن 36 مىليون يۈەن ئاجرىتىپ، ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى قاتارلىقلارنى ئېلىپ بېرىپ، دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىش قەدىمىنى تېزلىتىشىغا پۇختا ئاساس سالدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر