باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىز زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلوسىنى كەسكىن بىر تەرەپ قىلدى

2014.05.04 09:01         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  زوراۋانلار، تېررورچىلارنىڭ ھەيۋىسىنى قەتئىي يەرگە ئۇرۇش كېرەك

  30-ئاپرېل ئۈرۈمچى ۋوگزالىدا زوراۋانلىق، تېررورلۇق خاراكتېرىدىكى پارتلىتىش، ھۇجۇم قىلىش دېلوسى يۈز بەردى. دېلو يۈز بەرگەندىن كېيىن، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇھىم يوليورۇق بەردى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى تېزدىن ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كەسكىن بىر تەرەپ قىلدى، دېلو يۈز بېرىپ 24 سائەت ئىچىدە پاش قىلىندى.

  دېلو يۈز بەرگەندىن كېيىن، ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن دەرھال ئورۇنلاشتۇرۇش قىلدى، ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار نەق مەيدانغا بېرىپ بىر تەرەپ قىلدى. جاڭ چۈنشيەن يېرىم سائەت ئىچىدە جىددىي يىغىن ئېچىپ، نەق مەيداننى كونترول قىلىش، يارىلانغانلارنى قۇتقۇزۇش، دېلونى پاش قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، يارىلانغانلارنى زور كۈچ بىلەن قۇتقۇزۇپ، دېلونى تېزدىن پاش قىلىپ، ئۈرۈمچى شەھىرىنى مۇھىم نۇقتا قىلغان پۈتكۈل شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقىنى ساقلاش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەشنى تەلەپ قىلدى . جاڭ چۈنشيەن سائەت 21 دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە 2-قېتىم يىغىن ئېچىپ، دېلونى بىر تەرەپ قىلىش ۋە شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق خىزمىتىنى يەنە بىر قېتىم ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇردى . جاڭ چۈنشيەننىڭ رىياسەتچىلىكىدە 1-ماي ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ دائىمىي كومىتېت(كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئېچىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى ۋە ئۆگىنىلدى ، دېلو ئەھۋالى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىندى، دېلودىن كېيىنكى ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش ۋە پۈتكۈل شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاش خىزمىتى يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزى ۋە يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىشىمىز ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشىمىز كېرەك، زوراۋانلىق، تېررورلۇققا قارشى كۈرەشنى بىر مىنۇتمۇ بوشاشتۇرۇپ قويۇشقا بولمايدۇ، زوراۋانلار، تېررورچىلارنىڭ ھەيۋىسىنى قەتئىي يەرگە ئۇرۇش كېرەك. زوراۋانلار، تېررورچىلارغا قارشى كۈرەشنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىكى، مۇرەككەپلىكى ۋە ئۆتكۈرلۈكىگە بولغان تونۇشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قاتتىق تەدبىر قوللىنىپ، قىلچە يۇمشاق قوللۇق قىلماي، قاتتىق زەربە بېرىش يۇقىرى بېسىم ھالىتىنى باشتىن-ئاخىر ساقلاپ، مۇقىملىقنى ساقلاشتىن ئىبارەت بۇ تارىنى ھەر ۋاقىت چىڭ تارتىپ، ھەرقانداق ۋاقىتتا بوشاشتۇرۇپ قويماسلىق؛ مەخسۇس تۈزەش بىلەن ئاممىۋى تۈزەشنى بىرلەشتۈرۈپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلققە تايىنىپ، تېررورلۇققا قارشى خەلق ئۇرۇشىنى ياخشى قىلىش؛ يارىلانغانلارنى قۇتقۇزۇش، ئۇلارنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا تەسەللى بېرىش قاتارلىق كېيىنكى ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىنى يەنىمۇ ئەستايىدىل ياخشى ئىشلەش؛ ئىجتىمائىي بىخەتەرلىك-مۇقىملىققا تەسىر كۆرسىتىۋاتقان ئاجىز ھالقىلارنى ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ تېپىپ چىقىپ، يوچۇقلارنى ئېتىپ، ئىجتىمائىي ئومۇمىيلىق مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  دېلو يۈز بەرگەندىن كېيىن ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ بىر تۇتاش قوماندانلىقىدا ئۈرۈمچى شەھىرى ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ج خ، سەھىيە قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلار تېزدىن ھەرىكەتكە كەلدى . نەق مەيداندىكى يارىلانغانلار تېزدىن دوختۇرخانىغا ئاپېرىلدى، نەچچە يۈز تېببىي خادىم يۆتكەپ كېلىنىپ، يارىلانغان ھەر بىر كىشىنى تولۇق قۇتقۇزۇشقا كاپالەتلىك قىلىندى. دېلو يۈز بەرگەن نەق مەيداننىڭ تەرتىپى تېزدىن نورماللاشتۇرۇلدى.

  نۇر بەكرى، جۇ خەيلۇن شۇ كۈنى كەچ سائەت 20 دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە جاڭ چۈنشيەننىڭ ھاۋالىسى بىلەن دوختۇرخانىغا بېرىپ يارىلانغانلارنى يوقلىدى، قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇردى، يولداش جاڭ چۈنشيەننىڭ يوليورۇقىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يارىلانغانلارنى ھەرقانداق بەدەلگە قارىماي قۇتقۇزۇشنى تەلەپ قىلدى.

  ج خ ئورگانلىرىنىڭ پۈتۈن كۈچى بىلەن كېچىلەپ رازۋېدكا قىلىشى نەتىجىسىدە، دېلو 1-ماي چۈشتىن كېيىن پاش قىلىندى.

  ھازىر، يارىلانغانلارنىڭ بىر قىسمى دوختۇرخانىدىن چىقتى، كېيىنكى ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتى تەرتىپلىك ئىشلىنىۋاتىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر