باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ پاي ھوقۇقى سودا مەركىزىدە ۋىۋىسكا ئاسقان كارخانا 426 گە يەتتى

2014.04.24 13:51         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنجاڭ «رۇخسارگۈل» يېمەك – ئىچمەك باشقۇرۇش پاي چەكلىك شىركىتى 21-ئاپرېل چۈشتىن بۇرۇن شىنجاڭ پاي ھوقۇقى سودا مەركىزىدە رەسمىي ۋىۋىسكا ئاستى، شۇنىڭ بىلەن بۇ شىركەت ئۈرۈمچى ئىقتىساد – تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى)دىن شىنجاڭ پاي ھوقۇقى سودا مەركىزىدە ۋىۋىسكا ئاسقان تۇنجى پاي چەكلىك شىركىتى بولۇپ قالدى. 21-ئاپرېل بۇ مەركەزنىڭ تىجارەت باشلىغىنىغا ئالتە ئاي بولغان كۈن بولۇپ، شۇ كۈنى بۇ يەردە تىزىمغا ئالدۇرغان كارخانا 426گە يەتتى.

  شىنجاڭ پاي ھوقۇقى سودا مەركىزىنىڭ باش دىرېكتورى باۋ شۈدۇڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ مەركەز بۇلتۇر 21-ئۆكتەبىر رەسمىي تىجارەت باشلىغاندىن بۇيان، ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرگەن. تىزىمغا ئالدۇرغان كارخانىلارمۇ تىجارەتنى يېڭى باشلىغان مەزگىللەردىكى 147 كارخانىدىن ھازىرقى 426 كارخانىغا كۆپەيگەن. شىنجاڭ پاي ھوقۇقى سودا مەركىزىنىڭ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ پۇل مۇئامىلە سەھنىسى بولۇش رولى بارغانسېرى گەۋدىلىنىۋاتىدۇ، ھازىرغىچە بۇ مەركەزنىڭ پاي ھوقۇقىنى رەنىگە قويۇپ قەرز پۇل ئېلىش، كارخانىلارنىڭ خۇسۇسىي زايۇمى، ئاز سوممىلىق قەرز پۇل تاپاۋەت ھوقۇقىنى رەنىگە قويۇپ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئارقىلىق ۋىۋىسكا ئاسقان كارخانىلارغا ياردەم قىلىپ يۈرۈشتۈرگەن مەبلىغى 280 مىليون يۈەنگە يەتتى.

  شۇ كۈنى ۋىۋىسكا ئاسقان «رۇخسارگۈل» يېمەك – ئىچمەك باشقۇرۇش پاي چەكلىك شىركىتى شىنجاڭدىكى داڭلىق يېمەك – ئىچمەك زەنجىرسىمان كارخانىسى بولۇپ، بۇ كارخانىنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى تەرەققىياتى تېز بولغانىدى، بۇ شىركەت تىجارەت باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، تېخىمۇ كۆپ مەبلەغ توپلاش ئۈچۈن، بىر يىلدىن كۆپرەك تەييارلىق قىلىش ئارقىلىق شىنجاڭ پاي ھوقۇقى سودا مەركىزىدە ۋىۋىسكا ئېسىپ، دەسلەپكى كاپىتال بازىرىغا كىردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر