باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى تۆت چوڭ ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالىنى تارقاتتى

2014.04.24 13:50         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى 22-ئاپرېل چۈشتىن كېيىن ئارقا-ئارقىدىن قىراۋ ئۈششۈكىدىن مۇداپىئەلىنىش سېرىق رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى، قۇم-بورانلىق ھاۋارايىدىن مۇداپىئەلىنىش سېرىق رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى، بوراندىن مۇداپىئەلىنىش كۆك رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى، سوغۇق ئېقىمدىن مۇداپىئەلىنىش سېرىق رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالىنى تارقىتىپ، ئاھالىلەرنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلىشىنى ئەسكەرتتى.

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، 22-ئاپرېل كېچىدىن 24-ئاپرېلغىچە، شىمالىي شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرى، تەڭرىتېغىنىڭ تاغلىق رايونلىرى، قومۇل قاتارلىق جايلاردا بوران چىقىپ، تېمپېراتۇرا تۆۋەنلەيدىكەن، شىمالىي شىنجاڭ، شەرقىي شىنجاڭدا تېمپېراتۇرا℃8~℃10 قىچە تۆۋەنلەيدىكەن، تارباغاتاي، ئالتاي، سانجى ئوبلاستىنىڭ شەرقى، قومۇل قاتارلىق جايلاردا تېمپېراتۇرا℃10~℃15 قىچە تۆۋەنلەيدىكەن، جەنۇبىي شىنجاڭ ئويمانلىقىدا كۈچلۈك قۇم-بورانلىق ھاۋارايى كۆرۈلىدىكەن، ئۇنىڭدىن باشقا ئاقسۇ، بايىنغۇلىن، خوتەن قاتارلىق جايلارنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا قۇم-بورانلىق ھاۋارايى كۆرۈلىدىكەن، بايىنغۇلىننىڭ جەنۇبى، خوتەننىڭ شەرقىدە كۈچلۈك قۇم-بورانلىق ھاۋارايى كۆرۈلىدىكەن. شىمالىي شىنجاڭ، شەرقىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا قىراۋ ئۈششۈكى كۆرۈلىدىكەن.

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى تارقاتقاندىن باشقا، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىمۇ ئارقا-ئارقىدىن ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى تارقىتىلغان، 22-ئاپرېل سائەت 9:00 غىچە جەمئىي 43 ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى تارقىتىلغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر