باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

سوغۇق ھاۋا ئېقىمىنىڭ كىرىشى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ئىشلىرىغا پايدىسىز تەسىر كۆرسىتىدۇ

2014.04.24 13:49         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دېھقانچىلىق نازارىتى جايلارنىڭ تەبىئىي ئاپەتلەرگە جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى ۋاقتىدا يولغا قويۇشىنى تەلەپ قىلدى.

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق دېھقانچىلىق نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، 22 – ئاپرېل كۈندۈزدىن 24 – ئاپرېلغىچە شىمالىي شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرى، تەڭرىتاغنىڭ تاغلىق رايونلىرى، قۇمۇل قاتارلىق جايلاردا بوران چىقىپ، تېمپېراتۇرا تۆۋەنلەپ، سوغۇق ئېقىم كىرىدىكەن، بۇ قېتىمقى سوغۇق ئېقىم ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەتىيازلىق دېھقانچىلىق ئىشلەپچىقىرىشىغا پايدىسىز تەسىر كۆرسىتىدىكەن.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، ھازىر شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ئىشلىرى جەنۇبتىن شىمالغا قاراپ تەدرىجىي ئېلىپ بېرىلىۋېتىپتۇ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى كۆپ قىسىم زىرائەتلەر بىخ چىقىرىپ بوپتۇ، شىمالىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم دېھقانچىلىق رايونلىرى ئەتىيازلىق تېرىلغۇنىڭ ئاچقۇچلۇق پەيتىدە تۇرۇۋېتىپتۇ. ئاپتونوم رايونلۇق دېھقانچىلىق نازارىتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى: بۇ قېتىمقى تۆۋەن تېمپېراتۇرىدا زىرائەتلەرگە ئۈششۈك تېگىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا دىققەت قىلىش كېرەك، دېدى.

  21–ئاپرېل شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق دېھقانچىلىق نازارىتى ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، جايلارنىڭ ئاپەت يۈز بېرىش ئەھۋالىغا يېقىندىن دىققەت قىلىپ، ئېغىر تەبىئىي ئاپەتلەرگە جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى ۋاقتىدا يولغا قويۇشىنى تەلەپ قىلدى. بىخ چىقارغان كېۋەز مايسىلىرىنى ۋاقتىدا ئىسلاش ئۇسۇللىرىنى قوللىنىپ، قىروۋ ۋە بوراندىن مۇداپىئەلىنىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش، تېرىلىپ بولغان ئېتىزلارغا توپا يۆلەش، يوپۇق يېپىپ بوراندىن مۇداپىئە كۆرۈش تەدبىرلىرىنى قوللىنىش، شۇنىڭ بىلەن بىللە، بوران كۆپ چىقىدىغان جايلاردا زىرائەت تېرىشنى ۋاقتىنچە كېچىكتۈرۈش كېرەك. شىمالىي شىنجاڭدىكى مېۋىلىك دەرەخلەر چېچەكلەش ۋە مېۋە تۇتۇش مەزگىلىگە قەدەم قويدى، جازىغا ئېلىنمىغان تەكلەرنى جازىغا ئېلىشنى ۋاقتىنچە كېچىكتۈرۈش؛ مېۋىلىك باغلاردا ئىسلاش ئارقىلىق سوغۇقتىن مۇداپىئە كۆرۈش، ئوت – چۆپ بىلەن چۈمكەش، توپا يۆلەش ئۇسۇللىرىنى قوللىنىپ، سوغۇقنىڭ ئالدىنى ئېلىش، مېۋىلىك دەرەخلەرنىڭ سوغۇققا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش؛ ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى ئىشلەپچىقىرىشىدا پارنىكلارنى پۇختىلاش ۋە سوغۇقتىن مۇداپىئەلىنىش، ئۈششۈك تېگىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمەتلىرىنى بالدۇرراق ياخشى ئىشلەش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر