باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ش ئۇ ئا ر جەمئىيەت كۈچلىرىنى ياشانغاندا كۈتىنىش ئاپپاراتى قۇرۇشقا ئىلھاملاندۇردى

2014.04.24 13:42         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى ساناتورىيەلەردە كارىۋات قىس بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش، جەمئىيەتتىكى كۈچلەرنى ياشانغاندا كۈتىنىش ئاپپاراتى تەسىس قىلىشقا ئىلھاملاندۇرۇش ئۈچۈن، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى نازارىتى يېقىندا «ئاپتونوم رايوننىڭ ياشانغاندا كۈتىنىش ئاپپاراتىنى تەسىس قىلىش ئىجازىتى يولغا قويۇش تەپسىلىي پىرىنسىپى»نى تۈزۈپ چىقىپ، ساناتورىيەنىڭ كارىۋات سانىغا بولغان ئۆلچىمىنى تۆۋەنلىتىپ، ئەسلىدىكى 30 دىن ئارتۇق بولۇشتىن 10 دىن ئارتۇق بولۇشقا تۆۋەنلىتىپ، قاراپ چىقىپ تەستىقلاش ھالقىلىرىنى ئازايتتى، قاراپ چىقىپ تەستىقلاش ھوقۇقىنى تۆۋەنگە چۈشۈردى.

  بۇنىڭدىن سىرت، شىنجاڭ يەنە «خەلق باشقۇرۇشىدىكى ساناتورىيەلەرگە ھۆكۈمەت ياردەم بېرىش» سىياسىتىنىڭ يۆلەش كۈچىنى ئاشۇرۇپ جەمئىيەت مەبلىغىنى مۇستەقىل مەبلەغ سېلىش، ھۆددىگە ئېلىش، بىرلىشىپ مەبلەغ سېلىش، ھەمكارلىشىش، بىرلىشىش قاتارلىق ئۇسۇللاردا ياشانغانلار ياتىقى، ياشانغانلار ساناتورىيەسى، مەھەللىدىكى ياشانغانلارنى كۈندۈز قاراش مەركىزى، يېزىلاردىكى ئۆز ئارا ياردەم بېرىش بەخت ئائىلىسى قاتارلىق ياشانغاندا كۈتىنىش ئاپپاراتلىرى ياكى مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرىنى قۇرۇشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ. 2020-يىلغىچە جەمئىيەت كۈچلىرى قۇرغان ساناتورىيەلەردىكى كارىۋات سانىنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى %60 تىن تۆۋەن بولمايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر