باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئۈرۈمچى غالىبىيەت يولى 2 – كوچىسى، دوستلۇق يولى 1 – مايدىن باشلاپ تاق يۆنىلىشلىك قىلىپ ئۆزگەرتىلىدۇ

2014.04.22 09:01         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  1–مايدىن باشلاپ ، ئۈرۈمچى شەھىرى غالىبىيەت يولى 2–كوچىسى ، دوستلۇق يولى تاق يۆنىلىشلىك قىلىپ ئۆزگەرتىلىدۇ .

  20–ئاپرېل ، مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى قاتناش ساقچى تارماق ئەترىتىدىن ئىگىلىشىچە ، غالىبىيەت يولى 2–كوچىسى شەرقتىن غەربكە تاق يۆنىلىشلىك قىلىپ ئۆزگەرتىلىدىكەن ، ئاپتوموبىللارنىڭ غەربتىن شەرققە قاراپ يۈرۈشى مەنئى قىلىنىدىكەن ؛ دوستلۇق يولى (يەنئەن يولىدىن غالىبىيەت يولى 2–كوچىسىغىچە بولغان يول بۆلىكى) شىمالدىن جەنۇبقا تاق يۆنىلىشلىك قىلىپ ئۆزگەرتىلىدىكەن ، ئاپتوموبىللارنىڭ جەنۇبتىن شىمالغا قاراپ يۈرۈشى مەنئى قىلىنىدىكەن .

  1–مايدىن 10–مايغىچە قاتناش ساقچى تارماقلىرى خادىم ئاجرىتىپ بۇ يوللاردا ئاپتوموبىللارغا يېتەكچىلىك قىلىدىكەن، 11–مايدىن باشلاپ قانۇنغا خىلاپ يۈرۈش ئەھۋالى بايقالسا جازا يۈرگۈزۈلىدىكەن .

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر