باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

تىجارەتتە ئالدامچىلىق قىلغانلار مالنى قايتۇرۇۋالىدۇ ھەم ئۈچ ھەسسە تۆلەم تۆلەيدۇ

- يېڭى ‹‹ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق–مەنپەئىتىنى قوغداش قانۇنى›› ھەققىدە يەشمە(2)

2014.04.03 15:46         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  لى چۈنشيا

  ]ئارقا كۆرۈنۈش[

  ئالدامچىلىق قىلمىشىنى جازالاش سالمىقىنى ئاشۇرۇش مۇراجىئەت قىلىندى

  تىجارەتتە ئالدامچىلىق قىلىش تىجارەتچىلەرنىڭ تاۋار ساتقاندا ياكى مۇلازىمەت قىلغاندا، ئىستېمالچىلارنى ساختا تاۋار ياكى نامۇۋاپىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ئالداپ، ئازدۇرۇپ، ئىستېمالچىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئىتىنى زىيانغا ئۇچرىتىش قىلمىشىنى كۆرسىتىدۇ. تولۇقسىز ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ‹‹12315›› قوماندانلىق مەركىزى 2013 – يىلى ئالدامچىلىققا چېتىشلىق 100دىن ئارتۇق ئەرز – شىكايەت دېلوسىنى قوبۇل قىلغان، بۇلار ئاساسلىقى سۈپەتسىز تاۋارنى سۈپەتلىك تاۋارغا ئارىلاشتۇرۇپ سېتىش، باھاسى چۈشۈرۈلگەن، سۈپەتسىز تاۋارلارنى سۈپەتلىك مەھسۇلات دەپ سېتىش؛ تاۋارنىڭ مىقدارى ئاز بولۇش؛ ساختا تەشۋىق قىلىش قاتارلىقلارغا چېتىلىدىكەن.

  ئەسلىدىكى ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغداش قانۇنى›› بويىچە، تىجارەتتە ئالدامچىلىق قىلغانلار مالنى قايتۇرۇۋالغاندىن سىرت، بىر ھەسسە تۆلەم تۆلەيتتى، يەنى ئالدىنىپ قالغان ئىستېمالچىغا سېتىۋالغان تاۋار ياكى بەھرىمەن بولغان مۇلازىمەتنىڭ پۇلى قايتۇرۇپ بېرىلگەندىن باشقا يەنە تاۋار ياكى مۇلازىمەتنىڭ باھاسىغا باراۋەر تۆلەم بېرىلەتتى. ئەمەلىيەتتە بىر قىسىم تىجارەتچىلەر يەنىلا ساختىلىق ئىشلىتىپ، ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق – مەنپەئىتىنى زىيانغا ئۇچراتتى، ھەتتا ئىستېمالچىلارنىڭ ھاياتىغا، ساغلاملىقىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. شۇڭا، نۇرغۇن كىشى تىجارەتتە ئالدامچىلىق قىلىش قىلمىشىنى جازالاش سالمىقىنى ئاشۇرۇشنى مۇراجىئەت قىلدى.

  ]يارقىن نۇقتا[

  ‹‹مالنى قايتۇرۇۋېلىش، بىر ھەسسە تۆلەم بېرىش›› ‹‹مالنى قايتۇرۇۋېلىش، ئۈچ ھەسسە تۆلەم بېرىش››كە ئۆزگەرتىلدى

  يېڭى ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغداش قانۇنى››نىڭ 55 – ماددىسىدا، تىجارەتچىلەر تاۋار ساتقاندا ياكى مۇلازىمەت قىلغاندا ئالدامچىلىق قىلمىشى مەۋجۇت بولسا، ئىستېمالچىلارنىڭ تەلىپى بويىچە تۆلەم كۆپەيتىلىدۇ، ئىستېمالچىلار سېتىۋالغان تاۋار، بەھرىمەن بولغان مۇلازىمەت ھەققىنىڭ ئۈچ ھەسسىسى بويىچە تۆلەم بېرىلىدۇ؛ تۆلەم سوممىسى 500 يۈەنگە توشمىسا، 500 يۈەن تۆلەم بېرىلىدۇ. قانۇندا باشقىچە بەلگىلىمە بولسا، شۇ بەلگىلىمە بويىچە ئىجرا قىلىنىدۇ، دەپ بەلگىلەندى.

  ]دېلو مىسالى[

  2.47 يۈەنلىك دولانا سېتىۋالغان ئىستېمالچى 500 يۈەن تۆلەمگە ئېرىشتى

  15 – مارت يېڭى ‹‹ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغداش قانۇنى›› يولغا قويۇلغان تۇنجى كۈن. ئۈرۈمچى شەھىرى ئاھالىسى جاڭ ئەپەندى شۇ كۈنى خوتەنگەي كوچىسىدىكى تاللا بازىرىدىن ھەر كىلوسىنىڭ باھاسى 13 يۈەندىن ئون يۈەنگە چۈشۈرۈلگەن دولانادىن 2.47 يۈەنلىك سېتىۋالغان. جاڭ ئەپەندى ئۆيگە قايتقاندىن كېيىن، مال سېتىۋېلىش تالونىدىن تاللا بازىرىنىڭ يەنىلا كىلوسى 13 يۈەنلىك باھا بويىچە ھېسابلاپ پۇل ئالغانلىقىنى بايقىغان.

  جاڭ ئەپەندى تاللا بازىرىغا قايتىپ بېرىپ بۇ ئىشنى سۈرۈشتۈرگەن، تاللا بازىرى پۇل تاپشۇرۇش سۇپىسىدىكى ئۇچۇر ۋاقتىدا يېڭىلانمىغاچقا، خاتالىق ئۆتكۈزگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىپ، كىلوسىنى ئون يۈەندىن ھېسابلاپ، ئارتۇق ئېلىۋالغان پۇلنى قايتۇرۇپ بەرمەكچى بولغان. لېكىن جاڭ ئەپەندى بۇنىڭغا قوشۇلمىغان، ئۇ ئۆيۈم يۇقىرى – يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى(يېڭىشەھەر رايونى)دا، كېلىپ – كېتىشكە كەتكەن يول خىراجىتى مال سېتىۋېلىشقا كەتكەن پۇلدىنمۇ كۆپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ۋاقتىم بىكاردىن – بىكار ئىسراپ بولدى، دېگەن. ئىككى تەرەپ بىرلىككە كېلەلمىگەچكە، جاڭ ئەپەندى سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقىنىڭ ئەرز قىلىش تېلېفونىغا تېلېفون قىلغان.

  سايباغ رايونلۇق ‹‹1 – ئىيۇل›› سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئورنىنىڭ ئىككى خىزمەتچىسى جاڭ ئەپەندىنىڭ تېلېفونىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، تاللا بازىرىغا كېلىپ، جاڭ ئەپەندىنىڭ ئېيتقانلىرىنىڭ ئورۇنلۇق ئىكەنلىكىنى دەلىللىدى. سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئورنى تاللا بازىرىدا تىجارەتتە ئالدامچىلىق قىلىش قىلمىشى مەۋجۇت، يېڭى ‹‹ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغداش قانۇنى››غا ئاساسەن، تاللا بازىرى مالنى قايتۇرۇپ، ئۈچ ھەسسە تۆلەم بېرىشى كېرەك، لېكىن تۆلەم سوممىسى 500 يۈەنگە توشمىغانلىقى ئۈچۈن، 500 يۈەن تۆلەم بېرىشى كېرەك، دەپ قارىدى. سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ ماسلاشتۇرۇشى بىلەن تاللا بازىرى جاڭ ئەپەندىگە 500 يۈەن تۆلەم بەردى.

  ]يەشمە[

  ئىستېمالچىلار ھوقۇقىنى قوغداشقا رىغبەتلەندۈرۈلدى

  ئاپتونوم رايونلۇق سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسى ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغداش باشقارمىسىنىڭ باشلىقى ياشار ھاجى مۇنداق دېدى: يېڭى ‹‹ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغداش قانۇنى››دا جازا خاراكتېرلىك تۆلەم جەھەتتە چوڭ ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلدى. بىرىنچى، تۆلەم پۇلى ئۆستۈرۈلدى. ئادەتتىكى ئالدامچىلىق قىلمىشى سادىر قىلغانلار تۆلەيدىغان تۆلەم پۇلنىڭ سوممىسى ئىلگىرىكى بىر ھەسسىدىن ئۈچ ھەسسىگە كۆپەيتىلدى. بۇ، تاۋارنىڭ باھاسى قانچە يۇقىرى بولسا، تۆلەممۇ شۇنچە كۆپ بولىدىغانلىقىدىن، قانۇنغا خىلاپلىق قىلسا، تۆلەيدىغان بەدەلنىڭ شۇنچە يۇقىرى بولىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، بۇنىڭ ئاگاھلاندۇرۇش ئۈنۈمى ياخشى بولۇپ، تىجارەتچىلەرنىڭ ئۆزىنى تىزگىنلىشىگە تۈرتكە بولىدۇ.

  ئىككىنچى، يېڭى ‹‹ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغداش قانۇنى››دا يەنە ئەڭ تۆۋەن تۆلەم پۇلىنىڭ چېكى 500 يۈەن قىلىپ بېكىتىلدى. ئىلگىرى باھاسى تۆۋەنرەك تاۋار، مۇلازىمەتنىڭ بىر ھەسسىسى بويىچە تۆلەم بېرىلىپ، ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇقى قوغدالغان بولسىمۇ، ئىستېمالچى بەك كۆپ تۆلەمگە ئېرىشەلمەيتتى. شۇڭا ئىستېمالچىلار ۋاقىت، ئادەم كۈچى تەننەرخى دېگەنلەرنى ئويلىشىپ، ھوقۇقىنى قوغداشتىن ۋاز كەچكەچكە، قانۇنسىز تىجارەتچىلەر تېگىشلىك جازاغا تارتىلمىغان. يېڭى ‹‹ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغداش قانۇنى››دىكى ‹‹تۆلەم پۇلنىڭ ئەڭ تۆۋەن چېكى›› توغرىسىدىكى بەلگىلىمە ئىستېمالچىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغداش ئاكتىپلىقىنى قوزغاشقا پايدىلىق.

  ئۈچ ھەسسە تۆلەم قانداق ھېسابلىنىدۇ؟ ياشار ھاجى چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: ئۈچ ھەسسە تۆلەم ئىستېمال ھەققىنى قايتۇرغاندىن باشقا تۆلەمنى كۆرسىتىدۇ. ئىستېمالچى 200 يۈەنگە ساختا مال سېتىۋالغان بولسا، تىجارەتچى 200 يۈەن تاۋار پۇلىنى قايتۇرۇپ بەرگەندىن باشقا، يەنە 600 يۈەن تۆلەم بېرىدۇ. سېتىۋالغان مالنىڭ باھاسى ئەرزان بولۇپ، ئۈچ ھەسسىلەنگەندىن كېيىنمۇ 500 يۈەنگە يەتمىسە، تىجارەتچى قايتۇرۇپ بەرگەن ئىستېمال ھەققىدىن باشقا، 500 يۈەن تۆلەم بېرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر