باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ماھارەت ئىگىلىگەندىلا ئىشقا ئاسان ئورۇنلاشقىلى بولىدۇ

سۇي يۈنيەن

2014.04.03 15:44         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىندا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ‹‹ئايلىنىشى تېز بولىدىغان، شۇ جايدا قىلغىلى بولىدىغان، ئۈنۈمى تېز بولىدىغان›› تۈرلەرنى يولغا قويغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرلەردە، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى تېخىمۇ كۆپ ئارتۇق ئەمگەك كۈچىنىڭ خىزمەتكە ئورۇنلاشقانلىقى، ئۇلارنىڭ تەربىيەلىنىش ئارقىلىق ماھارەت ئىگىلەپ، ئەمگەك قىلىش ئارقىلىق بايلىق يارىتىپ، ئائىلىسىنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالىنى ياخشىلىغانلىقى، شۇنداقلا ھاللىق تۇرمۇشقا ئىگە بولۇش ئىشەنچىسىگە تولغانلىقى دېيىلدى.

  ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئەڭ زور خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشنىڭ ئاساسىي يوللىرىنىڭ بىرى. دېھقانلار تەربىيەلىنىش ئارقىلىق ماھارەت ئىگىلەپ، ئۆز يۇرتىدىلا ئىشقا ئورۇنلىشالايدىغان بولغاچقا، ئاكتىپلىقى تەبىئىي يۇقىرى بولىدۇ. مەيلى ئۆرۈك پىششىقلاش كەسپى، قول – ھۈنەر بۇيۇملىرىنى ياساش ياكى خاس يېمەكلىكلەرنى ئىشلەپچىقىرىش بولسۇن، ھەممىسى ئەمەلىيەت چىقىش قىلىنغان، رېئاللىق نەزەردە تۇتۇلغان، دېھقانلار ئاسان ئۆگىنەلەيدىغان، قىلىش ئاسان كەسىپلەر. ئاساسىي قاتلامغا ماسلاشتۇرۇلغان، تېز ئۈنۈم كۆرسىتىدىغان بۇ ئاممىغا مەنپەئەت يەتكۈزۈش تەدبىرى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى يېزا ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە كىرىمنى ئاشۇرۇش قىيىن بولۇش ئەھۋالىنى زور دەرىجىدە ياخشىلىدى.

  تېخىمۇ كۆپ دېھقان كەسىپ ئىشچىلىرى قاتارىغا قوشۇلدى، تېخىمۇ كۆپ يېزا كىچىك كارخانىلىرى زور قوللاشقا ئېرىشىپ، تېخىمۇ ياخشى تەرەققىيات بوشلۇقىغا ئىگە بولدى، ئەمەلىيەتكە يېقىن، قاراتمىلىقى كۈچلۈك بولغان تېخىمۇ كۆپ تەربىيەلەش پىلانلىرى باسقۇچلار بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇلدى، بۇنىڭدىن دېھقانلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلغان باياشات گۈزەل كەلگۈسىنىڭ يىراق ئەمەسلىكىنى ھېس قىلدۇق.

  مەكىت ناھىيەسى قۇمقۇسار يېزىسى دولان مەدەنىيىتى كەسىپ رايونى دېھقانلار سىزغان رەسىملەرنىڭ سېتىلىش يولىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن ‹‹ئايلىنىشى تېز بولىدىغان، شۇ جايدا قىلغىلى بولىدىغان، ئۈنۈمى تېز بولىدىغان›› تۈرلەرگە ئىلتىماس قىلدى، ئۇلار دېھقانلار سىزغان رەسىملەرنىڭ سېتىلىش يولىنى كېڭەيتىشنى ئاساس قىلغان ھالدا كەشتە تىكىش، ساياھەت ھۈنەر – سەنئەت بۇيۇملىرىنى ياساش، خاس يېمەكلىكلەرنى ئىشلەپچىقىرىشنى زورايتىپ، ساياھەتچىلىك تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، 500 دىن ئارتۇق كىشىنى بىۋاسىتە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا تىرىشتى. گىلەم توقۇش، كەشتە كەشتىلەش قاتارلىق جەنۇبىي شىنجاڭدا ئۇزاق تارىخقا ئىگە قىسمەن كىچىك كارخانىلار كۆچمە مەبلەغ ۋە ئورۇن چەكلىمىسى تۈپەيلىدىن كۆلەمنى كېڭەيتىشكە ئامالسىز قېلىۋاتىدۇ، ئەگەر ھۆكۈمەت ياردەمنى سەللا كۈچەيتسە، بۇ كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتى تېزلىشىدۇ، يېزىلاردىكى ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرى يۇرتىدىن ئايرىلماي تۇرۇپلا ئىشقا ئورۇنلىشىپ، كىرىمىنى ئاشۇرالايدۇ.

  ئەمەلىيەتتە، يېزىلاردا تىككۈچىلىك قىلالايدىغان، كەشتە تىكەلەيدىغان، گىلەم توقۇيالايدىغان ئاياللار، ساپال بۇيۇم ۋە چالغۇ ياسىيالايدىغان، مۇسۇلمانچە يېمەكلىك پۇشۇرالايدىغان ئۇستاملار ئىنتايىن كۆپ، ئىلگىرى ئۇلار بۇ ھۈنەرلىرى ئارقىلىق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا تىرىشقان ھەم ئۇنىڭ پايدىسىنىمۇ كۆرگەن ئىدى، مانا ئەمدى تەربىيەلىنىش ئارقىلىق ئىشچىغا ئايلاندى، كىچىك دۇكانلارنىڭ چوڭ كارخانىلارغا ئايلىنىپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، باياشات تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈشىدىن ئۈمىد زور.

  ماھارەت ئىگىلىيەلمىگەن دېھقانلارغىمۇ پۇرسەت كەم ئەمەس، ئۇلارمۇ ئىشەنچنى يوقاتماسلىقى كېرەك. كۆز ئالدىمىزدىلا ئىگىلىك تىكلەش يوللىرى بار: كەسىپ رايونلىرى دېھقانلارنىڭ ئىشىكى ئالدىدىلا قۇرۇلدى، زاۋۇتلار سېلىنىپ، خىزمەتچى قوبۇل قىلىشنى كۈتمەكتە، تەربىيەلەش كۇرسلىرى ئارقا – ئارقىدىن ئېچىلماقتا، ئۆگىنىشنى خالىساقلا، تىرىشساقلا ئۆزىمىزگە ماس كېلىدىغان ماھارەتنى چوقۇم ئىگىلىيەلەيمىز.

  مۇقىم خىزمەت ۋە كىرىم بولسىلا بەختىيار تۇرمۇشقا ئېرىشكىلى بولىدۇ. ئاپتونوم رايونىمىز كەلگۈسى ئىككى يىلدا 888 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى نامرات رايونلاردا يەرلىكتىكىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ‹‹ئايلىنىشى تېز بولىدىغان، شۇ جايدا قىلغىلى بولىدىغان، ئۈنۈمى تېز بولىدىغان›› تۈرلەرنى يولغا قويۇپ، 100 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى پىلانلىدى، خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى داغدۇغىلىق يولغا قويۇلۇپ، ئەل قەلبىنى ئىللىتتى. ئەلۋەتتە، ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تىرىشچانلىقىغا، تېخىمۇ مۇھىمى دېھقانلارنىڭ تىرىشچانلىقىغا تايىنىشقا توغرا كېلىدۇ، دېھقانلار تىرىشىپلا ئىشلەيدىكەن، بۇ 100 مىڭ كىشىنىڭ قاتارىدىن ئورۇن ئالالايدۇ.

  يېزىلاردىكى ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ قاينام – تاشقىنلىق دولقۇنىدا، ئىقتىسادىي مەنپەئەت يارىتىشتىن باشقا، كۆز قاراشنى ئۆزگەرتىش ۋە ئىشەنچنى مۇستەھكەملەشمۇ دېھقانلارنى قىممەتلىك بايلىققا ئېرىشتۇرىدۇ. ئەمگەك ئارقىلىق بايلىق ياراتقىلى بولىدۇ، ماھارەت ئىگىلىگەندىلا ئىشقا ئورۇنلاشقىلى بولىدۇ، مۇقىم كىرىم تۇرمۇشنى تېخىمۇ بەختىيارلىققا ۋە ئىززەت – ئابرۇيغا ئىگە قىلىدۇ... بۇنداق قاراشلار كىشىلەرنىڭ قەلبىدىن بارغانسېرى چوڭقۇر ئورۇن ئالماقتا، كىشىلەرگە بارغانسېرى ئىلھام بولماقتا.

  ئىلگىرى، جەنۇبىي شىنجاڭدىكىلەرنىڭ ‹‹ساقلاش، تايىنىش، ئېلىش›› قارىشى ئېغىر بولۇپ، بۇ دېھقانلارنىڭ ئىگىلىك تىكلەش، باي بولۇش يولىنى توسۇپ قويغانىدى، ھازىر بىز دېھقانلارنىڭ ‹‹مېنىڭ ماھارىتىم بار، مەن ئىشقا ئورۇنلىشالايمەن››، ‹‹تىرىشىمەن، باي بولىمەن، ئىپتىخارلىق ھېس قىلىمەن›› دېگەن زامانىۋى ئىدىيەنى تۇرغۇزۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر