باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۆسمۈرلەرنىڭ پۇتبول ئارزۇسى ئەھمىيەت بېرىشكە ئەرزىيدۇ

جىن چېن

2014.04.03 15:42         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ‹‹مېنىڭ ئارزۇيۇم دۆلەت پۇتبول كوماندىسىغا كىرىش!››. بۇ جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ چەت – يىراق كەنتىدىن كەلگەن ئادەتتىكى ئۆسمۈرنىڭ شانلىق ئارزۇسى، بۇ ھەم جەنۇبىي شىنجاڭدىكى نۇرغۇن يېزا، كەنتتىكى ئۆسمۈرلەرنىڭ ئارزۇسى بولۇشى مۇمكىن. بۇ قېتىمقى ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› پائالىيىتى داۋامىدا كەنتكە چۈشكەن كادىرلار ئاساسىي قاتلامدىكى بۇ تەلەپنى ئىنچىكىلىك بىلەن بايقىدى، بۇ كىچىككىنە ئارزۇغا مۇجەسسەملەنگەن ئىجتىمائىي قىممەتنى قانداق توغرا تونۇش ئويلىنىشىمىزغا ئەرزىيدىغان مەسىلە.

  ئاتۇش شەھىرى سۇنتاغ يېزىسى مەشەت كەنتى خىزمەت ئەترىتىدىكى لى يۇڭ ‹‹ئاخىرقى بىر كىلومېتىر›› ئۈندىدار سۇپىسىغا مۇنداق يازدى: ‹‹<مېنىڭ ئارزۇيۇم دۆلەت پۇتبول كوماندىسىغا كىرىش>. شەنبە چۈشتىن بۇرۇن، بىر توپ بالا كەنت باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ پۇتبول مەيدانىدا پەيدا بولدى، كەنت باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ خەنزۇ تىلى ئوقۇتقۇچىسى ئېلى دەم ئېلىش كۈنىدىن پايدىلىنىپ، پۇتبول تېپىشنى ياخشى كۆرىدىغان بالىلارنىڭ مەشىق قىلىشىغا خالىس يېتەكچىلىك قىلىۋاتاتتى، بالىلارنىڭ چوڭى 12 ياش، كىچىگى بەش ياش بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئارزۇسى دۆلەت پۇتبول كوماندىسىنىڭ بىر ئەزاسى بولۇش ئىدى، ئۇلارنىڭ بۇ جاسارىتىدىن جۇڭگو پۇتبولچىلىقىنىڭ كەلگۈسىنى كۆرگەندەك بولدۇم، ئۇلارنىڭ ئارزۇسىغا يېتىشىنى تىلەيمەن››.

  قىسقىغىنە بىر نەچچە ئېغىز سۆزدىن نۇرغۇن ئۇچۇرلارغا ئىگە بولالايمىز: ۋەزىپە، كەسپىي تىرېنېر بولمىسىمۇ، ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىزغىنلىقى ئوخشاشلا يۇقىرى ئىكەن، ئۇلار دەم ئېلىش كۈنلىرىنى قۇربان قىلىپ تەشەببۇسكارلىق بىلەن مەشىق قىلىدىكەن، ئۇلارنىڭ كىچىكى ئەمدىلا بەش ياشقا كىرىپتۇ، ئۇلار زادى نېمە ئۈچۈن شۇنداق قىلىدۇ؟ ‹‹دۆلەت كوماندىسىنىڭ بىر ئەزاسى بولۇش ئۈچۈن!››. بۇ كىچىككىنە پۇتبول ئارزۇسىغا كىشىلىك تۇرمۇش نىشانى، دۆلەتنىڭ شان – شەرەپ تۇيغۇسى مۇجەسسەملەنگەن.

  مانا بۇ تەنھەرىكەت ھەرىكىتىنىڭ چاقىرىق كۈچى، تېخىمۇ ئېنىق قىلىپ ئېيتقاندا، تەنھەرىكەت ھەرىكىتى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۆلەتنىڭ شان – شەرىپىدەك تۇيغۇنىڭ چاقىرىق كۈچى. داڭلىق يازغۇچى فېڭ يىسەي ‹‹دۇنيا لوڭقىسى (پۇتبول مۇسابىقىسى)نىڭ نېمە ئۈچۈن شۇنچە زور مەپتۇن قىلىش كۈچىگە ئىگە؟›› ئىكەنلىكىنى تەسۋىرلەپ: ‹‹تارىخىي دەۋرلەردە، دۆلەتلەر ئارىسىدا دائىم توقۇنۇش يۈز بېرىپ تۇرغاچقا، ئەزىمەت ئوغلانلار قوراللىق جەڭگە ئاتلىنىپ، دۆلەتنىڭ شان – شەرىپىنى ئۆز ھاياتىي بەدىلىگە قوغدايتتى. لېكىن تىنچلىق دەۋردە، دۆلەتلەر ئارىسىدىكى چوڭ كۆلەملىك رىقابەت خاراكتېرلىك مۇسابىقىلەرلا ۋەتەن ئۈچۈن كۈرەش قىلىشتىن ئىبارەت ئاشۇنداق ئۇزاق تارىخىي تەسىرگە ئىگە مۇقەددەس ھېسسىياتنى ئويغىتالايدۇ!››. شۇنداق، ھەر قېتىم دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسى باشلانغاندا، ھەر قايسى دۆلەت پۇتبولچىلىرى ‹‹شەرەپلىك دۆلەت بايرىقى بىلەن ئوخشاش رەڭدە كىيىنىپ، ھەر بىر مەيدان مۇسابىقە باشلىنىشتىن ئىلگىرى يەنە دۆلەت شېئىرىنى ئېيتىپ، ئۆز دۆلىتىگە بولغان سەمىمىي مۇھەببىتى ۋە ساداقىتىنى ئىپادىلەيدۇ. بەدىنىڭىزدىكى بارلىق قان تومۇرلىرىڭىزدا قانداشلىق ھېسسىياتى مەۋج ئۇرۇپ، غەيرەت – جاسارىتىڭىز تولۇپ تاشىدۇ››.

  بۇ نەقەدەر ياخشى ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى – ھە! مۇسابىقىگە قاتناشقان ماھىرلار، مۇسابىقىگە قاتنىشىپ نەتىجە ئېلىشنى نىشان قىلغان سان – ساناقسىز كۈرەش قىلغۇچىلار شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ياكى تاماشىبىنلار بولسۇن، بۇ شانلىق دەقىقىدە، ئوخشاش بىر خىل روھىي ھېسسىيات تەرىپىدىن غەيرەتكە كېلىدۇ، ئۇ دەل دۆلەتنىڭ يۈكسەك شان – شەرىپى تۇيغۇسىدۇر. بۇ تەشەببۇسكار مەنىۋى تەلەپ، ئۇ كۈچلۈك ئۇيۇشۇش كۈچىنى ھاسىل قىلالايدۇ، ئۇ ھەم شىنجاڭ روھىدىكى ‹‹ۋەتەننى سۆيۈش – شىنجاڭنى سۆيۈش›› نىڭ كونكرېت نامايەندىسى شۇنداقلا شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىيات ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى زور مەنىۋى تايانچ.

  مانا بۇ كىچىككىنە پۇتبول ئارزۇسىغا مۇجەسسەملەنگەن يۈكسەك مۇھەببەت، يۈكسەك مۇھەببەت مۇجەسسەملەنگەن بۇ كىچىككىنە ئارزۇ جەنۇبىي شىنجاڭدا مۇنبەت زېمىنغا ئىگە. 2012 – يىلىدىكى مەملىكەتلىك B دەرىجىلىكلەر پۇتبول مۇسابىقىسىدە، شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ ئاساسىي مەيدانىغا كەلگەن تاماشىبىنلار سانىدا ئۈزلۈكسىز رېكورت يارىتىلىپ، ئەينى يىلى جۇڭگو پۇتبول ساھەسىدىكى جەلپكار خەۋەرگە ئايلانغان ئىدى. 22 – ماي بېيجىڭ سەنگاۋ كوماندىسى بىلەن بولغان مۇسابىقىدە، توپ مەستانىلىرىنىڭ سانى 46 مىڭ كىشىگە يەتتى، بەزى پۇتبول مەستانىلىرى قەشقەر، خوتەن قاتارلىق جايلاردىن كېلىپ مۇسابىقىنى كۆردى. مۇشۇنداق قايناق توپ بازىرى، قىزغىن پۇتبول مەستانىلىرى جۇڭگودىكى دەرىجىدىن تاشقىرى توپ كوماندىلىرىدىمۇ ناھايىتى ئاز ئۇچرايدۇ.

  بۇنداق كۈچلۈك مەنىۋى تەلەپ ئىجابەت بولۇشقا مۇھتاج، مۇشۇ كىچىككىنە پۇتبول ئارزۇسى بىزنىڭ ئەھمىيەت بېرىشىمىزگە ئەرزىيدۇ، چۈنكى بىز بالىلارنىڭ كىشىلىك تۇرمۇش نىشانىغا يىتىشىگە ياردەم بىرىش بىلەن بىللە، دۆلەتنىڭ شان – شەرىپىدىن ئىبارەت بۇ تۇيغۇنىمۇ يېتىلدۈرۈپ، ئەڭ ئۈنۈملۈك ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى ئېلىپ بېرىپ، كىشىلىك تۇرمۇشنىڭ باشلىنىشىدىلا يۈكسەك غايە، ئېتىقاد ئۇرۇقىنى چاچالايمىز، ياشلارنى مايىل قىلغانلىق كەلگۈسىگە ئېرىشكەنلىكتۇر!

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر