ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز نىياز راھمان خەۋىرى، فوتوسى: كۇچا ناھىيەسىدىكى 30 نەپەردىن ئارتۇق دېھقان سەنئەتكارلاردىن تەشكىللەنگەن قاپاق ئويمىچىلىقى ھەۋەسكارلىرى ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە 21- مارتتىن باشلاپ ئىلگىرى ئۆگەنگەن قاپاق ئويمىچىلىق ماھارىتىنى ئىشقا سېلىپ، پارتيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرى ، يېڭى يېزا قۇرۇلۇشىدىكى زور ئۆزگىرىشلەرنى رەسىم شەكىللىرى ئارقىلىق قاپاققا ئۇيۇپ، يېڭى مەدەنىيەت تارقىتىپ، ئاممىنى تەربىيەلەشتىكى جانلىق دەرسلىك بىلەن تەمىن ئەتتى.
سۈرەتتە: 24- مارت قاپاق ئويمىچىلىقى ھەۋەسكارلىرى يېڭى يېزا تېمىسىدىكى قاپاق ئۇيمىچىلىقى مەشغۇلاتى ئېلىپ بارماقتا.