باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

مۇھەممەدجان ئايۇپ سۇغا چۈشۈپ كەتكەن بەش ياشلىق مۇيەسسەر تۇرانى قۇتقۇزۇۋالدى

2014.03.21 23:13         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 3-ئاينىڭ 18-كۈنى چۈشتىن كېيىن كورلا شەھەر يېڭىشەر يېزا 2-گۇرۇپپىدا ئولتۇرۇشلۇق تۇرا ئەمەتنىڭ ئەمدىلا بەش ياشقا كىرگەن قىزى مۇيەسسەر تۇرا مەھەللىدىكى ئۆز تەڭتۈشلىرى قاتارىدىكى ئۈچ بالا بىلەن ئويناۋېتىپ، ئېھتىياتسىزلىقتىن ئۆز ئۆيىنىڭ يېنىدىكى دولان ئۆستىڭىگە چۈشۈپ كېتىدۇ، بۇ ئۆستەڭ سۇ سىڭمەس ئۆستەڭ بولۇپ، سۈيى ئىنتايىن تېز ئاقاتتى، يېنىدىكى بالىلار مۇيەسسەر سۇغا چۈشۈپ كەتتى دەپ ۋارقىرىشىدۇ، قارشى تەرەپتىن شۇ مەھەللىدە ئولتۇرۇشلۇق دېھقان مۇھەممەدجان ئايۇپ بېغىدىكى نەشپۈت دەرىخىنى چاتاۋاتاتتى، ئۇنىڭ قۇلىقىغا بۇ كىچىك بالىلارنىڭ يىغلاپ توۋلىغان ئاۋازى ئاڭلىنىش بىلەن ئۇ دەرھال ئىشىنى تاشلاپ قويۇپ، يۈگۈرگىنىچە ئۆستەڭ بويىغا كېلىدۇ. دېگەندەك بىر كىچىك قىزنىڭ ئۆستەڭدە بىر چىقىپ، بىر چۆكۈپ تۇنجۇقۇپ قالغانلىقىنى كۆرۈپ دەرھال ئىككىلەنمەيلا ئۆزىنى سۇغا ئېتىپ، مىڭ تەسلىكتە بۇ قىزنى ئاخىرى ئۆلۈم گىرداۋىدىن قۇتۇلدۇرىۋالىدۇ، بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان مۇيەسسەرنىڭ ئاتا-ئانىسى، ئەل جامائەت، ۋە يېزا مەسئۇللىرى بۇ يىگىتنىڭ باتۇر، قەيسەر، ئۆز مەنپەئىتىنى قىلچە ئويلىماي باشقىلارنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزۇشتەك ئالىي جاناب ئېسىل پەزىلىتىگە ئاپىرىن ئوقۇيدۇ. ھەمدە مۇيەسسەرنىڭ ئاتا-ئانىسى مۇھەممەدجانغا چەكسىز مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

  بۇلتۇر 10-ئايدا مۇھەممەدجان مۇشۇ ئۆستەڭدىن 11 ياشلىق خەنزۇ بالىنى قۇتقۇزۇۋالغان ئىدى. ئەخمەتجان ھوشۇر خەۋىرى، فوتوسى

  مۇھەررىر: مۇسا ھەيدەر

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر