- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
شىنجاڭ كەسپىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئاۋىياتسىيە خادىمىلىق كەسپىگە 100 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنىدۇ
2014.03.06 17:16 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ تەستىقى بىلەن، شىنجاڭ كەسپىي ئۇنىۋېرسىتېتى بۇ يىل پۈتۈن شىنجاڭ تەۋەسىدىن ئاۋىياتسىيە خادىمىلىق كەسپىگە جەمئىي 100 نەپەر يېڭى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدۇ.
5-مارت شىنجاڭ كەسپىي ئۇنىۋېرسىتېتىدىن ئىگىلىنىشىچە، ئاۋىياتسىيە خادىمىلىق كەسپى سەنئەت تۈرىگە 0-تۈركۈمدە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشقا تەۋە بولۇپ، تىزىملىتىش خىزمىتى 8-مارت باشلىنىپ، 14-مارت ئاياغلىشىدىكەن. ئوقۇغۇچىلارغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىش ئۈچۈن، مەكتەپ 9-مارت مەرھابا يولىدىكى مەكتەپ رايونىدا ئاۋىياتسىيە خادىمىلىق كەسپى ئېچىۋېتىش كۈنى پائالىيىتى ئېلىپ بارىدىكەن، شۇ چاغدا ئوقۇغۇچىلار ۋە ئاتا-ئانىلار نەق مەيداندا بۇ كەسىپكە نىسبەتەن تېخىمۇ چوڭقۇر تونۇشقا ئىگە بولىدىكەن.
شىنجاڭ كەسپىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئاۋىياتسىيە خادىمىلىق كەسپىدە 2008-يىلىدىن باشلاپ ھازىرغىچە بەش قاراردا 522 ئوقۇغۇچى تەربىيەلەنگەن بولۇپ، بۇنىڭ 350 نەپىرى مەكتەپ پۈتكۈزگەن. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتى %98 كە يەتكەن، بۇنىڭ ئىچىدە ئايروپىلاندا مۇلازىمەت قىلىدىغانلار %60 نى ئىگىلەيدىكەن، ئايرودۇرۇم يەر يۈزىدە ئاۋىياتسىيە خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار %15 كە يېتىدىكەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر