باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

دۆلەت سودا مىنېستىرلىقى تاغلىقلارنى غەمدىن خالاس قىلدى

2014.03.06 01:25         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز مۇساجان ياسىن خەۋىرى: مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلاردىن ئىگىلىنىشىچە، دۆلەت سودا مىنېستىرلىقى قاغىلىق ناھىيەسىنىڭ كۆكيار يېزا مومۇق قاتارلىق ئۈچ كەنتىدىكى تاغلىق چارۋىچىلارنىڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنى روياپقا چىقارغان.

  قاغىلىق ناھىيەسىنىڭ كۆكيار يېزىسىدىكى مومۇق،قارايۇلغۇن قاتارلىق ئۈچ كەنت قاتمۇ-قات قاراقۇرۇم تاغ تېزمىلىرى ئارىسىغا جايلاشقان بولۇپ،بۇ كەنتلەردىكى ئۇيغۇر چارۋىچىلار ئەۋلاتمۇ-ئەۋلات جىن چىراق يورۇقىدا ياشاپ كەلگەن بولسىمۇ،توك بولمىغاچقا رادىيو ئاڭلاش، تېلېۋىزور كۆرۇش ئۇلار ئۈچۈن بىر چۈش ئىدى.2013-يىلى دۆلەت سودا مىنىسترلىقى مەبلەغ سېلىشنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ماسلاشتۇرۇشى بىلەن جۇڭگو مۇھىت ئاسراش فوندى جەمئىيىتى، فرانسىيە سېنىدىر شىركىتى جۇڭگو شۆبە شىركىتىنىڭ مەسئۇللىرى بىر قانچە قېتىم قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ يەكەن ناھىيەسىدىكى قوشراپ،دامىسى يېزىلىرى ۋە قاغىلىق ناھىيەسىدىكى كۆكيار يېزىسىنىڭ بۇ ئۈچ كەنتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق،قاغىلىق ناھىيەسى كۆكيار يېزىسىدىكى ئۈچ كەنتنىڭ مەركەزلەشتۈرۈپ،قۇياش ئېنېرگىيەسى ئىستانسىسىنى دەلىللەپ بېكىتكەن.2-مارت كۆكيار يېزىسىنىڭ مۇئاۋىن يېزا باشلىقى توختى ئىسلامنىڭ مۇخبىرغا ئېيتىشىچە بۇ كەنىتلەرگە بېرىش ئۈچۈن،‹‹خالاستان ››دەرياسىنىڭ يۇقۇرى ئىقىنىدىكى 15تاغدىن ئۆتكەندە بۇ كەنتلەرگە يېتىپ بارغىلى بولىدىكەن.قاتناش قوراللىرىدىن ئات، ئىشەك، تۆگە ئاساسلىق قورال بولۇپ،10مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان بۇ قۇرۇلۇشنىڭ ئۈسكۈنىلىرى يېتىپ كەلگەندە دەرياغا قىيان كېلىپ يوللارنى بۇزۇۋەتكەندىمۇ قۇرۇلۇش ئىشچىلىرى ۋە چارۋىچىلارنىڭ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى بىلەن، ئۈسكۈنلەر زىيان-زەخمەتسىز مەنزىلگە يېتىپ، ئىش ئۈنۈمىگە تەسىر يەتمىگەن.قۇرۇلۇش قىلغۇچى ئورۇنلار قارايۇلغۇن كەنت باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ ئوقۇتۇشنى كىگىز ئۆيدە قىلغانلىقىنى كۆرۈپ، 180مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ، مەكتەپ سېلىپ بەرگەن. قۇرۇلۇش بۇلتۇر 15-دېكابىر پۈتۈپ ئىشلىتىشكە بېرىلىپ، 3000 دىن ئارتۇق چارۋىچى ئەمەلىي نەپكە ئېرىشكەن. جىن چىراقتىن قۇتۇلغان چارۋىچىلار تېلېۋىزور، توڭلاتقۇ، كىرئالغۇ، سىپىرلىق ئاپارات قاتارلىق تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى سېتىۋالغان. مەركەزنىڭ شىنجاڭ-شىزاڭ رادىيو تېلېۋىزىيەسىنى ئائىلىلەرگە يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىدىن نەپكە ئېرىشكەن تاغلىق چارۋىچىلار 50نەچچە قانالدا تېلېۋىزور،60نەچچە قانالدا رادىيو ئاڭلاپ،مەركەز ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ سىياسەتلىرىدىن ۋاقتىدا خەۋەردار بولماقتا.

  مۇھەررىر: مۇسا ھەيدەر

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر