شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش–قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىنىڭ سىياسىي كومىسسارى چې جۈن بىلەن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى شاۋكەت ئىمىن قوشئۆگۈز شەھىرىنىڭ قۇرۇلۇش مۇراسىمىغا قاتناشتى
26-فېۋرال ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قوشئۆگۈز شەھىرىگە رەسمىي ۋېۋىسكا ئېسىلدى . 2014-يىلى 1-ئايدا، گۈۋۇيۈەن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى چېگرىسى ئىچىدە ناھىيە دەرىجىلىك قوشئۆگۈز شەھىرىنى قۇرۇشنى رەسمىي تەستىقلىغان . قوشئۆگۈز شەھىرى — ئىشلەپچىقىرىش –قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىنىڭ ‹‹ دېۋىزىيە بىلەن شەھەرنى بىرلەشتۈرۈۋېتىش ›› ئەندىزىسى بويىچە ، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش–قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى 5-دېۋىزىيەسىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولىدىكەن .
قوشئۆگۈز شەھىرى شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش –قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى قۇرۇلغان 60 يىلدىن بۇيان ، شىخەنزە ، ئوتۇنكوزا ، ئالار، تۇمشۇق ، بېيتۈن ، باشئەگىمدىن كېيىن قۇرۇلغان يەتتىنچى شەھەر . بۇ شەھەر دۆلەتلىك 1-دەرىجىلىك پورت ئالاتاۋ ئېغىزىدىن 51 كىلومېتىر يىراقلىقتا بولۇپ ، بورتالا شەھىرى ، ئالاتاۋ ئېغىزى بىلەن بىرلىكگە يەرلىكنىڭ ئىقتىسادىدا ‹‹ئالتۇن ئۈچ بۇرجەك›› ۋە چېگرا بويى شەھەر بەلبېغىنى شەكىللەندۈرىدىكەن . ئىگىلىنىشىچە ، ‹‹قوشئۆگۈز›› تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە بۇ يەرگە قويۇلغان تۇتۇق مەھكىمىسىنىڭ ئىسمىكەن .