ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز نىياز راھمان خەۋىرى، فوتوسى :كۇچا ناھىيەسىنىڭ بېھشىباغ يېزا چىنباغ كەنتى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۆز جايىنىڭ پارنىكتا شاپتۇل ئۆستۈرۈشكە ماس كېلىشتەك ئەۋزەللىككە ئاساسەن دېھقانلارنى پارنىكتا شاپتۇل ئۆستۈرۈشكە يېتەكلىدى، بۇلتۇر بۇ كەنتتىكى دېھقانلار 15 پارنىكتا شاپتۇل ئۆستۈرۈپ، شاپتۇللارنى ماي ئېيىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن بۇرۇن سېتىپ چىقىرىپ، ھەر بىر پارنىكتىن 30 مىڭ يۈەندىن ساپ پايدا ئالدى، نۆۋەتتە، بۇ كەنتتە بالدۇر پىشىدىغان شاپتۇل پارنىكى 19 غا، كۆلىمى 25.6 موغا يېتىپ، بۇ يىل بۇ كەنتتىكى پارنىكچى دېھقانلار ھەر بىر شاپتۇل پارنىكىدىن 40 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلىشنى پىلانلىدى.
سۈرەتتە: 24- فېۋرال بېھشىباغ يېزسىنىڭ تېخنىكى ياسىن رۇزى ( سولدىن 1- كىشى) پارنىكچى دېھقانلارغا شاپتۇل كۆچەتلىرىنىڭ چېچەكلەش مەزگىلدىكى پەرۋىشى ھەققىدە چۈشەنچە بەرمەكتە.